caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

غافر سۈرىسى غافر

85 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 60

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ حمٓ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھامىم(1).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تَنزِيلُ ٱلْكِتَٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْعَلِيمِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر(2).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

غَافِرِ ٱلذَّنۢبِ وَقَابِلِ ٱلتَّوْبِ شَدِيدِ ٱلْعِقَابِ ذِى ٱلطَّوْلِ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ إِلَيْهِ ٱلْمَصِيرُ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئاللاھ) گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر، (ئاللاھ) ئىنئام ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر(3).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

مَا يُجَٰدِلُ فِىٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَلَا يَغْرُرْكَ تَقَلُّبُهُمْ فِى ٱلْبِلَٰدِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھنىڭ ئايەتلىرى (يەنى قۇرئان) توغرىسىدا پەقەت كاپىرلار مۇجادىلە قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ شەھەرلەردە بېرىپ ـ كېلىپ يۈرۈشلىرىگە مەغرۇر بولۇپ كەتمىگىن(4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَٱلْأَحْزَابُ مِنۢ بَعْدِهِمْ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍۭ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ وَجَٰدَلُوا۟ بِٱلْبَٰطِلِ لِيُدْحِضُوا۟ بِهِ ٱلْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلار (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟(5)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَكَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَنَّهُمْ أَصْحَٰبُ ٱلنَّارِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇنىڭدەك (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە تېگىشلىك بولغاندەك) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر(6).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّذِينَ يَحْمِلُونَ ٱلْعَرْشَ وَمَنْ حَوْلَهُۥ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيُؤْمِنُونَ بِهِۦ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ رَبَّنَا وَسِعْتَ كُلَّ شَىْءٍ رَّحْمَةً وَعِلْمًا فَٱغْفِرْ لِلَّذِينَ تَابُوا۟ وَٱتَّبَعُوا۟ سَبِيلَكَ وَقِهِمْ عَذَابَ ٱلْجَحِيمِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن(7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

رَبَّنَا وَأَدْخِلْهُمْ جَنَّٰتِ عَدْنٍ ٱلَّتِى وَعَدتَّهُمْ وَمَن صَلَحَ مِنْ ءَابَآئِهِمْ وَأَزْوَٰجِهِمْ وَذُرِّيَّٰتِهِمْ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَقِهِمُ ٱلسَّيِّـَٔاتِ وَمَن تَقِ ٱلسَّيِّـَٔاتِ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمْتَهُۥ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر»(9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يُنَادَوْنَ لَمَقْتُ ٱللَّهِ أَكْبَرُ مِن مَّقْتِكُمْ أَنفُسَكُمْ إِذْ تُدْعَوْنَ إِلَى ٱلْإِيمَٰنِ فَتَكْفُرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، كاپىرلارغا: «ئاللاھنىڭ (دۇنيادا) سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ (ئاخىرەتتە) بىر ـ بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىناتتىڭلار، لېكىن ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ(10).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قَالُوا۟ رَبَّنَآ أَمَتَّنَا ٱثْنَتَيْنِ وَأَحْيَيْتَنَا ٱثْنَتَيْنِ فَٱعْتَرَفْنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلْ إِلَىٰ خُرُوجٍ مِّن سَبِيلٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ(11).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ذَٰلِكُم بِأَنَّهُۥٓ إِذَا دُعِىَ ٱللَّهُ وَحْدَهُۥ كَفَرْتُمْ وَإِن يُشْرَكْ بِهِۦ تُؤْمِنُوا۟ فَٱلْحُكْمُ لِلَّهِ ٱلْعَلِىِّ ٱلْكَبِيرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا (بۇنى) ئىنكار قىلدىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە (يەنى لات، ئۇززا قاتارلىق بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرىلساڭلار) ئۇنى تەستىق قىلىسىلەر (يەنى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر)، ھۆكۈم يۈكسەك، بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر(12).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هُوَ ٱلَّذِى يُرِيكُمْ ءَايَٰتِهِۦ وَيُنَزِّلُ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ رِزْقًا وَمَا يَتَذَكَّرُ إِلَّا مَن يُنِيبُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەرگە كۆكتىن يامغۇر بىلەن رىزىق چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقان كىشىلەرلا (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ(13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَٱدْعُوا۟ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْكَٰفِرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehدىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ(14).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

