طه سۈرىسى طه
135 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 45
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ طه
Uyghur Translation - Muhammad Salehتاھا (يەنى ئى مۇھەممەد!)(1).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مَآ أَنزَلْنَا عَلَيْكَ ٱلْقُرْءَانَ لِتَشْقَىٰٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehقۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس(2)،
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِلَّا تَذْكِرَةً لِّمَن يَخْشَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەقەت (ئاللاھتىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق(3).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تَنزِيلًا مِّمَّنْ خَلَقَ ٱلْأَرْضَ وَٱلسَّمَٰوَٰتِ ٱلْعُلَى
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ زېمىننى ۋە (كەڭ) ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان(4).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱلرَّحْمَٰنُ عَلَى ٱلْعَرْشِ ٱسْتَوَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى(5).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
لَهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَمَا تَحْتَ ٱلثَّرَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدۇر)(6).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِن تَجْهَرْ بِٱلْقَوْلِ فَإِنَّهُۥ يَعْلَمُ ٱلسِّرَّ وَأَخْفَى
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئوخشاشتۇر)، چۈنكى ئۇ سىرنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپىيرەك ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ(7).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ لَهُ ٱلْأَسْمَآءُ ٱلْحُسْنَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار(8).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَهَلْ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسانىڭ قىسسەسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟(9)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِذْ رَءَا نَارًا فَقَالَ لِأَهْلِهِ ٱمْكُثُوٓا۟ إِنِّىٓ ءَانَسْتُ نَارًا لَّعَلِّىٓ ءَاتِيكُم مِّنْهَا بِقَبَسٍ أَوْ أَجِدُ عَلَى ٱلنَّارِ هُدًى
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا مۇسا (بىر جايدا) ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ (ئۇنىڭدىن) بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى(10).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَمَّآ أَتَىٰهَا نُودِىَ يَٰمُوسَىٰٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ئى مۇسا!(11)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنِّىٓ أَنَا۠ رَبُّكَ فَٱخْلَعْ نَعْلَيْكَ إِنَّكَ بِٱلْوَادِ ٱلْمُقَدَّسِ طُوًى
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن(12).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَنَا ٱخْتَرْتُكَ فَٱسْتَمِعْ لِمَا يُوحَىٰٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدىم، سەن ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن(13).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّنِىٓ أَنَا ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعْبُدْنِى وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِذِكْرِىٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن(14).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ ٱلسَّاعَةَ ءَاتِيَةٌ أَكَادُ أُخْفِيهَا لِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا تَسْعَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehقىيامەتنىڭ بولۇشى مۇھەققەقتۇر، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قاچان بولۇشىنى) مەخپىي تۇتتۇم(15).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَا يَصُدَّنَّكَ عَنْهَا مَن لَّا يُؤْمِنُ بِهَا وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ فَتَرْدَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehقىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى ئۇنىڭدىن (يەنى قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن ۋە ئۇنى تەستىق قىلىشتىن) توسمىسۇن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن (چۈنكى ئاخىرەتتىن غاپىل بولۇش، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ )(16).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا تِلْكَ بِيَمِينِكَ يَٰمُوسَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟»(17)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ هِىَ عَصَاىَ أَتَوَكَّؤُا۟ عَلَيْهَا وَأَهُشُّ بِهَا عَلَىٰ غَنَمِى وَلِىَ فِيهَا مَـَٔارِبُ أُخْرَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭدا مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار»(18).