caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

الفجر سۈرىسى الفجر

30 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 10

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ وَٱلْفَجْرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسۈبھى بىلەن، (1)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَيَالٍ عَشْرٍ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(2)(زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلشَّفْعِ وَٱلْوَتْرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقۇربانلىق كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن، (3)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلَّيْلِ إِذَا يَسْرِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(كائىناتنىڭ ئاجايىپ ھەرىكىتى بىلەن) ئۆتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى، (كاپىرلارغا چوقۇم ئازاب قىلىمىز) (4)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هَلْ فِى ذَٰلِكَ قَسَمٌ لِّذِى حِجْرٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا (يەنى يۇقىرقى نەرسىلەردە قانائەتلىنەرلىك)قەسەم بارمۇ؟. (5)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِعَادٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟(6ـ7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِرَمَ ذَاتِ ٱلْعِمَادِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟(6ـ7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّتِى لَمْ يُخْلَقْ مِثْلُهَا فِى ٱلْبِلَٰدِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَثَمُودَ ٱلَّذِينَ جَابُوا۟ ٱلصَّخْرَ بِٱلْوَادِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى ئاللاھ قانداق جازالىدى(9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَفِرْعَوْنَ ذِى ٱلْأَوْتَادِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى(10).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّذِينَ طَغَوْا۟ فِى ٱلْبِلَٰدِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى(11).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَأَكْثَرُوا۟ فِيهَا ٱلْفَسَادَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى(12).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَصَبَّ عَلَيْهِمْ رَبُّكَ سَوْطَ عَذَابٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى(13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ رَبَّكَ لَبِٱلْمِرْصَادِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر(14).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَأَمَّا ٱلْإِنسَٰنُ إِذَا مَا ٱبْتَلَىٰهُ رَبُّهُۥ فَأَكْرَمَهُۥ وَنَعَّمَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّىٓ أَكْرَمَنِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ(15).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَأَمَّآ إِذَا مَا ٱبْتَلَىٰهُ فَقَدَرَ عَلَيْهِ رِزْقَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّىٓ أَهَٰنَنِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ(16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَلَّا بَل لَّا تُكْرِمُونَ ٱلْيَتِيمَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر(17).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَا تَحَٰٓضُّونَ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلْمِسْكِينِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر(18).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَتَأْكُلُونَ ٱلتُّرَاثَ أَكْلًا لَّمًّا

Uyghur Translation - Muhammad Salehمىراسنى (ھالال- ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر(19).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَتُحِبُّونَ ٱلْمَالَ حُبًّا جَمًّا

Uyghur Translation - Muhammad Salehمالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر(20).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَلَّآ إِذَا دُكَّتِ ٱلْأَرْضُ دَكًّا دَكًّا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا(21).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَجَآءَ رَبُّكَ وَٱلْمَلَكُ صَفًّا صَفًّا

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا(22).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَجِا۟ىٓءَ يَوْمَئِذٍۭ بِجَهَنَّمَ يَوْمَئِذٍ يَتَذَكَّرُ ٱلْإِنسَٰنُ وَأَنَّىٰ لَهُ ٱلذِّكْرَىٰ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن(23).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَقُولُ يَٰلَيْتَنِى قَدَّمْتُ لِحَيَاتِى

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»(24)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَيَوْمَئِذٍ لَّا يُعَذِّبُ عَذَابَهُۥٓ أَحَدٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ(25).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَا يُوثِقُ وَثَاقَهُۥٓ أَحَدٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەمدە ھېچ ئەھەدى ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ(26).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰٓأَيَّتُهَا ٱلنَّفْسُ ٱلْمُطْمَئِنَّةُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى ئارام تاپقۇچى جان!(27)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱرْجِعِىٓ إِلَىٰ رَبِّكِ رَاضِيَةً مَّرْضِيَّةً

Uyghur Translation - Muhammad Salehسەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن(28).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَٱدْخُلِى فِى عِبَٰدِى

Uyghur Translation - Muhammad Salehسەن مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن(29).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱدْخُلِى جَنَّتِى

Uyghur Translation - Muhammad Salehمېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن(30).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70