الشعراء سۈرىسى الشعراء
227 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 47
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ طسٓمٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehتا، سىم، مىم(1).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تِلْكَ ءَايَٰتُ ٱلْكِتَٰبِ ٱلْمُبِينِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ، روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر(2).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
لَعَلَّكَ بَٰخِعٌ نَّفْسَكَ أَلَّا يَكُونُوا۟ مُؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن(3).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِن نَّشَأْ نُنَزِّلْ عَلَيْهِم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ ءَايَةً فَظَلَّتْ أَعْنَٰقُهُمْ لَهَا خَٰضِعِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر بىز ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتىشىنى) خالايدىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن (ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلايدىغان) بىر ئايەتنى (ئالامەتنى) نازىل قىلاتتۇق - تە، ئۇنىڭغا ئۇلار باش ئەگكەن بولاتتى(4).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا يَأْتِيهِم مِّن ذِكْرٍ مِّنَ ٱلرَّحْمَٰنِ مُحْدَثٍ إِلَّا كَانُوا۟ عَنْهُ مُعْرِضِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن قۇرئاندىن يېڭىدىن بىرنەرسە نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ(5).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَقَدْ كَذَّبُوا۟ فَسَيَأْتِيهِمْ أَنۢبَٰٓؤُا۟ مَا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار راستلا (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى (يەنى ئاقىۋىتى) ئۇلارغا كېلىدۇ(6).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ إِلَى ٱلْأَرْضِ كَمْ أَنۢبَتْنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار زېمىننى (يەنى زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى) كۈزەتمىدىمۇ؟ زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق(7).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇنىڭدا ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى(8).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(9).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِذْ نَادَىٰ رَبُّكَ مُوسَىٰٓ أَنِ ٱئْتِ ٱلْقَوْمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن(10).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَوْمَ فِرْعَوْنَ أَلَا يَتَّقُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلار) پىرئەۋننىڭ قەۋمىدۇر، ئۇلار (ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن) قورقمامدۇ؟»(11).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ رَبِّ إِنِّىٓ أَخَافُ أَن يُكَذِّبُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن(12).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَضِيقُ صَدْرِى وَلَا يَنطَلِقُ لِسَانِى فَأَرْسِلْ إِلَىٰ هَٰرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن) يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا (ماڭا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن) ھارۇننى (پەيغەمبەر) قىلىپ ئەۋەتكىن(13).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَهُمْ عَلَىَّ ذَنۢبٌ فَأَخَافُ أَن يَقْتُلُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلارنىڭ دەۋاسىچە) ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن»(14).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ كَلَّا فَٱذْهَبَا بِـَٔايَٰتِنَآ إِنَّا مَعَكُم مُّسْتَمِعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئېيتتى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى سېنى ئۇلار ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ)، سىلەر مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (مۇنازىرەڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرىمىز(15).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأْتِيَا فِرْعَوْنَ فَقُولَآ إِنَّا رَسُولُ رَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسىمىز(16).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَنْ أَرْسِلْ مَعَنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىسرائىل ئەۋلادىنى (قۇللۇقۇڭدىن) بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن (شامغا) كەتسۇن دەڭلار»(17).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ أَلَمْ نُرَبِّكَ فِينَا وَلِيدًا وَلَبِثْتَ فِينَا مِنْ عُمُرِكَ سِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئەلچىلىكنى يەتكۈزدى)، پىرئەۋن (مۇساغا) ئېيتتى: «سېنى بىز ئۆيىمىزدە كىچىكىڭدىن تەربىيەلەپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ ئارىمىزدا كۆپ يىللار تۇرمىدىڭمۇ؟(18).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَفَعَلْتَ فَعْلَتَكَ ٱلَّتِى فَعَلْتَ وَأَنتَ مِنَ ٱلْكَٰفِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسەن ھېلىقى قىلغان ئىشىڭنى قىلمىدىڭمۇ؟ (يەنى قىبتىنى ئۆلتۈرمىدىڭمۇ؟) سەن تۇزكورلاردىنسەن»(19).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ فَعَلْتُهَآ إِذًا وَأَنَا۠ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم(20).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَفَرَرْتُ مِنكُمْ لَمَّا خِفْتُكُمْ فَوَهَبَ لِى رَبِّى حُكْمًا وَجَعَلَنِى مِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مېنى پەيغەمبەر قىلدى(21).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَتِلْكَ نِعْمَةٌ تَمُنُّهَا عَلَىَّ أَنْ عَبَّدتَّ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلدىڭ، سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلغان نېمىتىڭ ئەنە شۇدۇر»(22)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ فِرْعَوْنُ وَمَا رَبُّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمە؟»(23).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَآ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار»(24).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ لِمَنْ حَوْلَهُۥٓ أَلَا تَسْتَمِعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «(ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى(25).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ رَبُّكُمْ وَرَبُّ ءَابَآئِكُمُ ٱلْأَوَّلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»(26).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ إِنَّ رَسُولَكُمُ ٱلَّذِىٓ أُرْسِلَ إِلَيْكُمْ لَمَجْنُونٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى ئەلۋەتتە مەجنۇندۇر»(27).