رَفِيعُ ٱلدَّرَجَٰتِ ذُو ٱلْعَرْشِ يُلْقِى ٱلرُّوحَ مِنْ أَمْرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ لِيُنذِرَ يَوْمَ ٱلتَّلَاقِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، (ئاللاھ) ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، (خالايىق) مۇلاقات بولۇشىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ھۆكمى بويىچە بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە ۋەھىي چۈشۈرىدۇ(15).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَوْمَ هُم بَٰرِزُونَ لَا يَخْفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِنْهُمْ شَىْءٌ لِّمَنِ ٱلْمُلْكُ ٱلْيَوْمَ لِلَّهِ ٱلْوَٰحِدِ ٱلْقَهَّارِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئەمەللىرىدىن، سىرلىرىدىن) ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر(16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلْيَوْمَ تُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ لَا ظُلْمَ ٱلْيَوْمَ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر(17).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَأَنذِرْهُمْ يَوْمَ ٱلْـَٔازِفَةِ إِذِ ٱلْقُلُوبُ لَدَى ٱلْحَنَاجِرِ كَٰظِمِينَ مَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ(18).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَعْلَمُ خَآئِنَةَ ٱلْأَعْيُنِ وَمَا تُخْفِى ٱلصُّدُورُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ(19).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱللَّهُ يَقْضِى بِٱلْحَقِّ وَٱلَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَقْضُونَ بِشَىْءٍ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(20).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَوَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ كَانُوا۟ مِن قَبْلِهِمْ كَانُوا۟ هُمْ أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَءَاثَارًا فِى ٱلْأَرْضِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ وَمَا كَانَ لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت قۇرۇش) جەھەتتە بۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرى) دىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى(21).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانَت تَّأْتِيهِمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَٰتِ فَكَفَرُوا۟ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ إِنَّهُۥ قَوِىٌّ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر(22).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَا وَسُلْطَٰنٍ مُّبِينٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى(23ـ24).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَهَٰمَٰنَ وَقَٰرُونَ فَقَالُوا۟ سَٰحِرٌ كَذَّابٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى(23ـ24).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلْحَقِّ مِنْ عِندِنَا قَالُوا۟ ٱقْتُلُوٓا۟ أَبْنَآءَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ وَٱسْتَحْيُوا۟ نِسَآءَهُمْ وَمَا كَيْدُ ٱلْكَٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَٰلٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق (يەنى پەيغەمبەرلىك) بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ(25).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِىٓ أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُۥٓ إِنِّىٓ أَخَافُ أَن يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَن يُظْهِرَ فِى ٱلْأَرْضِ ٱلْفَسَادَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»(26).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِنِّى عُذْتُ بِرَبِّى وَرَبِّكُم مِّن كُلِّ مُتَكَبِّرٍ لَّا يُؤْمِنُ بِيَوْمِ ٱلْحِسَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان ئاللاھ) قا سىغىنىپ، ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) گە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىر (نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى) دىن پاناھ تىلەيمەن»(27).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَقَالَ رَجُلٌ مُّؤْمِنٌ مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَٰنَهُۥٓ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَن يَقُولَ رَبِّىَ ٱللَّهُ وَقَدْ جَآءَكُم بِٱلْبَيِّنَٰتِ مِن رَّبِّكُمْ وَإِن يَكُ كَٰذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُۥ وَإِن يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُم بَعْضُ ٱلَّذِى يَعِدُكُمْ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر "پەرۋەردىگارىم ئاللاھ" دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ(28).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰقَوْمِ لَكُمُ ٱلْمُلْكُ ٱلْيَوْمَ ظَٰهِرِينَ فِى ٱلْأَرْضِ فَمَن يَنصُرُنَا مِنۢ بَأْسِ ٱللَّهِ إِن جَآءَنَا قَالَ فِرْعَوْنُ مَآ أُرِيكُمْ إِلَّا مَآ أَرَىٰ وَمَآ أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن»(29).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَقَالَ ٱلَّذِىٓ ءَامَنَ يَٰقَوْمِ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُم مِّثْلَ يَوْمِ ٱلْأَحْزَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehمۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ(30ـ31).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعْدِهِمْ وَمَا ٱللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِّلْعِبَادِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehمۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ(30ـ31).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيَٰقَوْمِ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ ٱلتَّنَادِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن(32).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنْ هَادٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ(33).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَقَدْ جَآءَكُمْ يُوسُفُ مِن قَبْلُ بِٱلْبَيِّنَٰتِ فَمَا زِلْتُمْ فِى شَكٍّ مِّمَّا جَآءَكُم بِهِۦ حَتَّىٰٓ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَن يَبْعَثَ ٱللَّهُ مِنۢ بَعْدِهِۦ رَسُولًا كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُّرْتَابٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۇسۇف (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل ـ پاكىتسىز) ھالدا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ دېدىڭلار، ئاللاھ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ»(34).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَٰنٍ أَتَىٰهُمْ كَبُرَ مَقْتًا عِندَ ٱللَّهِ وَعِندَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ(35).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَٰهَٰمَٰنُ ٱبْنِ لِى صَرْحًا لَّعَلِّىٓ أَبْلُغُ ٱلْأَسْبَٰبَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى(36ـ37).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَسْبَٰبَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰٓ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّى لَأَظُنُّهُۥ كَٰذِبًا وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ وَصُدَّ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِى تَبَابٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى(36ـ37).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَقَالَ ٱلَّذِىٓ ءَامَنَ يَٰقَوْمِ ٱتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(پىرئەۋن خانىدانىدىن) ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن(38).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰقَوْمِ إِنَّمَا هَٰذِهِ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا مَتَٰعٌ وَإِنَّ ٱلْـَٔاخِرَةَ هِىَ دَارُ ٱلْقَرَارِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر(39).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

