caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

التكوير سۈرىسى التكوير

29 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 7

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ إِذَا ٱلشَّمْسُ كُوِّرَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا(1)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehيۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا(2)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلْجِبَالُ سُيِّرَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehتاغلار گۇمران بولغان چاغدا(3)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلْعِشَارُ عُطِّلَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا(4)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلْوُحُوشُ حُشِرَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا(5)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلْبِحَارُ سُجِّرَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehدېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا(6)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehجانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا(7)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلْمَوْءُۥدَةُ سُئِلَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehتىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا(8ـ9)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

بِأَىِّ ذَنۢبٍ قُتِلَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehتىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا(8ـ9)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehنامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا(10)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا(11)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلْجَحِيمُ سُعِّرَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehدوزاخ قىزىتىلغان چاغدا(12)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا ٱلْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehجەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا(13)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عَلِمَتْ نَفْسٌ مَّآ أَحْضَرَتْ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ(14).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَلَآ أُقْسِمُ بِٱلْخُنَّسِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن(15ـ16)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلْجَوَارِ ٱلْكُنَّسِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن(15ـ16)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن(17)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehيورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن(18).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّهُۥ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر(19).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ذِى قُوَّةٍ عِندَ ذِى ٱلْعَرْشِ مَكِينٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر(20).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

مُّطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر(21).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجْنُونٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر(22).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَقَدْ رَءَاهُ بِٱلْأُفُقِ ٱلْمُبِينِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى(23).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَا هُوَ عَلَى ٱلْغَيْبِ بِضَنِينٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر(24).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَٰنٍ رَّجِيمٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر(25).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقەيەرگە بارىسىلەر؟(26)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَٰلَمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر(27).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لِمَن شَآءَ مِنكُمْ أَن يَسْتَقِيمَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر(28).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَٰلَمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى اﷲ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق) (29).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70