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ رَبُّ ٱلْمَشْرِقِ وَٱلْمَغْرِبِ وَمَا بَيْنَهُمَآ إِن كُنتُمْ تَعْقِلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار»(28).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ لَئِنِ ٱتَّخَذْتَ إِلَٰهًا غَيْرِى لَأَجْعَلَنَّكَ مِنَ ٱلْمَسْجُونِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن»(29).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ أَوَلَوْ جِئْتُكَ بِشَىْءٍ مُّبِينٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «(مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ (زىندانغا تاشلامسەن؟)»(30).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ فَأْتِ بِهِۦٓ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر سۆزۈڭ راست بولسا روشەن دەلىلىڭنى كەلتۈرگىن»(31).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِىَ ثُعْبَانٌ مُّبِينٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى(32).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَنَزَعَ يَدَهُۥ فَإِذَا هِىَ بَيْضَآءُ لِلنَّٰظِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا (قوينىدىن) قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقناپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى(33).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ لِلْمَلَإِ حَوْلَهُۥٓ إِنَّ هَٰذَا لَسَٰحِرٌ عَلِيمٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»(34ـ35)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يُرِيدُ أَن يُخْرِجَكُم مِّنْ أَرْضِكُم بِسِحْرِهِۦ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»(34ـ35)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوٓا۟ أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَٱبْعَثْ فِى ٱلْمَدَآئِنِ حَٰشِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن(36).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَحَّارٍ عَلِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلسۇن»(37).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَجُمِعَ ٱلسَّحَرَةُ لِمِيقَٰتِ يَوْمٍ مَّعْلُومٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇئەييەن كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سېھىرگەرلەر توپلاندى(38).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقِيلَ لِلنَّاسِ هَلْ أَنتُم مُّجْتَمِعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى(39 ـ 40).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
لَعَلَّنَا نَتَّبِعُ ٱلسَّحَرَةَ إِن كَانُوا۟ هُمُ ٱلْغَٰلِبِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى(39 ـ 40).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَمَّا جَآءَ ٱلسَّحَرَةُ قَالُوا۟ لِفِرْعَوْنَ أَئِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِن كُنَّا نَحْنُ ٱلْغَٰلِبِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پىرئەۋنگە: «ئەگەر غەلىبە قىلساق بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى(41).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ إِذًا لَّمِنَ ٱلْمُقَرَّبِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن: « ھەئە، ئۇ چاغدا (سىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن ئادەملىرىمدىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدى(42).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ لَهُم مُّوسَىٰٓ أَلْقُوا۟ مَآ أَنتُم مُّلْقُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئۇلارغا: «تاشلايدىغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!» دېدى(43).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَلْقَوْا۟ حِبَالَهُمْ وَعِصِيَّهُمْ وَقَالُوا۟ بِعِزَّةِ فِرْعَوْنَ إِنَّا لَنَحْنُ ٱلْغَٰلِبُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسىلىرىنى تاشلىدى. ئۇلار: «پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەمكى، بىز شەك شۈبھىسىز غەلىبە قىلىمىز» دېدى(44).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَلْقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِىَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى، (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى(45).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأُلْقِىَ ٱلسَّحَرَةُ سَٰجِدِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى(46).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِرَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ ئىمان ئېيتتۇق» دېدى(47ـ48).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
رَبِّ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ ئىمان ئېيتتۇق» دېدى(47ـ48).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ ءَامَنتُمْ لَهُۥ قَبْلَ أَنْ ءَاذَنَ لَكُمْ إِنَّهُۥ لَكَبِيرُكُمُ ٱلَّذِى عَلَّمَكُمُ ٱلسِّحْرَ فَلَسَوْفَ تَعْلَمُونَ لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُم مِّنْ خِلَٰفٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول قولۇڭلار بىلەن ئوڭ پۇتۇڭلارنى) كېسىمەن، ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى(49).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ لَا ضَيْرَ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا مُنقَلِبُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز،(50)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّا نَطْمَعُ أَن يَغْفِرَ لَنَا رَبُّنَا خَطَٰيَٰنَآ أَن كُنَّآ أَوَّلَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى(ـ 51).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَوْحَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِىٓ إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر، (يەنى پىرئەۋن ئۆز قەۋمى بىلەن سىلەرنى قوغلاپ چىقىدۇ)» دەپ ۋەھىي قىلدۇق(52).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَرْسَلَ فِرْعَوْنُ فِى ٱلْمَدَآئِنِ حَٰشِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن شەھەرلەرگە (ئەسكەر) توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى(53).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ لَشِرْذِمَةٌ قَلِيلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(پىرئەۋن ئېيتتىكى:) «بۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن بىر ئوچۇم ئادەملەردۇر(54).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّهُمْ لَنَا لَغَآئِظُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرۈپ قويدى(55).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّا لَجَمِيعٌ حَٰذِرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز ھەقىقەتەن ئېھتىياتچان جامائەمىز»(56).