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ أَلْقِهَا يَٰمُوسَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى (يەرگە) تاشلىغىن» دېدى(19).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَلْقَىٰهَا فَإِذَا هِىَ حَيَّةٌ تَسْعَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ ناگاھان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى(20).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ خُذْهَا وَلَا تَخَفْ سَنُعِيدُهَا سِيرَتَهَا ٱلْأُولَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئېيتتى: « ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، ئۇنى دەسلەپكى (يەنى ھاسىلىق) ھالىتىگە قايتۇرىمىز(21).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱضْمُمْ يَدَكَ إِلَىٰ جَنَاحِكَ تَخْرُجْ بَيْضَآءَ مِنْ غَيْرِ سُوٓءٍ ءَايَةً أُخْرَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehقولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن (ئاندىن چىقارغىن)، ئۇ ھېچقانداق ئەيىب ـ نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق (نۇرلۇق بولۇپ) چىقىدۇ، (بۇ) ئىككىنچى مۆجىزىدۇر(22).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
لِنُرِيَكَ مِنْ ءَايَٰتِنَا ٱلْكُبْرَى
Uyghur Translation - Muhammad Salehساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزدىن بەزىسىنى كۆرسىتىمىز(23).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى»(24).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ رَبِّ ٱشْرَحْ لِى صَدْرِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن(25).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَسِّرْ لِىٓ أَمْرِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehمېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن(26).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱحْلُلْ عُقْدَةً مِّن لِّسَانِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehتىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن(27).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَفْقَهُوا۟ قَوْلِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن(28).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱجْعَل لِّى وَزِيرًا مِّنْ أَهْلِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن(30 ـ 29).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
هَٰرُونَ أَخِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن(30 ـ 29).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱشْدُدْ بِهِۦٓ أَزْرِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن(31).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَشْرِكْهُ فِىٓ أَمْرِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehمېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن(32).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كَىْ نُسَبِّحَكَ كَثِيرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز(33).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَنَذْكُرَكَ كَثِيرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز(34).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّكَ كُنتَ بِنَا بَصِيرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehسەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»(35).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ قَدْ أُوتِيتَ سُؤْلَكَ يَٰمُوسَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغان نەرسىلىرىڭ ساڭا بېرىلدى(36) .
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَيْكَ مَرَّةً أُخْرَىٰٓ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(بۇنىڭدىن باشقا) ساڭا يەنە بىر قېتىم ئىنئام قىلغان ئىدۇق(37).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِذْ أَوْحَيْنَآ إِلَىٰٓ أُمِّكَ مَا يُوحَىٰٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»(38).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَنِ ٱقْذِفِيهِ فِى ٱلتَّابُوتِ فَٱقْذِفِيهِ فِى ٱلْيَمِّ فَلْيُلْقِهِ ٱلْيَمُّ بِٱلسَّاحِلِ يَأْخُذْهُ عَدُوٌّ لِّى وَعَدُوٌّ لَّهُۥ وَأَلْقَيْتُ عَلَيْكَ مَحَبَّةً مِّنِّى وَلِتُصْنَعَ عَلَىٰ عَيْنِىٓ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئېيتتۇقكى) «ئۇنى (يەنى بالىنى) ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى (ساندۇق بىلەن) دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان (پىرئەۋن) ئېلىپ (باقسۇن)». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيەلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم(39).