فصلت سۈرىسى فصلت
54 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 61
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ حمٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehھامىم(1).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تَنزِيلٌ مِّنَ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(بۇ) ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (ۋەھىيدۇر)(2).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كِتَٰبٌ فُصِّلَتْ ءَايَٰتُهُۥ قُرْءَانًا عَرَبِيًّا لِّقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان كىتابتۇر، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن نازىل بولغان ئەرەبچە قۇرئاندۇر(3).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
بَشِيرًا وَنَذِيرًا فَأَعْرَضَ أَكْثَرُهُمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچىدۇر، (كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى پىكىر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار (ئۇنىڭغا) قۇلاق سالمايدۇ(4).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقَالُوا۟ قُلُوبُنَا فِىٓ أَكِنَّةٍ مِّمَّا تَدْعُونَآ إِلَيْهِ وَفِىٓ ءَاذَانِنَا وَقْرٌ وَمِنۢ بَيْنِنَا وَبَيْنِكَ حِجَابٌ فَٱعْمَلْ إِنَّنَا عَٰمِلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (پەيغەمبەرگە): «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە (يەنى دىنىي جەھەتتە ئوخشىماسلىق) بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى (يەنى سەنمۇ ئۆز دىنىڭ بىلەن بول، بىزمۇ ئۆز دىنىمىز بىلەن بولايلى)» دەيدۇ(5).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قُلْ إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يُوحَىٰٓ إِلَىَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَٰحِدٌ فَٱسْتَقِيمُوٓا۟ إِلَيْهِ وَٱسْتَغْفِرُوهُ وَوَيْلٌ لِّلْمُشْرِكِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسەن (ئۇ مۇشرىكلارغا): «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن، ماڭا، ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا (ئىمان ۋە تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن، مۇشرىكلارغا ۋاي!(6)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱلَّذِينَ لَا يُؤْتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ كَٰفِرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ(7).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئەلۋەتتە ئۈزلۈكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ(8).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قُلْ أَئِنَّكُمْ لَتَكْفُرُونَ بِٱلَّذِى خَلَقَ ٱلْأَرْضَ فِى يَوْمَيْنِ وَتَجْعَلُونَ لَهُۥٓ أَندَادًا ذَٰلِكَ رَبُّ ٱلْعَٰلَمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(سەن ئۇلارغا) «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن(9).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَجَعَلَ فِيهَا رَوَٰسِىَ مِن فَوْقِهَا وَبَٰرَكَ فِيهَا وَقَدَّرَ فِيهَآ أَقْوَٰتَهَا فِىٓ أَرْبَعَةِ أَيَّامٍ سَوَآءً لِّلسَّآئِلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، (زېمىننى يارىتىش بىلەن ئاھالىسىنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشنى كەم ـ زىيادىسىز) باراۋەر تۆت كۈندە (تاماملىدى)، (زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر)(10).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ثُمَّ ٱسْتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ وَهِىَ دُخَانٌ فَقَالَ لَهَا وَلِلْأَرْضِ ٱئْتِيَا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا قَالَتَآ أَتَيْنَا طَآئِعِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى(11).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَقَضَىٰهُنَّ سَبْعَ سَمَٰوَاتٍ فِى يَوْمَيْنِ وَأَوْحَىٰ فِى كُلِّ سَمَآءٍ أَمْرَهَا وَزَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنْيَا بِمَصَٰبِيحَ وَحِفْظًا ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ ٱلْعَزِيزِ ٱلْعَلِيمِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر(12).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَإِنْ أَعْرَضُوا۟ فَقُلْ أَنذَرْتُكُمْ صَٰعِقَةً مِّثْلَ صَٰعِقَةِ عَادٍ وَثَمُودَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر ئۇلار (بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن(13).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِذْ جَآءَتْهُمُ ٱلرُّسُلُ مِنۢ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا تَعْبُدُوٓا۟ إِلَّا ٱللَّهَ قَالُوا۟ لَوْ شَآءَ رَبُّنَا لَأَنزَلَ مَلَٰٓئِكَةً فَإِنَّا بِمَآ أُرْسِلْتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىن (يەنى ھەممە تەرەپتىن) پەيغەمبەرلەر كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز خالىسا، چوقۇم پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز» دېدى(14).