مَنْ عَمِلَ سَيِّئَةً فَلَا يُجْزَىٰٓ إِلَّا مِثْلَهَا وَمَنْ عَمِلَ صَٰلِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُو۟لَٰٓئِكَ يَدْخُلُونَ ٱلْجَنَّةَ يُرْزَقُونَ فِيهَا بِغَيْرِ حِسَابٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكىمكى (بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، كىمكى ئۆزى مۆمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ(40).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيَٰقَوْمِ مَا لِىٓ أَدْعُوكُمْ إِلَى ٱلنَّجَوٰةِ وَتَدْعُونَنِىٓ إِلَى ٱلنَّارِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى قەۋمىم! ماڭا نېمىكى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەر مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەرغۇ!(41)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تَدْعُونَنِى لِأَكْفُرَ بِٱللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِۦ مَا لَيْسَ لِى بِهِۦ عِلْمٌ وَأَنَا۠ أَدْعُوكُمْ إِلَى ٱلْعَزِيزِ ٱلْغَفَّٰرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (ئاللاھ) قا دەۋەت قىلىمەن(42).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِىٓ إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُۥ دَعْوَةٌ فِى ٱلدُّنْيَا وَلَا فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَآ إِلَى ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱلْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَٰبُ ٱلنَّارِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىسىلەر، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر(43).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَسَتَذْكُرُونَ مَآ أَقُولُ لَكُمْ وَأُفَوِّضُ أَمْرِىٓ إِلَى ٱللَّهِ إِنَّ ٱللَّهَ بَصِيرٌۢ بِٱلْعِبَادِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»(44).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَوَقَىٰهُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِ مَا مَكَرُوا۟ وَحَاقَ بِـَٔالِ فِرْعَوْنَ سُوٓءُ ٱلْعَذَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب چۈشتى(45).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلنَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوًّا وَعَشِيًّا وَيَوْمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ أَدْخِلُوٓا۟ ءَالَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ ٱلْعَذَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ)(46).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذْ يَتَحَآجُّونَ فِى ٱلنَّارِ فَيَقُولُ ٱلضُّعَفَٰٓؤُا۟ لِلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنتُم مُّغْنُونَ عَنَّا نَصِيبًا مِّنَ ٱلنَّارِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىدىن بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ(47).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُلٌّ فِيهَآ إِنَّ ٱللَّهَ قَدْ حَكَمَ بَيْنَ ٱلْعِبَادِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرى): «شۈبھىسىزكى، بىز ھەممىمىز دوزاختادۇرمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى» دەيدۇ(48).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَقَالَ ٱلَّذِينَ فِى ٱلنَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ٱدْعُوا۟ رَبَّكُمْ يُخَفِّفْ عَنَّا يَوْمًا مِّنَ ٱلْعَذَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehدوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ(49).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قَالُوٓا۟ أَوَلَمْ تَكُ تَأْتِيكُمْ رُسُلُكُم بِٱلْبَيِّنَٰتِ قَالُوا۟ بَلَىٰ قَالُوا۟ فَٱدْعُوا۟ وَمَا دُعَٰٓؤُا۟ ٱلْكَٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَٰلٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (يەنى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر): «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ(50).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ ٱلْأَشْهَٰدُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز(51).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَوْمَ لَا يَنفَعُ ٱلظَّٰلِمِينَ مَعْذِرَتُهُمْ وَلَهُمُ ٱللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوٓءُ ٱلدَّارِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ(52).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْهُدَىٰ وَأَوْرَثْنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱلْكِتَٰبَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى مىراس قىلىپ بەردۇق(53).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هُدًى وَذِكْرَىٰ لِأُو۟لِى ٱلْأَلْبَٰبِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر(54).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَٱصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ وَٱسْتَغْفِرْ لِذَنۢبِكَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِٱلْعَشِىِّ وَٱلْإِبْكَٰرِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا ۋە سېنىڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن(55).