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِذْ تَمْشِىٓ أُخْتُكَ فَتَقُولُ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ مَن يَكْفُلُهُۥ فَرَجَعْنَٰكَ إِلَىٰٓ أُمِّكَ كَىْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ وَقَتَلْتَ نَفْسًا فَنَجَّيْنَٰكَ مِنَ ٱلْغَمِّ وَفَتَنَّٰكَ فُتُونًا فَلَبِثْتَ سِنِينَ فِىٓ أَهْلِ مَدْيَنَ ثُمَّ جِئْتَ عَلَىٰ قَدَرٍ يَٰمُوسَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىرئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن (بۇ يەرگە) كەلدىڭ(40).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱصْطَنَعْتُكَ لِنَفْسِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehسېنى مېنىڭ مۇھەببىتىمگە (يەنى پەيغەمبەر قىلىپ ۋەھىي نازىل قىلىشىمغا) تاللىدىم(41).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱذْهَبْ أَنتَ وَأَخُوكَ بِـَٔايَٰتِى وَلَا تَنِيَا فِى ذِكْرِى
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇسا!) سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ (ھارۇن) مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكرىمگە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار(42).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱذْهَبَآ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى(43).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَقُولَا لَهُۥ قَوْلًا لَّيِّنًا لَّعَلَّهُۥ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن(44).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَا رَبَّنَآ إِنَّنَا نَخَافُ أَن يَفْرُطَ عَلَيْنَآ أَوْ أَن يَطْغَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى(45).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ لَا تَخَافَآ إِنَّنِى مَعَكُمَآ أَسْمَعُ وَأَرَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن جاۋابىنى) ئاڭلاپ تۇرىمەن، (ئۇنىڭ سىلەرگە قىلىدىغانلىرىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن(46).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأْتِيَاهُ فَقُولَآ إِنَّا رَسُولَا رَبِّكَ فَأَرْسِلْ مَعَنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ وَلَا تُعَذِّبْهُمْ قَدْ جِئْنَٰكَ بِـَٔايَةٍ مِّن رَّبِّكَ وَٱلسَّلَٰمُ عَلَىٰ مَنِ ٱتَّبَعَ ٱلْهُدَىٰٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەم (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئامان قالىدۇ(47).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّا قَدْ أُوحِىَ إِلَيْنَآ أَنَّ ٱلْعَذَابَ عَلَىٰ مَن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزگە شەك ـ شۈبھىسىز ۋەھىي قىلىندىكى، (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەم (قاتتىق) ئازابقا دۇچار بولىدۇ، دەڭلار»(48).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ فَمَن رَّبُّكُمَا يَٰمُوسَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن) پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟» دېدى(49).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ رَبُّنَا ٱلَّذِىٓ أَعْطَىٰ كُلَّ شَىْءٍ خَلْقَهُۥ ثُمَّ هَدَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى»(50).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ فَمَا بَالُ ٱلْقُرُونِ ٱلْأُولَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن ئېيتتى: «ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھالى قانداق؟ (يەنى قانداق بولغان؟) »(51)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ عِلْمُهَا عِندَ رَبِّى فِى كِتَٰبٍ لَّا يَضِلُّ رَبِّى وَلَا يَنسَى
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەۋھۇلمەھپۇزدا (خاتىرىلەكلىكتۇر)، پەرۋەردىگارىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ(52).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ مَهْدًا وَسَلَكَ لَكُمْ فِيهَا سُبُلًا وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَخْرَجْنَا بِهِۦٓ أَزْوَٰجًا مِّن نَّبَاتٍ شَتَّىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى»(53).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كُلُوا۟ وَٱرْعَوْا۟ أَنْعَٰمَكُمْ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَٰتٍ لِّأُو۟لِى ٱلنُّهَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇلاردىن) يەڭلار ۋە مال - چارۋىلىرىڭلارنى بېقىڭلار، ئۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار(54).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مِنْهَا خَلَقْنَٰكُمْ وَفِيهَا نُعِيدُكُمْ وَمِنْهَا نُخْرِجُكُمْ تَارَةً أُخْرَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرنى زېمىندىن خەلق ئەتتۇق، (ئۆلگۈنۈڭلاردىن كېيىن) سىلەرنى يەنە زېمىنغا قايتۇرىمىز (توپىغا ئايلىنىسىلەر)، سىلەرنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يەنە بىر قېتىم زېمىندىن چىقىرىمىز(55).