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَخْرَجْنَٰهُم مِّن جَنَّٰتٍ وَعُيُونٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق(57ـ58).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَكُنُوزٍ وَمَقَامٍ كَرِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق(57ـ58).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كَذَٰلِكَ وَأَوْرَثْنَٰهَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بەنى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەردۇق(59).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَتْبَعُوهُم مُّشْرِقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى) ئۇلارنى كۈن چىققان چاغدا قوغلاپ چىقتى(60).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَمَّا تَرَٰٓءَا ٱلْجَمْعَانِ قَالَ أَصْحَٰبُ مُوسَىٰٓ إِنَّا لَمُدْرَكُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىككى توپ (يەنى پىرئەۋن توپى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توپى) بىر ـ بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا، مۇسانىڭ ئادەملىرى: «ئۇلار: (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنى)بىزگە چوقۇم يېتىشىۋالىدىغان بولدى» دېدى(61).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ كَلَّآ إِنَّ مَعِىَ رَبِّى سَيَهْدِينِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ»(62).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَوْحَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنِ ٱضْرِب بِّعَصَاكَ ٱلْبَحْرَ فَٱنفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرْقٍ كَٱلطَّوْدِ ٱلْعَظِيمِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋېدى) دەريا يېرىلدى، (ھەر بىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى(63).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَزْلَفْنَا ثَمَّ ٱلْـَٔاخَرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىككىنچى بىر گۇرۇھنى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنىنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارقىسىدىن دەرياغا كىرگۈزدۇق)(64).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَنجَيْنَا مُوسَىٰ وَمَن مَّعَهُۥٓ أَجْمَعِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدۇق(65).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ثُمَّ أَغْرَقْنَا ٱلْـَٔاخَرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمىنى) غەرق قىلدۇق(66).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇنىڭدا (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ غەرق بولۇشىدا) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى(67).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(68).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ إِبْرَٰهِيمَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن(69).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِۦ مَا تَعْبُدُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دېدى(70).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ نَعْبُدُ أَصْنَامًا فَنَظَلُّ لَهَا عَٰكِفِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «بۇتلارغا ئىبادەت قىلىمىز، بۇ ئىبادەتنى داۋالاشتۇرىمىز» دېيىشتى(71).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ هَلْ يَسْمَعُونَكُمْ إِذْ تَدْعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىبراھىم ئېيتتى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار (دۇئايىڭلارنى) ئاڭلامدۇ؟(72).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَوْ يَنفَعُونَكُمْ أَوْ يَضُرُّونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehيا سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ يا زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟»(73).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ بَلْ وَجَدْنَآ ءَابَآءَنَا كَذَٰلِكَ يَفْعَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدۇق»(74).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ أَفَرَءَيْتُم مَّا كُنتُمْ تَعْبُدُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىبراھىم ئېيتتى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭلار نېمە؟(75)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَنتُمْ وَءَابَآؤُكُمُ ٱلْأَقْدَمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئىبادەت قىلغىنى نېمە؟(76)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَإِنَّهُمْ عَدُوٌّ لِّىٓ إِلَّا رَبَّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (يەنى بۇتلار) مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر)(77).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱلَّذِى خَلَقَنِى فَهُوَ يَهْدِينِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ مېنى ياراتقان، ئۇ مېنى ھىدايەت قىلىدۇ(78).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱلَّذِى هُوَ يُطْعِمُنِى وَيَسْقِينِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ مېنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ(79).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ(80).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱلَّذِى يُمِيتُنِى ثُمَّ يُحْيِينِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ مېنى قەبزى روھ قىلىدۇ، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدۇ(81).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱلَّذِىٓ أَطْمَعُ أَن يَغْفِرَ لِى خَطِيٓـَٔتِى يَوْمَ ٱلدِّينِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehقىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن(82).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