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَٰنٍ أَتَىٰهُمْ إِن فِى صُدُورِهِمْ إِلَّا كِبْرٌ مَّا هُم بِبَٰلِغِيهِ فَٱسْتَعِذْ بِٱللَّهِ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن)، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(56).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَخَلْقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ أَكْبَرُ مِنْ خَلْقِ ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ(57).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَا يَسْتَوِى ٱلْأَعْمَىٰ وَٱلْبَصِيرُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَلَا ٱلْمُسِىٓءُ قَلِيلًا مَّا تَتَذَكَّرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەما بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن بىلەن كاپىر) باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر(58).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَـَٔاتِيَةٌ لَّا رَيْبَ فِيهَا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى، قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ)(59).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَقَالَ رَبُّكُمُ ٱدْعُونِىٓ أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِى سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»(60).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيْلَ لِتَسْكُنُوا۟ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبْصِرًا إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى، (تىرىكچىلىك يولىدا ھەرىكەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ئېھسانىغا شۈكۈر قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە نېمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ)(61).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ خَٰلِقُ كُلِّ شَىْءٍ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟(62)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَذَٰلِكَ يُؤْفَكُ ٱلَّذِينَ كَانُوا۟ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ يَجْحَدُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ شۇنداق قىلغان)(63).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ قَرَارًا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءً وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَٰلَمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر(64).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هُوَ ٱلْحَىُّ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَٱدْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!(65)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قُلْ إِنِّى نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ ٱلَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَمَّا جَآءَنِىَ ٱلْبَيِّنَٰتُ مِن رَّبِّى وَأُمِرْتُ أَنْ أُسْلِمَ لِرَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم»(66).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ يُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوٓا۟ أَشُدَّكُمْ ثُمَّ لِتَكُونُوا۟ شُيُوخًا وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ مِن قَبْلُ وَلِتَبْلُغُوٓا۟ أَجَلًا مُّسَمًّى وَلَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، (ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى، ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن (كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە ئەقىلدە كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر- بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر- ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر، سىلەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) چۈشەنگەيسىلەر(67).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هُوَ ٱلَّذِى يُحْىِۦ وَيُمِيتُ فَإِذَا قَضَىٰٓ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر، ئۇ بىرەر ئىشنى (قىلىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ(68).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ أَنَّىٰ يُصْرَفُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟(69)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِٱلْكِتَٰبِ وَبِمَآ أَرْسَلْنَا بِهِۦ رُسُلَنَا فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز نازىل قىلغان مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ(70)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِذِ ٱلْأَغْلَٰلُ فِىٓ أَعْنَٰقِهِمْ وَٱلسَّلَٰسِلُ يُسْحَبُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ(71ـ72).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فِى ٱلْحَمِيمِ ثُمَّ فِى ٱلنَّارِ يُسْجَرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ(71ـ72).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ثُمَّ قِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنتُمْ تُشْرِكُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ(73ـ74).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