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَقَدْ أَرَيْنَٰهُ ءَايَٰتِنَا كُلَّهَا فَكَذَّبَ وَأَبَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ ھەممە مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئۇ ئىنكار قىلدى ۋە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتى(56).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ أَجِئْتَنَا لِتُخْرِجَنَا مِنْ أَرْضِنَا بِسِحْرِكَ يَٰمُوسَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن ئېيتتى: «ئى مۇسا ! سېھرىڭ بىلەن بىزنى زېمىنىمىز (مىسىر) دىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟(57)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَنَأْتِيَنَّكَ بِسِحْرٍ مِّثْلِهِۦ فَٱجْعَلْ بَيْنَنَا وَبَيْنَكَ مَوْعِدًا لَّا نُخْلِفُهُۥ نَحْنُ وَلَآ أَنتَ مَكَانًا سُوًى
Uyghur Translation - Muhammad Salehساڭا بىز شۇنىڭغا ئوخشاش سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرىمىز، سەن بىزگە ئۆز ئارا يىغىلىدىغان ۋاقىتنى ۋە مۇئەييەن جاينى بەلگىلەپ بەرگىن، سەنمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايلى»(58).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ مَوْعِدُكُمْ يَوْمُ ٱلزِّينَةِ وَأَن يُحْشَرَ ٱلنَّاسُ ضُحًى
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»(59).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَتَوَلَّىٰ فِرْعَوْنُ فَجَمَعَ كَيْدَهُۥ ثُمَّ أَتَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن قايتىپ كېتىپ ھىيلە ـ مىكرنى (يەنى سېھىرگەرلەرنى) توپلىدى. ئاندىن ئۇ (سېھىرگەرلەرنى ۋە سېھرىدە ئىشلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا) كەلدى(60).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ لَهُم مُّوسَىٰ وَيْلَكُمْ لَا تَفْتَرُوا۟ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا فَيُسْحِتَكُم بِعَذَابٍ وَقَدْ خَابَ مَنِ ٱفْتَرَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋاي! ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماڭلار (يەنى سېھرىڭلار ئارقىلىق مۆجىزىلىرىمگە تاقابىل تۇرۇشنى دەۋا قىلماڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ»(61).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَتَنَٰزَعُوٓا۟ أَمْرَهُم بَيْنَهُمْ وَأَسَرُّوا۟ ٱلنَّجْوَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئۆز ئىشى (يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئىشى) ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، قىلغان دەتالىشىنى يوشۇرۇشتى(62).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوٓا۟ إِنْ هَٰذَٰنِ لَسَٰحِرَٰنِ يُرِيدَانِ أَن يُخْرِجَاكُم مِّنْ أَرْضِكُم بِسِحْرِهِمَا وَيَذْهَبَا بِطَرِيقَتِكُمُ ٱلْمُثْلَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستلا سېھىرگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ(63).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَجْمِعُوا۟ كَيْدَكُمْ ثُمَّ ٱئْتُوا۟ صَفًّا وَقَدْ أَفْلَحَ ٱلْيَوْمَ مَنِ ٱسْتَعْلَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehھىيلەڭلارنىڭ ھەممىسىنى جەملەڭلار (يەنى پۈتۈن چارە ـ تەدبىرلىرىڭلارنى بىر نۇقتىغا يىغىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىڭلار)، ئاندىن (قارىغۇچىلارغا ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ئۈچۈن مەيدانغا) سەپ تارتىپ كېلىڭلار، بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم راستلا مەقسىتىگە ئېرىشىدۇ»(64).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ يَٰمُوسَىٰٓ إِمَّآ أَن تُلْقِىَ وَإِمَّآ أَن نَّكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَلْقَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن؟ ياكى (ئارغامچا، ھاسىلىرىمىزنى) بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟»(65)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ بَلْ أَلْقُوا۟ فَإِذَا حِبَالُهُمْ وَعِصِيُّهُمْ يُخَيَّلُ إِلَيْهِ مِن سِحْرِهِمْ أَنَّهَا تَسْعَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا: «ئۇنداقتا سىلەر ئالدىدا تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىغان ئىدى) ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرىدىن (يەنى سېھىرنىڭ تەسىرىدىن) ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى(66).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَوْجَسَ فِى نَفْسِهِۦ خِيفَةً مُّوسَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(بۇنىڭدىن) مۇسا ئۆزىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى(67).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قُلْنَا لَا تَخَفْ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْأَعْلَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز (ئۇنىڭغا) ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن(68)،