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَمَّا عَادٌ فَٱسْتَكْبَرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ وَقَالُوا۟ مَنْ أَشَدُّ مِنَّا قُوَّةً أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِى خَلَقَهُمْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَكَانُوا۟ بِـَٔايَٰتِنَا يَجْحَدُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاد بولسا زېمىندا (ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى(15).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِىٓ أَيَّامٍ نَّحِسَاتٍ لِّنُذِيقَهُمْ عَذَابَ ٱلْخِزْىِ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَلَعَذَابُ ٱلْـَٔاخِرَةِ أَخْزَىٰ وَهُمْ لَا يُنصَرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ(16).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيْنَٰهُمْ فَٱسْتَحَبُّوا۟ ٱلْعَمَىٰ عَلَى ٱلْهُدَىٰ فَأَخَذَتْهُمْ صَٰعِقَةُ ٱلْعَذَابِ ٱلْهُونِ بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق) نى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى(17).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَنَجَّيْنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَكَانُوا۟ يَتَّقُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىمان ئېيتقانلارنى ۋە تەقۋادارلارنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق(18).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَوْمَ يُحْشَرُ أَعْدَآءُ ٱللَّهِ إِلَى ٱلنَّارِ فَهُمْ يُوزَعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ كۈندە ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دوزاخقا توپلىنىدۇ، ئالدى ـ ئارقىسى يىغىلىپ بولغىچە توختىتىپ قويۇلىدۇ(19).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
حَتَّىٰٓ إِذَا مَا جَآءُوهَا شَهِدَ عَلَيْهِمْ سَمْعُهُمْ وَأَبْصَٰرُهُمْ وَجُلُودُهُم بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار دوزاخقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ(20).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقَالُوا۟ لِجُلُودِهِمْ لِمَ شَهِدتُّمْ عَلَيْنَا قَالُوٓا۟ أَنطَقَنَا ٱللَّهُ ٱلَّذِىٓ أَنطَقَ كُلَّ شَىْءٍ وَهُوَ خَلَقَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ، تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنى سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ(21).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا كُنتُمْ تَسْتَتِرُونَ أَن يَشْهَدَ عَلَيْكُمْ سَمْعُكُمْ وَلَآ أَبْصَٰرُكُمْ وَلَا جُلُودُكُمْ وَلَٰكِن ظَنَنتُمْ أَنَّ ٱللَّهَ لَا يَعْلَمُ كَثِيرًا مِّمَّا تَعْمَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار (يەنى يامان ئىشلارنى قىلغان چېغىڭلاردا، رەسۋا بولۇشتىن قورقۇپ، كىشىلەردىن يوشۇرغان ئىدىڭلار، ۋەھالەنكى، ئەزالىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار)، لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار(22).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَذَٰلِكُمْ ظَنُّكُمُ ٱلَّذِى ظَنَنتُم بِرَبِّكُمْ أَرْدَىٰكُمْ فَأَصْبَحْتُم مِّنَ ٱلْخَٰسِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ (قەبىھ) گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار(23).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَإِن يَصْبِرُوا۟ فَٱلنَّارُ مَثْوًى لَّهُمْ وَإِن يَسْتَعْتِبُوا۟ فَمَا هُم مِّنَ ٱلْمُعْتَبِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر ئۇلار (ئازابقا) چىدىسا، (چىدامچانلىقنىڭ پايدىسى يوق) دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھتىن) رازىلىق تىلىسە، ھەرگىز رازىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ(24).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقَيَّضْنَا لَهُمْ قُرَنَآءَ فَزَيَّنُوا۟ لَهُم مَّا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَحَقَّ عَلَيْهِمُ ٱلْقَوْلُ فِىٓ أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِم مِّنَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ خَٰسِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا بىز (شەيتانلاردىن) دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قەبىھ ئەمەللىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان (گۇناھكار، شەقى) ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى(25).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَا تَسْمَعُوا۟ لِهَٰذَا ٱلْقُرْءَانِ وَٱلْغَوْا۟ فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَغْلِبُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ(26).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَنُذِيقَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ عَذَابًا شَدِيدًا وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَسْوَأَ ٱلَّذِى كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز كاپىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز، بىز ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىغا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىمىز(27).