caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

الطارق سۈرىسى الطارق

17 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 36

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ وَٱلسَّمَآءِ وَٱلطَّارِقِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن(1).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلطَّارِقُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehتارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟(2)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلنَّجْمُ ٱلثَّاقِبُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر(3).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِن كُلُّ نَفْسٍ لَّمَّا عَلَيْهَا حَافِظٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار(4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَلْيَنظُرِ ٱلْإِنسَٰنُ مِمَّ خُلِقَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن(5).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

خُلِقَ مِن مَّآءٍ دَافِقٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى(6).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَخْرُجُ مِنۢ بَيْنِ ٱلصُّلْبِ وَٱلتَّرَآئِبِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ(7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّهُۥ عَلَىٰ رَجْعِهِۦ لَقَادِرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە) قادىردۇر(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَوْمَ تُبْلَى ٱلسَّرَآئِرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)(9)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَمَا لَهُۥ مِن قُوَّةٍ وَلَا نَاصِرٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر(10).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلرَّجْعِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehيامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى(11)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلْأَرْضِ ذَاتِ ٱلصَّدْعِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehيېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى(12)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّهُۥ لَقَوْلٌ فَصْلٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقۇرئان شەك ـ شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر(13)،

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَا هُوَ بِٱلْهَزْلِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ چاقچاق ئەمەستۇر(14).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّهُمْ يَكِيدُونَ كَيْدًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدۇ(15).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَأَكِيدُ كَيْدًا

Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن(16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَمَهِّلِ ٱلْكَٰفِرِينَ أَمْهِلْهُمْ رُوَيْدًۢا

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)(17).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70