الجاثية سۈرىسى الجاثية
37 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 65
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ حمٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehھا، مىم(1).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تَنزِيلُ ٱلْكِتَٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَكِيمِ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(بۇ) كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر(2).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ لَـَٔايَٰتٍ لِّلْمُؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار(3).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَفِى خَلْقِكُمْ وَمَا يَبُثُّ مِن دَآبَّةٍ ءَايَٰتٌ لِّقَوْمٍ يُوقِنُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (ئاللاھ زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانىۋارلاردا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار(4).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱخْتِلَٰفِ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن رِّزْقٍ فَأَحْيَا بِهِ ٱلْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَتَصْرِيفِ ٱلرِّيَٰحِ ءَايَٰتٌ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن (كۆكتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار(5).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تِلْكَ ءَايَٰتُ ٱللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِٱلْحَقِّ فَبِأَىِّ حَدِيثٍۭ بَعْدَ ٱللَّهِ وَءَايَٰتِهِۦ يُؤْمِنُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا ھەقلىق بىلەن تىلاۋەت قىلىپ بېرىمىز. ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى قويۇپ قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟(6).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيْلٌ لِّكُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehھەر بىر گۇناھكار يالغانچىغا ۋاي!(7).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَسْمَعُ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ثُمَّ يُصِرُّ مُسْتَكْبِرًا كَأَن لَّمْ يَسْمَعْهَا فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك (كۇفرىدا) چىڭ تۇرىدۇ (گۇمراھلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن(8).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِذَا عَلِمَ مِنْ ءَايَٰتِنَا شَيْـًٔا ٱتَّخَذَهَا هُزُوًا أُو۟لَٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىرەر نەرسىنى بىلگەن چاغدا (يەنى ئۇنىڭغا قۇرئان ئايەتلىرى يەتكەن چاغدا)، ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالىدۇ، ئەنە شۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ(9).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مِّن وَرَآئِهِمْ جَهَنَّمُ وَلَا يُغْنِى عَنْهُم مَّا كَسَبُوا۟ شَيْـًٔا وَلَا مَا ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوْلِيَآءَ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنى ئالدىدا جەھەننەم (كۈتۈپ تۇرىدۇ)، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەرسىلىرى (يەنى دۇنيادا تاپقان ماللىرى ۋە بالىلىرى) ۋە ئاللاھنى قويۇپ دوست تۇتقان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) ئۇلارغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ(10).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
هَٰذَا هُدًى وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمْ لَهُمْ عَذَابٌ مِّن رِّجْزٍ أَلِيمٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ (قۇرئان ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىگە كامىل) ھىدايەتتۇر، پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(11).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱللَّهُ ٱلَّذِى سَخَّرَ لَكُمُ ٱلْبَحْرَ لِتَجْرِىَ ٱلْفُلْكُ فِيهِ بِأَمْرِهِۦ وَلِتَبْتَغُوا۟ مِن فَضْلِهِۦ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن (يەنى تىجارەت قىلىشىڭلار، بېلىق تۇتۇشۇڭلار، دېڭىز ئاستىدىن ئۈنچە ـ مەرۋايىتلارنى سۈزۈۋېلىشىڭلار ئۈچۈن) ۋە (ئاللاھقا) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى(12).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَسَخَّرَ لَكُم مَّا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا مِّنْهُ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَٰتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىييەنى) تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار(13).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قُل لِّلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ يَغْفِرُوا۟ لِلَّذِينَ لَا يَرْجُونَ أَيَّامَ ٱللَّهِ لِيَجْزِىَ قَوْمًۢا بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقمايدىغان كۇففارلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىنى) كەچۈرسۇن(14).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مَنْ عَمِلَ صَٰلِحًا فَلِنَفْسِهِۦ وَمَنْ أَسَآءَ فَعَلَيْهَا ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكىمكى (دۇنيادا) ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر (ئاللاھ ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا بېرىدۇ)(15).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱلْكِتَٰبَ وَٱلْحُكْمَ وَٱلنُّبُوَّةَ وَرَزَقْنَٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَفَضَّلْنَٰهُمْ عَلَى ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى)، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى (زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق(16).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَءَاتَيْنَٰهُم بَيِّنَٰتٍ مِّنَ ٱلْأَمْرِ فَمَا ٱخْتَلَفُوٓا۟ إِلَّا مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلْعِلْمُ بَغْيًۢا بَيْنَهُمْ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِى بَيْنَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُوا۟ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم (يەنى دىننىڭ راستلىقىغا قەتئى دەلىللەر) كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ(17).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ثُمَّ جَعَلْنَٰكَ عَلَىٰ شَرِيعَةٍ مِّنَ ٱلْأَمْرِ فَٱتَّبِعْهَا وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَآءَ ٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن سېنى بىز (ئى مۇھەممەد!) دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن(18).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّهُمْ لَن يُغْنُوا۟ عَنكَ مِنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا وَإِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَآءُ بَعْضٍ وَٱللَّهُ وَلِىُّ ٱلْمُتَّقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، (ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا ماسلىشىدىغان بولساڭ) ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ (ئازابى) دىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، شۈبھىسىزكى، (دۇنيادا) زالىملارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دوستتۇر، ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر(19).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
