caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

التحريم سۈرىسى التحريم

12 ئايەت · مەدىنە · چۈشۈش تەرتىپى 107

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَآ أَحَلَّ ٱللَّهُ لَكَ تَبْتَغِى مَرْضَاتَ أَزْوَٰجِكَ وَٱللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(1).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قَدْ فَرَضَ ٱللَّهُ لَكُمْ تَحِلَّةَ أَيْمَٰنِكُمْ وَٱللَّهُ مَوْلَىٰكُمْ وَهُوَ ٱلْعَلِيمُ ٱلْحَكِيمُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ سىلەرگە (كەففارەت) بىلەن قەسىمىڭلاردىن چىقىشنى بەلگىلىدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(2).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذْ أَسَرَّ ٱلنَّبِىُّ إِلَىٰ بَعْضِ أَزْوَٰجِهِۦ حَدِيثًا فَلَمَّا نَبَّأَتْ بِهِۦ وَأَظْهَرَهُ ٱللَّهُ عَلَيْهِ عَرَّفَ بَعْضَهُۥ وَأَعْرَضَ عَنۢ بَعْضٍ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِۦ قَالَتْ مَنْ أَنۢبَأَكَ هَٰذَا قَالَ نَبَّأَنِىَ ٱلْعَلِيمُ ٱلْخَبِيرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئاياللىرىدىن بىرىگە (يەنى ھەفسەگە) بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى. ئۇ (يەنى ھەفسە) ئۇنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ بولسا سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى (پەيغەمبەرگە) بىلدۈرگەن چاغدا، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇنىڭغا (ھەفسەگە) ئۇ (يەنى ھەفسە) ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئېيتتى (يەنى يۈزىگە سالدى)، يەنە بەزىسىنى ئېيتمىدى (يەنى يۈزىگە سالمىدى). پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ (يەنى ھەفسە): «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى. پەيغەمبەر: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى(3).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِن تَتُوبَآ إِلَى ٱللَّهِ فَقَدْ صَغَتْ قُلُوبُكُمَا وَإِن تَظَٰهَرَا عَلَيْهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ مَوْلَىٰهُ وَجِبْرِيلُ وَصَٰلِحُ ٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمَلَٰٓئِكَةُ بَعْدَ ذَٰلِكَ ظَهِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر (ئائىشە، ھەفسە) ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار (ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر). سىلەرنىڭ دىلىڭلار (رەسۇلۇللاھقا ئىخلاس قىلىشتىن) بۇرۇلۇپ كەتتى، ئەگەر سىلەر (رەسۇلۇللاھ خوپ كۆرمەيدىغان ئىش ئۈستىدە) ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرساڭلار، ئۇ چاغدا ئاللاھ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، جىبرىلمۇ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، مۆمىنلەرنىڭ ياخشىلىرىمۇ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر. ئۇلاردىن باشقا، پەرىشتىلەرمۇ (ئۇنىڭغا) يۆلەنچۈكتۇر(4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عَسَىٰ رَبُّهُۥٓ إِن طَلَّقَكُنَّ أَن يُبْدِلَهُۥٓ أَزْوَٰجًا خَيْرًا مِّنكُنَّ مُسْلِمَٰتٍ مُّؤْمِنَٰتٍ قَٰنِتَٰتٍ تَٰٓئِبَٰتٍ عَٰبِدَٰتٍ سَٰٓئِحَٰتٍ ثَيِّبَٰتٍ وَأَبْكَارًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، پەرۋەردىگارى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى، (ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچى، (ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە) ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى ئۇنىڭغا بېرىشى مۇمكىن(5).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ قُوٓا۟ أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَٰٓئِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَّا يَعْصُونَ ٱللَّهَ مَآ أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ(6).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَا تَعْتَذِرُوا۟ ٱلْيَوْمَ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر(7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ تُوبُوٓا۟ إِلَى ٱللَّهِ تَوْبَةً نَّصُوحًا عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمْ سَيِّـَٔاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَٰرُ يَوْمَ لَا يُخْزِى ٱللَّهُ ٱلنَّبِىَّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ نُورُهُمْ يَسْعَىٰ بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَٰنِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَآ أَتْمِمْ لَنَا نُورَنَا وَٱغْفِرْ لَنَآ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ جَٰهِدِ ٱلْكُفَّارَ وَٱلْمُنَٰفِقِينَ وَٱغْلُظْ عَلَيْهِمْ وَمَأْوَىٰهُمْ جَهَنَّمُ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى پەيغەمبەر! سەن كۇففار ۋە مۇناپىقلار بىلەن كۈرەش قىلغىن. ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن. ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!(9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلًا لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱمْرَأَتَ نُوحٍ وَٱمْرَأَتَ لُوطٍ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَٰلِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا وَقِيلَ ٱدْخُلَا ٱلنَّارَ مَعَ ٱلدَّٰخِلِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ كۇففارلارغا (ئۇلارنىڭ مۆمىنلەر بىلەن تۇغقانچىلىقىنىڭ پايدا بەرمەسلىكىدە) نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە (ئىمان ئېيتماسلىق بىلەن) خىيانەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (يەنى نۇھ بىلەن لۇت) (پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق) ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. (ئۇ ئىككىسىگە) «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى(10).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلًا لِّلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱمْرَأَتَ فِرْعَوْنَ إِذْ قَالَتْ رَبِّ ٱبْنِ لِى عِندَكَ بَيْتًا فِى ٱلْجَنَّةِ وَنَجِّنِى مِن فِرْعَوْنَ وَعَمَلِهِۦ وَنَجِّنِى مِنَ ٱلْقَوْمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېدى(11)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَرْيَمَ ٱبْنَتَ عِمْرَٰنَ ٱلَّتِىٓ أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهِ مِن رُّوحِنَا وَصَدَّقَتْ بِكَلِمَٰتِ رَبِّهَا وَكُتُبِهِۦ وَكَانَتْ مِنَ ٱلْقَٰنِتِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىيساغا ھامىلىدار بولدى). ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە (نازىل قىلغان) كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى(12).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70