رَبِّ هَبْ لِى حُكْمًا وَأَلْحِقْنِى بِٱلصَّٰلِحِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىلىم ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلارغا قوشقىن(83).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱجْعَل لِّى لِسَانَ صِدْقٍ فِى ٱلْـَٔاخِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن(84).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱجْعَلْنِى مِن وَرَثَةِ جَنَّةِ ٱلنَّعِيمِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمېنى نازۇ-نېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن(85).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱغْفِرْ لِأَبِىٓ إِنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن گۇمراھلاردىن بولدى(86).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَا تُخْزِنِى يَوْمَ يُبْعَثُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (يەنى خالايىقلار) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن(87).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَوْمَ لَا يَنفَعُ مَالٌ وَلَا بَنُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ(88).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِلَّا مَنْ أَتَى ٱللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ»(89).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأُزْلِفَتِ ٱلْجَنَّةُ لِلْمُتَّقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehجەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ(90).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَبُرِّزَتِ ٱلْجَحِيمُ لِلْغَاوِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehدوزاخ گۇمراھلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ(91).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنتُمْ تَعْبُدُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا: «سىلەر ئىلگىرى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ(92ـ93).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مِن دُونِ ٱللَّهِ هَلْ يَنصُرُونَكُمْ أَوْ يَنتَصِرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا: «سىلەر ئىلگىرى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ(92ـ93).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَكُبْكِبُوا۟ فِيهَا هُمْ وَٱلْغَاوُۥنَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى ـ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ(94ـ95).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَجُنُودُ إِبْلِيسَ أَجْمَعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى ـ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ(94ـ95).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ وَهُمْ فِيهَا يَخْتَصِمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق(96ـ97).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تَٱللَّهِ إِن كُنَّا لَفِى ضَلَٰلٍ مُّبِينٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق(96ـ97).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِذْ نُسَوِّيكُم بِرَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق(98).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَآ أَضَلَّنَآ إِلَّا ٱلْمُجْرِمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزنى پەقەت گۇناھكارلارلا ئازدۇردى(99).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَمَا لَنَا مِن شَٰفِعِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار يوق(100).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَا صَدِيقٍ حَمِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehۋە يېقىن دوستمۇ يوق(101).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَكُونَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر بىزگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۆمىنلەردىن بولاتتۇق»(102).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (يەنى ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسەسىدە) (ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى(103).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(104).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ ٱلْمُرْسَلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى(105).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ نُوحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟(106).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق بىر پەيغەمبەرمەن(107).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار(108).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehتەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن(109).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار»(110).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوٓا۟ أَنُؤْمِنُ لَكَ وَٱتَّبَعَكَ ٱلْأَرْذَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «(ئى نۇھ!) ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى(111).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ وَمَا عِلْمِى بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن(112).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنْ حِسَابُهُمْ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّى لَوْ تَشْعُرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر بىلسەڭلار ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت پەرۋەردىگارىم ئۈستىگە ئالغان(113).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَآ أَنَا۠ بِطَارِدِ ٱلْمُؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن مۆمىنلەرنى قوغلىۋەتمەيمەن(114).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنْ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٌ مُّبِينٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن پەقەت ئوچۇق ـ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»(115).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ لَئِن لَّمْ تَنتَهِ يَٰنُوحُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلْمَرْجُومِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئەگەر سەن (پەيغەمبەرلىك دەۋىتىڭدىن) يانمىساڭ، سەن چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن»(116).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ رَبِّ إِنَّ قَوْمِى كَذَّبُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى(117).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَٱفْتَحْ بَيْنِى وَبَيْنَهُمْ فَتْحًا وَنَجِّنِى وَمَن مَّعِىَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى قۇتقۇزغىن»(118).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَنجَيْنَٰهُ وَمَن مَّعَهُۥ فِى ٱلْفُلْكِ ٱلْمَشْحُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز ئۇنى ۋە (ئادەملەر، ھايۋانلار بىلەن) لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق(119).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ثُمَّ أَغْرَقْنَا بَعْدُ ٱلْبَاقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن) كېيىن ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق(120).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇنىڭدا (تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلار (يەنى كىشىلەر) نىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى(121).