caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

المرسلات سۈرىسى المرسلات

50 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 33

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ وَٱلْمُرْسَلَٰتِ عُرْفًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئارقىمۇئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى(1)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَٱلْعَٰصِفَٰتِ عَصْفًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehقاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى(2)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلنَّٰشِرَٰتِ نَشْرًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(بۇلۇتلارنى ئاللاھ خالىغان تەرەپلەرگە) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى(3)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَٱلْفَٰرِقَٰتِ فَرْقًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھارام بىلەن ھالالنىڭ) ئارىسىنى ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(4)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَٱلْمُلْقِيَٰتِ ذِكْرًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(5ـ6)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عُذْرًا أَوْ نُذْرًا

إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَٰقِعٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر(7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَإِذَا ٱلنُّجُومُ طُمِسَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehيۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ فُرِجَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمان يېرىلغان چاغدا(9)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلْجِبَالُ نُسِفَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehتاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا(10)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلرُّسُلُ أُقِّتَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ)(11).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لِأَىِّ يَوْمٍ أُجِّلَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟(12)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لِيَوْمِ ٱلْفَصْلِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehخالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى)(13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى (يەنى ئۇنىڭ دەھشىتىنى) قانداق بىلەلەيسەن؟(14)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(15)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَلَمْ نُهْلِكِ ٱلْأَوَّلِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟(16)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ثُمَّ نُتْبِعُهُمُ ٱلْـَٔاخِرِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق(17).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِٱلْمُجْرِمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehگۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى جازالايمىز)(18).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(19)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَلَمْ نَخْلُقكُّم مِّن مَّآءٍ مَّهِينٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟(20)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَجَعَلْنَٰهُ فِى قَرَارٍ مَّكِينٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق(21ـ22).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِلَىٰ قَدَرٍ مَّعْلُومٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق(21ـ22).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ ٱلْقَٰدِرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!(23)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(24)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَلَمْ نَجْعَلِ ٱلْأَرْضَ كِفَاتًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehزېمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟(25)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَحْيَآءً وَأَمْوَٰتًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(يەنى) تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى (ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟)(26)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَجَعَلْنَا فِيهَا رَوَٰسِىَ شَٰمِخَٰتٍ وَأَسْقَيْنَٰكُم مَّآءً فُرَاتًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق(27).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(28)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱنطَلِقُوٓا۟ إِلَىٰ مَا كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى): «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، (29)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱنطَلِقُوٓا۟ إِلَىٰ ظِلٍّ ذِى ثَلَٰثِ شُعَبٍ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەلىرى ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)(30).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَّا ظَلِيلٍ وَلَا يُغْنِى مِنَ ٱللَّهَبِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ سايە (جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى بولۇپ كىشىنى) سەگىدەتمەيدۇ، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسمايدۇ(31).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّهَا تَرْمِى بِشَرَرٍ كَٱلْقَصْرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ يالقۇن قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ(32).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَأَنَّهُۥ جِمَٰلَتٌ صُفْرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ ئۇچقۇنلار قارا ـ سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ(33).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(34)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هَٰذَا يَوْمُ لَا يَنطِقُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ(35).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَا يُؤْذَنُ لَهُمْ فَيَعْتَذِرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ(36).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(37)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هَٰذَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ جَمَعْنَٰكُمْ وَٱلْأَوَّلِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر، (ئۇ كۈندە) سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى) (ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىمىز(38).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَإِن كَانَ لَكُمْ كَيْدٌ فَكِيدُونِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر (ئازابتىن قۇتۇلۇشقا) بىرەر چارەڭلار بولسا، چارە قىلىپ بېقىڭلار(39).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(40)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى ظِلَٰلٍ وَعُيُونٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ(41ـ42).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَفَوَٰكِهَ مِمَّا يَشْتَهُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ(41ـ42).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ هَنِيٓـًٔۢا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلارغا) «دۇنيادا قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن خۇشال ـ خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ)(43).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(44).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(45)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كُلُوا۟ وَتَمَتَّعُوا۟ قَلِيلًا إِنَّكُم مُّجْرِمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(كۇففارلارغا) «(دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن) ۋاقىتلىق يەڭلار ۋە بەھرىمەن بولۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر» (دېيىلىدۇ)(46).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(47)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱرْكَعُوا۟ لَا يَرْكَعُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ(48).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(49)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَبِأَىِّ حَدِيثٍۭ بَعْدَهُۥ يُؤْمِنُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (شانلىق دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پاساھەت ـ بالاغەتتە ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە) باشقا قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟(50)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70