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ذَٰلِكَ جَزَآءُ أَعْدَآءِ ٱللَّهِ ٱلنَّارُ لَهُمْ فِيهَا دَارُ ٱلْخُلْدِ جَزَآءًۢ بِمَا كَانُوا۟ بِـَٔايَٰتِنَا يَجْحَدُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە بېرىلىدىغان جازا ئەنە شۇ دوزاختۇر، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايى دوزاختۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا) شۇنداق جازا بېرىلىدۇ(28).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ رَبَّنَآ أَرِنَا ٱلَّذَيْنِ أَضَلَّانَا مِنَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ نَجْعَلْهُمَا تَحْتَ أَقْدَامِنَا لِيَكُونَا مِنَ ٱلْأَسْفَلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكاپىرلار: «پەرۋەردىگارىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، (ئۇلارنىڭ) ئەڭ خارلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاياغلىرىمىزنىڭ ئاستىدا چەيلەيمىز» دېدى(29).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُوا۟ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسْتَقَٰمُوا۟ تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ ٱلْمَلَٰٓئِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا۟ وَلَا تَحْزَنُوا۟ وَأَبْشِرُوا۟ بِٱلْجَنَّةِ ٱلَّتِى كُنتُمْ تُوعَدُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ(30ـ32).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
نَحْنُ أَوْلِيَآؤُكُمْ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَفِى ٱلْـَٔاخِرَةِ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِىٓ أَنفُسُكُمْ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ(30ـ32).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
نُزُلًا مِّنْ غَفُورٍ رَّحِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ(30ـ32).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِّمَّن دَعَآ إِلَى ٱللَّهِ وَعَمِلَ صَٰلِحًا وَقَالَ إِنَّنِى مِنَ ٱلْمُسْلِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟(33)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَا تَسْتَوِى ٱلْحَسَنَةُ وَلَا ٱلسَّيِّئَةُ ٱدْفَعْ بِٱلَّتِى هِىَ أَحْسَنُ فَإِذَا ٱلَّذِى بَيْنَكَ وَبَيْنَهُۥ عَدَٰوَةٌ كَأَنَّهُۥ وَلِىٌّ حَمِيمٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ(34).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ٱلَّذِينَ صَبَرُوا۟ وَمَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ(35).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ ٱلشَّيْطَٰنِ نَزْغٌ فَٱسْتَعِذْ بِٱللَّهِ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(36).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمِنْ ءَايَٰتِهِ ٱلَّيْلُ وَٱلنَّهَارُ وَٱلشَّمْسُ وَٱلْقَمَرُ لَا تَسْجُدُوا۟ لِلشَّمْسِ وَلَا لِلْقَمَرِ وَٱسْجُدُوا۟ لِلَّهِ ٱلَّذِى خَلَقَهُنَّ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار(37).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَإِنِ ٱسْتَكْبَرُوا۟ فَٱلَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُۥ بِٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ وَهُمْ لَا يَسْـَٔمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە ـ كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ(38).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمِنْ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنَّكَ تَرَى ٱلْأَرْضَ خَٰشِعَةً فَإِذَآ أَنزَلْنَا عَلَيْهَا ٱلْمَآءَ ٱهْتَزَّتْ وَرَبَتْ إِنَّ ٱلَّذِىٓ أَحْيَاهَا لَمُحْىِ ٱلْمَوْتَىٰٓ إِنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(بۇمۇ) ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر(39).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِىٓ ءَايَٰتِنَا لَا يَخْفَوْنَ عَلَيْنَآ أَفَمَن يُلْقَىٰ فِى ٱلنَّارِ خَيْرٌ أَم مَّن يَأْتِىٓ ءَامِنًا يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ ٱعْمَلُوا۟ مَا شِئْتُمْ إِنَّهُۥ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى قىيامەت كۈنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(40).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِٱلذِّكْرِ لَمَّا جَآءَهُمْ وَإِنَّهُۥ لَكِتَٰبٌ عَزِيزٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)، شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر(41).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
لَّا يَأْتِيهِ ٱلْبَٰطِلُ مِنۢ بَيْنِ يَدَيْهِ وَلَا مِنْ خَلْفِهِۦ تَنزِيلٌ مِّنْ حَكِيمٍ حَمِيدٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر(42).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مَّا يُقَالُ لَكَ إِلَّا مَا قَدْ قِيلَ لِلرُّسُلِ مِن قَبْلِكَ إِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ وَذُو عِقَابٍ أَلِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلىدىغان سۆزلەر پەقەت ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (قەۋملىرى تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەردۇر. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر(43).