مِن دُونِ ٱللَّهِ قَالُوا۟ ضَلُّوا۟ عَنَّا بَل لَّمْ نَكُن نَّدْعُوا۟ مِن قَبْلُ شَيْـًٔا كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلْكَٰفِرِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ(73ـ74).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ذَٰلِكُم بِمَا كُنتُمْ تَفْرَحُونَ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ وَبِمَا كُنتُمْ تَمْرَحُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل ـ مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر(75).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱدْخُلُوٓا۟ أَبْوَٰبَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَا فَبِئْسَ مَثْوَى ٱلْمُتَكَبِّرِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببۇرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!(76)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَٱصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ ٱلَّذِى نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)(77).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِّن قَبْلِكَ مِنْهُم مَّن قَصَصْنَا عَلَيْكَ وَمِنْهُم مَّن لَّمْ نَقْصُصْ عَلَيْكَ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأْتِىَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ فَإِذَا جَآءَ أَمْرُ ٱللَّهِ قُضِىَ بِٱلْحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلْمُبْطِلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ(78).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَنْعَٰمَ لِتَرْكَبُوا۟ مِنْهَا وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehمىنىشىڭلار ۋە گۆشلىرىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە ھايۋانلارنى ياراتتى(79).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَكُمْ فِيهَا مَنَٰفِعُ وَلِتَبْلُغُوا۟ عَلَيْهَا حَاجَةً فِى صُدُورِكُمْ وَعَلَيْهَا وَعَلَى ٱلْفُلْكِ تُحْمَلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، (قۇرۇقلۇقتا يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى) ئۇلارغا ئارتىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر(80).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيُرِيكُمْ ءَايَٰتِهِۦ فَأَىَّ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ تُنكِرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) قايسى ئالامەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(81)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَفَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ كَانُوٓا۟ أَكْثَرَ مِنْهُمْ وَأَشَدَّ قُوَّةً وَءَاثَارًا فِى ٱلْأَرْضِ فَمَآ أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت) جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى(82).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَلَمَّا جَآءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَٰتِ فَرِحُوا۟ بِمَا عِندَهُم مِّنَ ٱلْعِلْمِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلىنىپ (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسخىرە قىلدى)، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان (ۋە كەلسە دەپ ئالدىرىغان) ئازاب نازىل بولدى(83).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَلَمَّا رَأَوْا۟ بَأْسَنَا قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَحْدَهُۥ وَكَفَرْنَا بِمَا كُنَّا بِهِۦ مُشْرِكِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىز بۇرۇن (ئاللاھقا) شېرىك قىلغانلىرىمىزنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى(84).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

فَلَمْ يَكُ يَنفَعُهُمْ إِيمَٰنُهُمْ لَمَّا رَأَوْا۟ بَأْسَنَا سُنَّتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِى قَدْ خَلَتْ فِى عِبَادِهِۦ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلْكَٰفِرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ (يەنى ئازابنى كۆرگەندە ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىلىق بولماسلىقى) ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى(85).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70