caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

الملك سۈرىسى الملك

30 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 77

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ تَبَٰرَكَ ٱلَّذِى بِيَدِهِ ٱلْمُلْكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(پۈتۈن ئاسمان ـ زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر(1).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلْمَوْتَ وَٱلْحَيَوٰةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْغَفُورُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر(2).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّذِى خَلَقَ سَبْعَ سَمَٰوَٰتٍ طِبَاقًا مَّا تَرَىٰ فِى خَلْقِ ٱلرَّحْمَٰنِ مِن تَفَٰوُتٍ فَٱرْجِعِ ٱلْبَصَرَ هَلْ تَرَىٰ مِن فُطُورٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن. سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟(3)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ثُمَّ ٱرْجِعِ ٱلْبَصَرَ كَرَّتَيْنِ يَنقَلِبْ إِلَيْكَ ٱلْبَصَرُ خَاسِئًا وَهُوَ حَسِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ(4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَقَدْ زَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنْيَا بِمَصَٰبِيحَ وَجَعَلْنَٰهَا رُجُومًا لِّلشَّيَٰطِينِ وَأَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابَ ٱلسَّعِيرِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئۇرۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق (يەنى شەيتانلار يۇلتۇزلاردىن چىققان نۇر بىلەن ئېتىلىدۇ)، شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق(5).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلِلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِرَبِّهِمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!(6)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِذَآ أُلْقُوا۟ فِيهَا سَمِعُوا۟ لَهَا شَهِيقًا وَهِىَ تَفُورُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ(7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ ٱلْغَيْظِ كُلَّمَآ أُلْقِىَ فِيهَا فَوْجٌ سَأَلَهُمْ خَزَنَتُهَآ أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَذِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehدوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قَالُوا۟ بَلَىٰ قَدْ جَآءَنَا نَذِيرٌ فَكَذَّبْنَا وَقُلْنَا مَا نَزَّلَ ٱللَّهُ مِن شَىْءٍ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا فِى ضَلَٰلٍ كَبِيرٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلدۇق ھەمدە بىز: ئاللاھ (ھېچ ئادەمگە ۋەھىيدىن) بىرەر نەرسە نازىل قىلىنغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا- دېدۇق» دەيدۇ(9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَقَالُوا۟ لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِىٓ أَصْحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ(10).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَٱعْتَرَفُوا۟ بِذَنۢبِهِمْ فَسُحْقًا لِّأَصْحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن!(11)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ ٱلَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُم بِٱلْغَيْبِ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ(12).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَأَسِرُّوا۟ قَوْلَكُمْ أَوِ ٱجْهَرُوا۟ بِهِۦٓ إِنَّهُۥ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر سۆزۈڭلارنى مەخپىي قىلىڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار (ئاللاھ ھامان ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر(13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَلَا يَعْلَمُ مَنْ خَلَقَ وَهُوَ ٱللَّطِيفُ ٱلْخَبِيرُ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(مەخلۇقاتنى) ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر(14).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هُوَ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ ذَلُولًا فَٱمْشُوا۟ فِى مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا۟ مِن رِّزْقِهِۦ وَإِلَيْهِ ٱلنُّشُورُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر(15).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ءَأَمِنتُم مَّن فِى ٱلسَّمَآءِ أَن يَخْسِفَ بِكُمُ ٱلْأَرْضَ فَإِذَا هِىَ تَمُورُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟(16)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَمْ أَمِنتُم مَّن فِى ٱلسَّمَآءِ أَن يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا فَسَتَعْلَمُونَ كَيْفَ نَذِيرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ (سىلەر ئازابنى كۆرگەن چاغدا) مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى (يەنى ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلىسىلەر(17).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَقَدْ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقاردى. (ئۇلارنى ئازاب چۈشۈرۈش بىلەن) ئەيىبلىگەنلىكىم قانداق ئىكەن؟(18)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَوَلَمْ يَرَوْا۟ إِلَى ٱلطَّيْرِ فَوْقَهُمْ صَٰٓفَّٰتٍ وَيَقْبِضْنَ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا ٱلرَّحْمَٰنُ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَىْءٍۭ بَصِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ (قاناتلىرىنى كەرگەن ۋە يىغقان ھالدا) ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى (قاناتلىرىنى ئاچقان ۋە يىغقان چاغدا يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(19).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَمَّنْ هَٰذَا ٱلَّذِى هُوَ جُندٌ لَّكُمْ يَنصُرُكُم مِّن دُونِ ٱلرَّحْمَٰنِ إِنِ ٱلْكَٰفِرُونَ إِلَّا فِى غُرُورٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرگە ئاللاھ ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كىم سىلەرگە ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ؟ كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر (يەنى شەيتان ئۇلارنى ئازاب نازىل بولمايدۇ دەپ ئالدايدۇ)(20).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَمَّنْ هَٰذَا ٱلَّذِى يَرْزُقُكُمْ إِنْ أَمْسَكَ رِزْقَهُۥ بَل لَّجُّوا۟ فِى عُتُوٍّ وَنُفُورٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر ئاللاھ رىزقىنى تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ؟ ئۇلار تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلەپ كەتكەندۇر(21).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَفَمَن يَمْشِى مُكِبًّا عَلَىٰ وَجْهِهِۦٓ أَهْدَىٰٓ أَمَّن يَمْشِى سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehزادى قايسى ئادەم يول تاپالايدۇ؟ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ماڭغان ئادەممۇ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەممۇ؟(22)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قُلْ هُوَ ٱلَّذِىٓ أَنشَأَكُمْ وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمْعَ وَٱلْأَبْصَٰرَ وَٱلْأَفْـِٔدَةَ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقنى، كۆزلەرنى، دىللارنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلسىلەر»(23).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قُلْ هُوَ ٱلَّذِى ذَرَأَكُمْ فِى ٱلْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر»(24).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَٰدِقِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» دەيدۇ(25).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قُلْ إِنَّمَا ٱلْعِلْمُ عِندَ ٱللَّهِ وَإِنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٌ مُّبِينٌ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(بۇ ھەقتىكى) ئىلىم (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»(26).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَلَمَّا رَأَوْهُ زُلْفَةً سِيٓـَٔتْ وُجُوهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَقِيلَ هَٰذَا ٱلَّذِى كُنتُم بِهِۦ تَدَّعُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ(27).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قُلْ أَرَءَيْتُمْ إِنْ أَهْلَكَنِىَ ٱللَّهُ وَمَن مَّعِىَ أَوْ رَحِمَنَا فَمَن يُجِيرُ ٱلْكَٰفِرِينَ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغان (مۆمىنلەرنى) ھالاك قىلىدىغان بولسا، ياكى (بىزنىڭ ئەجىلىمىزنى كېچىكتۈرۈپ) بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا، كاپىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟»(28)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قُلْ هُوَ ٱلرَّحْمَٰنُ ءَامَنَّا بِهِۦ وَعَلَيْهِ تَوَكَّلْنَا فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ فِى ضَلَٰلٍ مُّبِينٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئېيتقىنكى، «ئۇ ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھتۇر، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە بىلىسىلەر»(29).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قُلْ أَرَءَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَآؤُكُمْ غَوْرًا فَمَن يَأْتِيكُم بِمَآءٍ مَّعِينٍۭ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلارغا) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ (سۈيىڭلار يەر ئاستىغا) سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ» دېگىن(30).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70