caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

النبإ سۈرىسى النبإ

40 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 80

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ عَمَّ يَتَسَآءَلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(مۇشرىكلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق) سورىشىدۇ؟(1)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عَنِ ٱلنَّبَإِ ٱلْعَظِيمِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ(2).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّذِى هُمْ فِيهِ مُخْتَلِفُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار شۇ (يەنى قىيامەت) توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر(3).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَلَّا سَيَعْلَمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (قىيامەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك يالغان ئەمەس)، ئۇلار (ھەقىقىي ئەھۋالنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ(4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ثُمَّ كَلَّا سَيَعْلَمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (بېشىغا كەلگەن ئازابنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ(5).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَلَمْ نَجْعَلِ ٱلْأَرْضَ مِهَٰدًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇقىملىشىشىڭلار ۋە كەڭ تۈزلەڭلىكلەرگە زىرائەت تېرىپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن) زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ؟(6)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلْجِبَالَ أَوْتَادًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟(7)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَخَلَقْنَٰكُمْ أَزْوَٰجًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرنى ئەر ـ ئايال قىلىپ ياراتتۇق(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَجَعَلْنَا نَوْمَكُمْ سُبَاتًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇيقۇنى سىلەرنىڭ (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدۇق(9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَجَعَلْنَا ٱلَّيْلَ لِبَاسًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehكېچىنى لىباس قىلدۇق(10).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَجَعَلْنَا ٱلنَّهَارَ مَعَاشًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehكۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق(11).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَبَنَيْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعًا شِدَادًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق(12).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَجَعَلْنَا سِرَاجًا وَهَّاجًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(سىلەر ئۈچۈن) يېنىپ تۇرغان چىراغنى (قۇياشنى) ياراتتۇق(13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلْمُعْصِرَٰتِ مَآءً ثَجَّاجًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق(14ـ16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لِّنُخْرِجَ بِهِۦ حَبًّا وَنَبَاتًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق(14ـ16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَجَنَّٰتٍ أَلْفَافًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق(14ـ16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ يَوْمَ ٱلْفَصْلِ كَانَ مِيقَٰتًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehقىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن (مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش) ۋاقتىدۇر(17).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَوْمَ يُنفَخُ فِى ٱلصُّورِ فَتَأْتُونَ أَفْوَاجًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ، سىلەر توپ ـ توپ بولۇپ كېلىسىلەر(18).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَفُتِحَتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتْ أَبْوَٰبًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ(19).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَسُيِّرَتِ ٱلْجِبَالُ فَكَانَتْ سَرَابًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehتاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ)(20).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتْ مِرْصَادًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehجەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ(21).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لِّلطَّٰغِينَ مَـَٔابًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehجەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر(22).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَّٰبِثِينَ فِيهَآ أَحْقَابًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ(23).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَّا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرْدًا وَلَا شَرَابًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ(24).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِلَّا حَمِيمًا وَغَسَّاقًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ(25).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

جَزَآءً وِفَاقًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ ئۇلارغا بېرىلىدىغان مۇۋاپىق جازادۇر. (26)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّهُمْ كَانُوا۟ لَا يَرْجُونَ حِسَابًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehچۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى(27)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَٰتِنَا كِذَّابًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى(28).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَكُلَّ شَىْءٍ أَحْصَيْنَٰهُ كِتَٰبًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويغان ئىدۇق(29).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَذُوقُوا۟ فَلَن نَّزِيدَكُمْ إِلَّا عَذَابًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»(30).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ مَفَازًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار نېمەتكە ئېرىشىدۇ(31).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

حَدَآئِقَ وَأَعْنَٰبًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇ نېمەت) باغلار، ئۈزۈملەردۇر(32).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَكَوَاعِبَ أَتْرَابًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehتەڭتۇش قىزلاردۇر(33).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَكَأْسًا دِهَاقًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملاردۇر(34).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَّا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا وَلَا كِذَّٰبًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار جەننەتتە يالغان سۆز، بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ(35).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

جَزَآءً مِّن رَّبِّكَ عَطَآءً حِسَابًا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئەنە شۇلار) پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى، يېتەرلىك ئاتاسىدۇر(36).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

رَّبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ٱلرَّحْمَٰنِ لَا يَمْلِكُونَ مِنْهُ خِطَابًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. (ئۇ كۈندە ھېچ كىشى) ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ(37).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَوْمَ يَقُومُ ٱلرُّوحُ وَٱلْمَلَٰٓئِكَةُ صَفًّا لَّا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحْمَٰنُ وَقَالَ صَوَابًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehجىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ئۇلار(نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ(38).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ذَٰلِكَ ٱلْيَوْمُ ٱلْحَقُّ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ مَـَٔابًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. كىمكى (ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەل بىلەن) پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا (تۇتسۇن)(39).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّآ أَنذَرْنَٰكُمْ عَذَابًا قَرِيبًا يَوْمَ يَنظُرُ ٱلْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ ٱلْكَافِرُ يَٰلَيْتَنِى كُنتُ تُرَٰبًۢا

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دەيدۇ(40).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70