caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

القلم سۈرىسى القلم

52 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 2

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ نٓ وَٱلْقَلَمِ وَمَا يَسْطُرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى(1)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

مَآ أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن(2).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِنَّ لَكَ لَأَجْرًا غَيْرَ مَمْنُونٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسۈمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن(3).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن(4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَسَتُبْصِرُ وَيُبْصِرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ(5ـ6).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

بِأَييِّكُمُ ٱلْمَفْتُونُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ(5ـ6).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعْلَمُ بِٱلْمُهْتَدِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ(7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَلَا تُطِعِ ٱلْمُكَذِّبِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَدُّوا۟ لَوْ تُدْهِنُ فَيُدْهِنُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ (سەن بىلەن) مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ(9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَا تُطِعْ كُلَّ حَلَّافٍ مَّهِينٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن(10ـ13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هَمَّازٍ مَّشَّآءٍۭ بِنَمِيمٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن(10ـ13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

مَّنَّاعٍ لِّلْخَيْرِ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن(10ـ13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عُتُلٍّۭ بَعْدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن(10ـ13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَن كَانَ ذَا مَالٍ وَبَنِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ(14ـ15).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ءَايَٰتُنَا قَالَ أَسَٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ(14ـ15).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

سَنَسِمُهُۥ عَلَى ٱلْخُرْطُومِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز(16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّا بَلَوْنَٰهُمْ كَمَا بَلَوْنَآ أَصْحَٰبَ ٱلْجَنَّةِ إِذْ أَقْسَمُوا۟ لَيَصْرِمُنَّهَا مُصْبِحِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىگە ئوخشاش ۋەھىينى ئىنكار قىلغانلارنى) مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك (قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش بىلەن) سىنىدۇق. ئۇلار (يەنى باغنىڭ ئىگىلىرى) ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى (كەمبەغەللەر ئۇقمىسۇن، ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيلى دېيىشىپ) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى(17).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَا يَسْتَثْنُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار خۇدا خالىسا دېمىگەن ئىدى(18).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَطَافَ عَلَيْهَا طَآئِفٌ مِّن رَّبِّكَ وَهُمْ نَآئِمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى(19ـ20).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَأَصْبَحَتْ كَٱلصَّرِيمِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى(19ـ20).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَتَنَادَوْا۟ مُصْبِحِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى(21ـ22).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَنِ ٱغْدُوا۟ عَلَىٰ حَرْثِكُمْ إِن كُنتُمْ صَٰرِمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى(21ـ22).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَٱنطَلَقُوا۟ وَهُمْ يَتَخَٰفَتُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى(23 ـ 24).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَن لَّا يَدْخُلَنَّهَا ٱلْيَوْمَ عَلَيْكُم مِّسْكِينٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى(23 ـ 24).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَغَدَوْا۟ عَلَىٰ حَرْدٍ قَٰدِرِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «(مىسكىنلەرنى باغقا كىرىشتىن) توسىيالايمىز دېگەن ئوي بىلەن، ئەتىگەندە تۇرۇشتى(25).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَلَمَّا رَأَوْهَا قَالُوٓا۟ إِنَّا لَضَآلُّونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى(26ـ27).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى(26ـ27).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قَالَ أَوْسَطُهُمْ أَلَمْ أَقُل لَّكُمْ لَوْلَا تُسَبِّحُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ ياخشىسى (يەنى ئەڭ ئەقىللىقى): «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟» دېدى(28).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قَالُوا۟ سُبْحَٰنَ رَبِّنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز (مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى مەنئى قىلىش بىلەن) ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى(29).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَلَٰوَمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ـ بىرگە قارىشىپ ئۆز ئارا مالامەت قىلىشتى(30).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قَالُوا۟ يَٰوَيْلَنَآ إِنَّا كُنَّا طَٰغِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار دېيىشتى: «ۋاي ھالىمىزغا! بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق(31).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عَسَىٰ رَبُّنَآ أَن يُبْدِلَنَا خَيْرًا مِّنْهَآ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا رَٰغِبُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇمىدكى، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز»(32).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَذَٰلِكَ ٱلْعَذَابُ وَلَعَذَابُ ٱلْـَٔاخِرَةِ أَكْبَرُ لَوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر (يەنى قۇرەيشكىمۇ باغ ئىگىلىرىگە چۈشكەن ئازاب چۈشىدۇ). ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر(33).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ عِندَ رَبِّهِمْ جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh. تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ(34).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَفَنَجْعَلُ ٱلْمُسْلِمِينَ كَٱلْمُجْرِمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟(35)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر!(36)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَمْ لَكُمْ كِتَٰبٌ فِيهِ تَدْرُسُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟(37ـ38)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ لَكُمْ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟(37ـ38)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَمْ لَكُمْ أَيْمَٰنٌ عَلَيْنَا بَٰلِغَةٌ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَٰمَةِ إِنَّ لَكُمْ لَمَا تَحْكُمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياكى سىلەرنىڭ ھۆكۈم قىلغان نەرسەڭلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن بىز سىلەر بىلەن قىيامەت كۈنى ئاندىن ۋاقتى توشىدىغان مەھكەم بىر ئەھدى تۈزۈشكەنمۇ؟(39)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