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(122).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كَذَّبَتْ عَادٌ ٱلْمُرْسَلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى(123).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ هُودٌ أَلَا تَتَّقُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟(124).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن(125).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار(126).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehتەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن(127).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَتَبْنُونَ بِكُلِّ رِيعٍ ءَايَةً تَعْبَثُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن ـ كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت (يەنى ئېگىز بىنا) سالامسىلەر؟(128)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَتَتَّخِذُونَ مَصَانِعَ لَعَلَّكُمْ تَخْلُدُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(گويا سىلەر ئۆلمەيدىغاندەك) دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟(129)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِذَا بَطَشْتُم بَطَشْتُمْ جَبَّارِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر (بىراۋنى) جازالىساڭلار، زالىملاردەك جازالايسىلەر(130).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار(131).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱتَّقُوا۟ ٱلَّذِىٓ أَمَدَّكُم بِمَا تَعْلَمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرگە سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار(132).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَمَدَّكُم بِأَنْعَٰمٍ وَبَنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى(133ـ134).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَجَنَّٰتٍ وَعُيُونٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى(133ـ134).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»(135).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ سَوَآءٌ عَلَيْنَآ أَوَعَظْتَ أَمْ لَمْ تَكُن مِّنَ ٱلْوَٰعِظِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن، بەرىبىر بىزگە ئوخشاش(136).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنْ هَٰذَآ إِلَّا خُلُقُ ٱلْأَوَّلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئادەت(137).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز ھەرگىز جازالانمايمىز»(138).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَكَذَّبُوهُ فَأَهْلَكْنَٰهُمْ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئۇنى (يەنى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى بىز ھالاك قىلدۇق، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى(139).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(140).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كَذَّبَتْ ثَمُودُ ٱلْمُرْسَلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسەمۇد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى(141).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ صَٰلِحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى سالىھ ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟(142).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن(143).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار(144).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehتەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن(145).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَتُتْرَكُونَ فِى مَا هَٰهُنَآ ءَامِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر؟)(146ـ148).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فِى جَنَّٰتٍ وَعُيُونٍ

وَزُرُوعٍ وَنَخْلٍ طَلْعُهَا هَضِيمٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر؟)(146ـ148).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَتَنْحِتُونَ مِنَ ٱلْجِبَالِ بُيُوتًا فَٰرِهِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇستىلىق بىلەن تاغلارنى تېشىپ ئۆي ياسامسىلەر؟(149)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار(150).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَا تُطِيعُوٓا۟ أَمْرَ ٱلْمُسْرِفِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehزېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار»(151ـ152).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱلَّذِينَ يُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا يُصْلِحُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehزېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار»(151ـ152).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوٓا۟ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلْمُسَحَّرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «سەن ھەقىقەتەن سېھىر قىلىنغانلاردىنسەن(153).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا فَأْتِ بِـَٔايَةٍ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانسەن، ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن»(154).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ هَٰذِهِۦ نَاقَةٌ لَّهَا شِرْبٌ وَلَكُمْ شِرْبُ يَوْمٍ مَّعْلُومٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسالىھ ئېيتتى: «بۇ چىشى تۆگە (سۈيۈڭلاردىن بىر كۈن) ئىچىدۇ، سىلەرمۇ مۇئەييەن بىر كۈن ئىچىسىلەر(155).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَظِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇسىلەر»(156).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَعَقَرُوهَا فَأَصْبَحُوا۟ نَٰدِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى(157).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَخَذَهُمُ ٱلْعَذَابُ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا ئازاب چۈشتى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى(158).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(159).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ ٱلْمُرْسَلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehلۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى(160).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ لُوطٌ أَلَا تَتَّقُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟(161)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن(162).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار(163).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehتەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن(164).