caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

الغاشية سۈرىسى الغاشية

26 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 68

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ هَلْ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلْغَٰشِيَةِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى(1).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ خَٰشِعَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر(2).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عَامِلَةٌ نَّاصِبَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر(3).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تَصْلَىٰ نَارًا حَامِيَةً

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ(4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تُسْقَىٰ مِنْ عَيْنٍ ءَانِيَةٍ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ(5).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَّيْسَ لَهُمْ طَعَامٌ إِلَّا مِن ضَرِيعٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ(6).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَّا يُسْمِنُ وَلَا يُغْنِى مِن جُوعٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehزەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ(7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاعِمَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لِّسَعْيِهَا رَاضِيَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى - ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر(9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فِى جَنَّةٍ عَالِيَةٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر(10).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَّا تَسْمَعُ فِيهَا لَٰغِيَةً

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ(11).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فِيهَا عَيْنٌ جَارِيَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ(12).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فِيهَا سُرُرٌ مَّرْفُوعَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَأَكْوَابٌ مَّوْضُوعَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَنَمَارِقُ مَصْفُوفَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَزَرَابِىُّ مَبْثُوثَةٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَفَلَا يَنظُرُونَ إِلَى ٱلْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى(17)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِلَى ٱلسَّمَآءِ كَيْفَ رُفِعَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى(18)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِلَى ٱلْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehتاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى(19)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِلَى ٱلْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehزېمىن قانداق يېيىتىلدى(20).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَذَكِّرْ إِنَّمَآ أَنتَ مُذَكِّرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن(21).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَّسْتَ عَلَيْهِم بِمُصَيْطِرٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن(22).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِلَّا مَن تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehلېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىدىكەن(23)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَيُعَذِّبُهُ ٱللَّهُ ٱلْعَذَابَ ٱلْأَكْبَرَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ(24).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ إِلَيْنَآ إِيَابَهُمْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ(25).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا حِسَابَهُم

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز(26).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70