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَوْ جَعَلْنَٰهُ قُرْءَانًا أَعْجَمِيًّا لَّقَالُوا۟ لَوْلَا فُصِّلَتْ ءَايَٰتُهُۥٓ ءَا۬عْجَمِىٌّ وَعَرَبِىٌّ قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ هُدًى وَشِفَآءٌ وَٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ فِىٓ ءَاذَانِهِمْ وَقْرٌ وَهُوَ عَلَيْهِمْ عَمًى أُو۟لَٰٓئِكَ يُنَادَوْنَ مِن مَّكَانٍۭ بَعِيدٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك ـ شۈبھىگە) شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)، قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان، مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ)(44).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَٰبَ فَٱخْتُلِفَ فِيهِ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِن رَّبِّكَ لَقُضِىَ بَيْنَهُمْ وَإِنَّهُمْ لَفِى شَكٍّ مِّنْهُ مُرِيبٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق، ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولدى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى قىيامەتكىچە كېچىكتۈرۈش) ۋەدىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن قۇرئاندىن زىيادە شەكتىدۇر(45).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مَّنْ عَمِلَ صَٰلِحًا فَلِنَفْسِهِۦ وَمَنْ أَسَآءَ فَعَلَيْهَا وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّٰمٍ لِّلْعَبِيدِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر(46).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِلَيْهِ يُرَدُّ عِلْمُ ٱلسَّاعَةِ وَمَا تَخْرُجُ مِن ثَمَرَٰتٍ مِّنْ أَكْمَامِهَا وَمَا تَحْمِلُ مِنْ أُنثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلْمِهِۦ وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ أَيْنَ شُرَكَآءِى قَالُوٓا۟ ءَاذَنَّٰكَ مَا مِنَّا مِن شَهِيدٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehقىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا كىشى بىلمەيدۇ). مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەر قانداق چىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر، ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ شېرىكلىرىم (يەنى سىلەر ماڭا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەر) قەيەردە؟» دەپ نىدا قىلىدۇ، ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا ھېچ كىشى (سېنىڭ شېرىكىڭ بار دەپ) گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ» دەيدۇ(47).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَدْعُونَ مِن قَبْلُ وَظَنُّوا۟ مَا لَهُم مِّن مَّحِيصٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) چوقۇنغان مەبۇدلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ، ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ(48).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
لَّا يَسْـَٔمُ ٱلْإِنسَٰنُ مِن دُعَآءِ ٱلْخَيْرِ وَإِن مَّسَّهُ ٱلشَّرُّ فَيَـُٔوسٌ قَنُوطٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىنسان (ئۆزىگە) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ(49).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَئِنْ أَذَقْنَٰهُ رَحْمَةً مِّنَّا مِنۢ بَعْدِ ضَرَّآءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ هَٰذَا لِى وَمَآ أَظُنُّ ٱلسَّاعَةَ قَآئِمَةً وَلَئِن رُّجِعْتُ إِلَىٰ رَبِّىٓ إِنَّ لِى عِندَهُۥ لَلْحُسْنَىٰ فَلَنُنَبِّئَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِمَا عَمِلُوا۟ وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز(50).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِذَآ أَنْعَمْنَا عَلَى ٱلْإِنسَٰنِ أَعْرَضَ وَنَـَٔا بِجَانِبِهِۦ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ فَذُو دُعَآءٍ عَرِيضٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق (پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە (ئاللاھقا يۈزلىنىپ) ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ(51).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قُلْ أَرَءَيْتُمْ إِن كَانَ مِنْ عِندِ ٱللَّهِ ثُمَّ كَفَرْتُم بِهِۦ مَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ هُوَ فِى شِقَاقٍۭ بَعِيدٍ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، سىلەر (ئويلىماستىنلا ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ھالىڭلار قانداق بولىدۇ). (ھەقتىن) يىراق ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ (يەنى سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم يوق)»(52).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
سَنُرِيهِمْ ءَايَٰتِنَا فِى ٱلْـَٔافَاقِ وَفِىٓ أَنفُسِهِمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ ٱلْحَقُّ أَوَلَمْ يَكْفِ بِرَبِّكَ أَنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ شَهِيدٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغىچە، (ئاسمان ـ زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ؟(53)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَلَآ إِنَّهُمْ فِى مِرْيَةٍ مِّن لِّقَآءِ رَبِّهِمْ أَلَآ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَىْءٍ مُّحِيطٌۢ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(54).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
→