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَتَأْتُونَ ٱلذُّكْرَانَ مِنَ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»(165ـ166).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَتَذَرُونَ مَا خَلَقَ لَكُمْ رَبُّكُم مِّنْ أَزْوَٰجِكُم بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ عَادُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»(165ـ166).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ لَئِن لَّمْ تَنتَهِ يَٰلُوطُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلْمُخْرَجِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «ئى لۇت! ئەگەر (دەۋىتىڭدىن) قايتمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىسەن»(167).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ إِنِّى لِعَمَلِكُم مِّنَ ٱلْقَالِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehلۇت ئېيتتى: «مەن سىلەرنىڭ قىلىقىڭلاردىن قاتتىق يىرگىنىمەن(168).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
رَبِّ نَجِّنِى وَأَهْلِى مِمَّا يَعْمَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىم! قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابتىن) مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتقۇزغىن»(169).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَنَجَّيْنَٰهُ وَأَهْلَهُۥٓ أَجْمَعِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق(170).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِلَّا عَجُوزًا فِى ٱلْغَٰبِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەقەت موماينى (يەنى لۇتنىڭ ئايالىنى قالدۇرۇپ قويۇپ) ھالاك قىلدۇق(171).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ثُمَّ دَمَّرْنَا ٱلْـَٔاخَرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق(172).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِم مَّطَرًا فَسَآءَ مَطَرُ ٱلْمُنذَرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!(173).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) بىر ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى(174).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(175).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كَذَّبَ أَصْحَٰبُ لْـَٔيْكَةِ ٱلْمُرْسَلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەيكىلىقلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى(176).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِذْ قَالَ لَهُمْ شُعَيْبٌ أَلَا تَتَّقُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟(177)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن(178).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار(179).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehتەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن(180).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَوْفُوا۟ ٱلْكَيْلَ وَلَا تَكُونُوا۟ مِنَ ٱلْمُخْسِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆلچەمنى تولدۇرۇپ بېرىڭلار، كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار(181).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَزِنُوا۟ بِٱلْقِسْطَاسِ ٱلْمُسْتَقِيمِ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(نەرسىلەرنى) توغرا تارازىدا تارتىڭلار(182)،
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَا تَبْخَسُوا۟ ٱلنَّاسَ أَشْيَآءَهُمْ وَلَا تَعْثَوْا۟ فِى ٱلْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكىشىلەرگە نەرسىلىرىنى (يەنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى) كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار(183).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱتَّقُوا۟ ٱلَّذِى خَلَقَكُمْ وَٱلْجِبِلَّةَ ٱلْأَوَّلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھتىن قورقۇڭلار»(184).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوٓا۟ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلْمُسَحَّرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «سەن سېھىر قىلىنغۇچىلاردىنسەن(185).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا وَإِن نَّظُنُّكَ لَمِنَ ٱلْكَٰذِبِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسەن پەقەت بىزگە ئوخشاش (ئاددى) ئادەمسەن، سېنى بىز ھەقىقەتەن يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمىز(186).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَسْقِطْ عَلَيْنَا كِسَفًا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرگىن»(187).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ رَبِّىٓ أَعْلَمُ بِمَا تَعْمَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇئەيب ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ»(188).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمْ عَذَابُ يَوْمِ ٱلظُّلَّةِ إِنَّهُۥ كَانَ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى ھالاك قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى ئىدى(189).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولمىدى(190).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(191).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّهُۥ لَتَنزِيلُ رَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر(192).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
نَزَلَ بِهِ ٱلرُّوحُ ٱلْأَمِينُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى(193ـ194).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
عَلَىٰ قَلْبِكَ لِتَكُونَ مِنَ ٱلْمُنذِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى(193ـ194).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
