caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

المدثر سۈرىسى المدثر

56 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 4

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ يَٰٓأَيُّهَا ٱلْمُدَّثِّرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)(1)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قُمْ فَأَنذِرْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehتۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر(2).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا(3).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكىيىمىڭنى پاك تۇت(4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلرُّجْزَ فَٱهْجُرْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول(5).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَا تَمْنُن تَسْتَكْثِرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى بىر كىشىگە بىرەر سوۋغا بەرسەڭ، ئۇنىڭدىن بەرگەن نەرسەڭدىن كۆپرەك نەرسە ئېلىشنى تەمە قىلما)(6)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلِرَبِّكَ فَٱصْبِرْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭنىڭ (رازىلىقى) ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتكە) سەۋر قىل(7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَإِذَا نُقِرَ فِى ٱلنَّاقُورِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر(8ـ9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَذَٰلِكَ يَوْمَئِذٍ يَوْمٌ عَسِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر(8ـ9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عَلَى ٱلْكَٰفِرِينَ غَيْرُ يَسِيرٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر(10).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ذَرْنِى وَمَنْ خَلَقْتُ وَحِيدًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت(11).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَجَعَلْتُ لَهُۥ مَالًا مَّمْدُودًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم(12).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَبَنِينَ شُهُودًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم(13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَهَّدتُّ لَهُۥ تَمْهِيدًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈردۈم(14).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ثُمَّ يَطْمَعُ أَنْ أَزِيدَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ(15).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَلَّآ إِنَّهُۥ كَانَ لِـَٔايَٰتِنَا عَنِيدًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehياق، (يەنى ئۇنىڭ خالىغىنى بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى(16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

سَأُرْهِقُهُۥ صَعُودًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن(17).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّهُۥ فَكَّرَ وَقَدَّرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى، (قۇرئان توغرۇلۇق نېمە دېيىشنى ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى(18).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَقُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehلەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟(19)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ثُمَّ قُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehيەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى(20).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ثُمَّ نَظَرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن ئۇ قارىدى(21)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى(22)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ثُمَّ أَدْبَرَ وَٱسْتَكْبَرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى(23)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَقَالَ إِنْ هَٰذَآ إِلَّا سِحْرٌ يُؤْثَرُ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh«بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى(24ـ25).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنْ هَٰذَآ إِلَّا قَوْلُ ٱلْبَشَرِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh«بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى(24ـ25).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

سَأُصْلِيهِ سَقَرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن(26).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا سَقَرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(27)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَا تُبْقِى وَلَا تَذَرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)(28).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَوَّاحَةٌ لِّلْبَشَرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ(29).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عَلَيْهَا تِسْعَةَ عَشَرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر(30).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَا جَعَلْنَآ أَصْحَٰبَ ٱلنَّارِ إِلَّا مَلَٰٓئِكَةً وَمَا جَعَلْنَا عِدَّتَهُمْ إِلَّا فِتْنَةً لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِيَسْتَيْقِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ وَيَزْدَادَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِيمَٰنًا وَلَا يَرْتَابَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ وَٱلْمُؤْمِنُونَ وَلِيَقُولَ ٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَٱلْكَٰفِرُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلًا كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهْدِى مَن يَشَآءُ وَمَا يَعْلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَ وَمَا هِىَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْبَشَرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتابلىرىدىكى بۇ ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتماي، مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرئان خەۋەرلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچەيگەي! ئەھلى كىتاب ۋە مۆمىنلەر (بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: «بۇ مىسالدىن ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ، ئاللاھ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، (يەنى ئاللاھ بايان قىلغان دوزاخ) پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر(31).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَلَّا وَٱلْقَمَرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياق (يەنى ئۇ مەسخىرە قىلغۇچىلار قەبىھ قىلمىشىدىن يانسۇن)، ئاي بىلەن قەسەمكى(32)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلَّيْلِ إِذْ أَدْبَرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى(33)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلصُّبْحِ إِذَآ أَسْفَرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehيورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى(34)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّهَا لَإِحْدَى ٱلْكُبَرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، دوزاخ بالالاردىن بىرىدۇر (ئۇنى قانداقمۇ مەسخىرە قىلىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا چىنپۈتمەيسىلەر؟)(35).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

نَذِيرًا لِّلْبَشَرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر(36).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لِمَن شَآءَ مِنكُمْ أَن يَتَقَدَّمَ أَوْ يَتَأَخَّرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەردىن (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر(37).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ رَهِينَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر(38).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِلَّآ أَصْحَٰبَ ٱلْيَمِينِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەقەت ئەسھابى يەمىن (يەنى سائادەتمەن مۆمىنلەر) بۇنىڭدىن مۇستەسنا(39).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فِى جَنَّٰتٍ يَتَسَآءَلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ(40ـ42).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عَنِ ٱلْمُجْرِمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ(40ـ42).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

مَا سَلَكَكُمْ فِى سَقَرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ(40ـ42).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قَالُوا۟ لَمْ نَكُ مِنَ ٱلْمُصَلِّينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق(43).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَمْ نَكُ نُطْعِمُ ٱلْمِسْكِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehمىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق(44).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ ٱلْخَآئِضِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق(45).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوْمِ ٱلدِّينِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق(46)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

حَتَّىٰٓ أَتَىٰنَا ٱلْيَقِينُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehتاكى بىز ئۆلگۈچە (شۇنداق قىلدۇق)»(47).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَمَا تَنفَعُهُمْ شَفَٰعَةُ ٱلشَّٰفِعِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ)(48).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَمَا لَهُمْ عَنِ ٱلتَّذْكِرَةِ مُعْرِضِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار نېمىشقا ۋەز (يەنى قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟(49)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَأَنَّهُمْ حُمُرٌ مُّسْتَنفِرَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehگويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)(50ـ51).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَرَّتْ مِن قَسْوَرَةٍۭ

بَلْ يُرِيدُ كُلُّ ٱمْرِئٍ مِّنْهُمْ أَن يُؤْتَىٰ صُحُفًا مُّنَشَّرَةً

Uyghur Translation - Muhammad Salehبەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى خالايدۇ (يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابىدەك كىتاب نازىل قىلىنىشىنى تەمە قىلىدۇ)(52).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَلَّا بَل لَّا يَخَافُونَ ٱلْـَٔاخِرَةَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياق (يەنى ئۇلار مۇنداق تەمەدىن يانسۇن). بەلكى ئۇلار (ئاخىرەتتىن) قورقمايدۇ(53).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَلَّآ إِنَّهُۥ تَذْكِرَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياق، مۇقەررەركى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەختىيار بولۇشىنى كۆزلەيدىغان بولسا، قۇرئان ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىغا يېتەرلىكتۇر)(54).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ

Uyghur Translation - Muhammad Salehخالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ(55).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَا يَذْكُرُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ هُوَ أَهْلُ ٱلتَّقْوَىٰ وَأَهْلُ ٱلْمَغْفِرَةِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار پەقەت خالىسا، ئاندىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرى) قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىنى) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر(56).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70