هَٰذَا بَصَٰٓئِرُ لِلنَّاسِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِّقَوْمٍ يُوقِنُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ (قۇرئان) ئىنسانلار ئۈچۈن روشەن پاكىتلاردۇر، ھىدايەتتۇر، (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) جەزمەن ئىشەنگەن قەۋم ئۈچۈن رەھمەتتۇر(20).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَمْ حَسِبَ ٱلَّذِينَ ٱجْتَرَحُوا۟ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن نَّجْعَلَهُمْ كَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَوَآءً مَّحْيَاهُمْ وَمَمَاتُهُمْ سَآءَ مَا يَحْكُمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehيامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!(21).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَخَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ بِٱلْحَقِّ وَلِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەقلىق بىلەن ياراتتى، ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ(22).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَفَرَءَيْتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ وَأَضَلَّهُ ٱللَّهُ عَلَىٰ عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمْعِهِۦ وَقَلْبِهِۦ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِۦ غِشَٰوَةً فَمَن يَهْدِيهِ مِنۢ بَعْدِ ٱللَّهِ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟(23)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقَالُوا۟ مَا هِىَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا يُهْلِكُنَآ إِلَّا ٱلدَّهْرُ وَمَا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ إِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (يەنى قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار): «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى تۇغۇلىمىز). پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» (دەيدۇ). ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەن سۆزلەيدۇ(24).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٍ مَّا كَانَ حُجَّتَهُمْ إِلَّآ أَن قَالُوا۟ ٱئْتُوا۟ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمْ صَٰدِقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ پاكىتى پەقەت «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار (يەنى تىرىلدۈرۈڭلار)» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى(25).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قُلِ ٱللَّهُ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يَجْمَعُكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَٰمَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) ۋاپات قىلدۇرالايدۇ، ئاندىن شەك ـ شۈبھىسىز قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەي (قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلدى)»(26).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلِلَّهِ مُلْكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَيَوْمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يَوْمَئِذٍ يَخْسَرُ ٱلْمُبْطِلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە كاپىرلار زىيان تارتىدۇ(27).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٍ جَاثِيَةً كُلُّ أُمَّةٍ تُدْعَىٰٓ إِلَىٰ كِتَٰبِهَا ٱلْيَوْمَ تُجْزَوْنَ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehھەر ئۈممەتنى (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» (دېيىلىدۇ)(28).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
هَٰذَا كِتَٰبُنَا يَنطِقُ عَلَيْكُم بِٱلْحَقِّ إِنَّا كُنَّا نَسْتَنسِخُ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى نامە ـ ئەمال) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق)(29).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَيُدْخِلُهُمْ رَبُّهُمْ فِى رَحْمَتِهِۦ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْمُبِينُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ روشەن مۇرادقا يېتىشتۇر(30).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَفَلَمْ تَكُنْ ءَايَٰتِى تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَٱسْتَكْبَرْتُمْ وَكُنتُمْ قَوْمًا مُّجْرِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكاپىرلارغا كەلسەك، (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» (دېيىلىدۇ)(31).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ وَٱلسَّاعَةُ لَا رَيْبَ فِيهَا قُلْتُم مَّا نَدْرِى مَا ٱلسَّاعَةُ إِن نَّظُنُّ إِلَّا ظَنًّا وَمَا نَحْنُ بِمُسْتَيْقِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(سىلەرگە) «ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتتە (يەنى قىيامەتنىڭ بولۇشىدا) ھېچ شەك يوق» دېيىلسە، سىلەر (ھەددىدىن زىيادە سەركەشلىكىڭلاردىن): «قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، (ئۇنىڭغا) بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار(32).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَبَدَا لَهُمْ سَيِّـَٔاتُ مَا عَمِلُوا۟ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ(33).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقِيلَ ٱلْيَوْمَ نَنسَىٰكُمْ كَمَا نَسِيتُمْ لِقَآءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا وَمَأْوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّٰصِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلارغا) دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز (يەنى سىلەرنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالغاندەك مۇئامىلە قىلىمىز)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە (سىلەرنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ(34).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ذَٰلِكُم بِأَنَّكُمُ ٱتَّخَذْتُمْ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ هُزُوًا وَغَرَّتْكُمُ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا فَٱلْيَوْمَ لَا يُخْرَجُونَ مِنْهَا وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالدىڭلار ۋە سىلەرنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى». بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلاردىن (تەۋبە قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىش بىلەن) ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ(35).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلِلَّهِ ٱلْحَمْدُ رَبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَرَبِّ ٱلْأَرْضِ رَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehجىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!(36)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَهُ ٱلْكِبْرِيَآءُ فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(37).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
→