بِلِسَانٍ عَرَبِىٍّ مُّبِينٍ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(قۇرئان) ئوچۇق ئەرەبى تىلدا (نازىل بولدى)(195).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّهُۥ لَفِى زُبُرِ ٱلْأَوَّلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehھەقىقەتەن قۇرئان ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرنىڭ) كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان(196).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَوَلَمْ يَكُن لَّهُمْ ءَايَةً أَن يَعْلَمَهُۥ عُلَمَٰٓؤُا۟ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئابدۇللا ئىبنى سالام ۋە ئۇنىڭ ئىمان ئېيتقان ھەمراھلىرىغا ئوخشاش) بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا (قۇرئاننىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بولمامدۇ؟(197)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَوْ نَزَّلْنَٰهُ عَلَىٰ بَعْضِ ٱلْأَعْجَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى(198ـ199).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَقَرَأَهُۥ عَلَيْهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ مُؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى(198ـ199).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كَذَٰلِكَ سَلَكْنَٰهُ فِى قُلُوبِ ٱلْمُجْرِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇنىڭدەك گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا ئىشەنمەسلىكنى سالدۇق (ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ پاساھەت ـ بالاغىتىنى ۋە مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتمىدى)(200).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
لَا يُؤْمِنُونَ بِهِۦ حَتَّىٰ يَرَوُا۟ ٱلْعَذَابَ ٱلْأَلِيمَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (ئاللاھنىڭ) قاتتىق ئازابىنى كۆرمىگۈچە قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ(201).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَيَأْتِيَهُم بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ (كەلگەنلىكىنى) تۇيماي قالىدۇ(202).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَيَقُولُوا۟ هَلْ نَحْنُ مُنظَرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلارغا تۇيۇقسىز ئازاب كەلگەندە) ئۇلار: «بىزگە (ئىمان ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن) مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ(203).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ بۇرۇنراق كېلىشىنى تىلەمدۇ؟(204)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَفَرَءَيْتَ إِن مَّتَّعْنَٰهُمْ سِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ(205ـ207).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ثُمَّ جَآءَهُم مَّا كَانُوا۟ يُوعَدُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ(205ـ207).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مَآ أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يُمَتَّعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ(205ـ207).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَآ أَهْلَكْنَا مِن قَرْيَةٍ إِلَّا لَهَا مُنذِرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehقانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگۈچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق، (208ـ).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ذِكْرَىٰ وَمَا كُنَّا ظَٰلِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلارنى جازالاشتا) بىز زالىم بولمىدۇق(209).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا تَنَزَّلَتْ بِهِ ٱلشَّيَٰطِينُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehقۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق(210).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا يَنۢبَغِى لَهُمْ وَمَا يَسْتَطِيعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ ئۇلارغا لايىق ئەمەس. ئۇلارمۇ (ئۇنىڭغا) قادىر بولالمايدۇ(211).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّهُمْ عَنِ ٱلسَّمْعِ لَمَعْزُولُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) (ئوغرىلىقچە) تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغاندۇر(212).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَا تَدْعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَتَكُونَ مِنَ ٱلْمُعَذَّبِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ، ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن(213).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَنذِرْ عَشِيرَتَكَ ٱلْأَقْرَبِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehيېقىن خىش - ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن(214).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱخْفِضْ جَنَاحَكَ لِمَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن(215).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَإِنْ عَصَوْكَ فَقُلْ إِنِّى بَرِىٓءٌ مِّمَّا تَعْمَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلسا: «مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن ئادا ـ جۇدا مەن» دېگىن(216).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَتَوَكَّلْ عَلَى ٱلْعَزِيزِ ٱلرَّحِيمِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehناھايىتى غالىب، مېھرىبان ئاللاھقا يۆلەنگىن(217).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱلَّذِى يَرَىٰكَ حِينَ تَقُومُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ سېنى (نامازغا) قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ(218).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَتَقَلُّبَكَ فِى ٱلسَّٰجِدِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ(219).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(220).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
هَلْ أُنَبِّئُكُمْ عَلَىٰ مَن تَنَزَّلُ ٱلشَّيَٰطِينُ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد! مەككە كۇففارلىرىغا ئېيتقىنكى) سىلەرگە مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟(221)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تَنَزَّلُ عَلَىٰ كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ھەربىر ئىغۋا توقۇغۇچى، گۇناھكارغا چۈشىدۇ(222).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يُلْقُونَ ٱلسَّمْعَ وَأَكْثَرُهُمْ كَٰذِبُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە) ئاڭلايدۇ، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) نىڭ تولىسى يالغانچىلاردۇر(223).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱلشُّعَرَآءُ يَتَّبِعُهُمُ ٱلْغَاوُۥنَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ(224).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَلَمْ تَرَ أَنَّهُمْ فِى كُلِّ وَادٍ يَهِيمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟(225)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَنَّهُمْ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ(226).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَذَكَرُوا۟ ٱللَّهَ كَثِيرًا وَٱنتَصَرُوا۟ مِنۢ بَعْدِ مَا ظُلِمُوا۟ وَسَيَعْلَمُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ أَىَّ مُنقَلَبٍ يَنقَلِبُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ(227).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
→