سَلْهُمْ أَيُّهُم بِذَٰلِكَ زَعِيمٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىسى يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟(40)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَمْ لَهُمْ شُرَكَآءُ فَلْيَأْتُوا۟ بِشُرَكَآئِهِمْ إِن كَانُوا۟ صَٰدِقِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياكى ئۇلارنىڭ (يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلىدىغان شېرىكلىرى) بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار (دەۋاسىدا) راستچىل بولسا، شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن(41).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَوْمَ يُكْشَفُ عَن سَاقٍ وَيُدْعَوْنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار (ئىمانىنى سىناش ئۈچۈن) سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ(42).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

خَٰشِعَةً أَبْصَٰرُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ وَقَدْ كَانُوا۟ يُدْعَوْنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ وَهُمْ سَٰلِمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ، ئۇلارغا خارلىق يۈزلىنىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا) ساغلام چاغلىرىدا سەجدىگە دەۋەت قىلىنغان ئىدى (ئۇلار سەجدىدىن باش تارتاتتى)(43).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَذَرْنِى وَمَن يُكَذِّبُ بِهَٰذَا ٱلْحَدِيثِ سَنَسْتَدْرِجُهُم مِّنْ حَيْثُ لَا يَعْلَمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز(44).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَأُمْلِى لَهُمْ إِنَّ كَيْدِى مَتِينٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر(45).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَمْ تَسْـَٔلُهُمْ أَجْرًا فَهُم مِّن مَّغْرَمٍ مُّثْقَلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياكى ئۇلاردىن (دىنغا دەۋەت قىلغانلىقىڭغا) ھەق سوراپ، ئۇلارنىڭ (ئىقتىسادىي) يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتىڭمۇ؟(46)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَمْ عِندَهُمُ ٱلْغَيْبُ فَهُمْ يَكْتُبُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيب (يەنى غەيبنى ئىچىگە ئالغان لەۋھۇلمەھپۇز) بار بولۇپ، ئۇلار (ئېيتىدىغانلىرىنى شۇنىڭغا) يازامدۇ؟(47)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَٱصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُن كَصَاحِبِ ٱلْحُوتِ إِذْ نَادَىٰ وَهُوَ مَكْظُومٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، (ئالدىراڭغۇلۇقتا، زېرىككەكلىكتە) بېلىقنىڭ ساھىبىغا (يەنى يۇنۇسقا) ئوخشاش بولمىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى(48).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَّوْلَآ أَن تَدَٰرَكَهُۥ نِعْمَةٌ مِّن رَّبِّهِۦ لَنُبِذَ بِٱلْعَرَآءِ وَهُوَ مَذْمُومٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نېمىتىگە ئېرىشمىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ (قىلمىشىغا) مالامەت قىلىنغان ھالدا (دەرەخمۇ يوق، تاغمۇ يوق) بىر دالىغا تاشلانغان بولاتتى(49).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَٱجْتَبَٰهُ رَبُّهُۥ فَجَعَلَهُۥ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارى ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى، ئۇنى ياخشىلاردىن قىلدى(50).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِن يَكَادُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَٰرِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا۟ ٱلذِّكْرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُۥ لَمَجْنُونٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. سېنى: «شۈبھىسىز بىر مەجنۇن» دېيىشىدۇ(51).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَٰلَمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقۇرئان پەقەت تامام ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر(52).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70