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَلْقِ مَا فِى يَمِينِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوٓا۟ إِنَّمَا صَنَعُوا۟ كَيْدُ سَٰحِرٍ وَلَا يُفْلِحُ ٱلسَّاحِرُ حَيْثُ أَتَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehقولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»(69).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأُلْقِىَ ٱلسَّحَرَةُ سُجَّدًا قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِرَبِّ هَٰرُونَ وَمُوسَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر (سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ): «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى(70).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ ءَامَنتُمْ لَهُۥ قَبْلَ أَنْ ءَاذَنَ لَكُمْ إِنَّهُۥ لَكَبِيرُكُمُ ٱلَّذِى عَلَّمَكُمُ ٱلسِّحْرَ فَلَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُم مِّنْ خِلَٰفٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ فِى جُذُوعِ ٱلنَّخْلِ وَلَتَعْلَمُنَّ أَيُّنَآ أَشَدُّ عَذَابًا وَأَبْقَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قول بىلەن سول پۇتنى، ئوڭ پۇت بىلەن سول قولنى) كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ (يەنى مېنىڭ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ) ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»(71).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ لَن نُّؤْثِرَكَ عَلَىٰ مَا جَآءَنَا مِنَ ٱلْبَيِّنَٰتِ وَٱلَّذِى فَطَرَنَا فَٱقْضِ مَآ أَنتَ قَاضٍ إِنَّمَا تَقْضِى هَٰذِهِ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَآ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «سېنى (يەنى ساڭا ئەگىشىشنى) ئىختىيار قىلىپ، بىزگە كەلگەن (مۇسانىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە بىزنى خەلق ئەتكەن ئاللاھنى ھەرگىز تاشلىمايمىز. (بىزنىڭ ھەققىمىزدە) نېمىنى ھۆكۈم قىلساڭ، شۇنى ھۆكۈم قىلغىن، سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ(72).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّآ ءَامَنَّا بِرَبِّنَا لِيَغْفِرَ لَنَا خَطَٰيَٰنَا وَمَآ أَكْرَهْتَنَا عَلَيْهِ مِنَ ٱلسِّحْرِ وَٱللَّهُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى، سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھنىڭ (ساۋابى سېنىڭ مۇكاپاتىڭدىن) ئارتۇقتۇر؛ ئاللاھنىڭ (ئازابى سېنىڭ جازايىڭدىن) دائىمىيدۇر»(73).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّهُۥ مَن يَأْتِ رَبَّهُۥ مُجْرِمًا فَإِنَّ لَهُۥ جَهَنَّمَ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحْيَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكىمكى گۇناھكار ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا ئۇ ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ(74).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَن يَأْتِهِۦ مُؤْمِنًا قَدْ عَمِلَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَأُو۟لَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلدَّرَجَٰتُ ٱلْعُلَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكىمكى مۆمىن بولۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ(75).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
جَنَّٰتُ عَدْنٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا وَذَٰلِكَ جَزَآءُ مَن تَزَكَّىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ (دەرىجىلەر) دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەرلەردە ئۇ مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر(76).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَقَدْ أَوْحَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِى فَٱضْرِبْ لَهُمْ طَرِيقًا فِى ٱلْبَحْرِ يَبَسًا لَّا تَخَٰفُ دَرَكًا وَلَا تَخْشَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز شەك ـ شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھىي قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كەت، سەن (ھاساڭنى) دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، (پىرئەۋننىڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ) يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، (دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ) قورقمىغىن»(77).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ بِجُنُودِهِۦ فَغَشِيَهُم مِّنَ ٱلْيَمِّ مَا غَشِيَهُمْ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلىدى، ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ لەشكىرىنى) دېڭىزدا دەھشەتلىك ھالەت ئورىۋالدى (يەنى ئۇلار دېڭىزدا غەرق بولدى)(78).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَضَلَّ فِرْعَوْنُ قَوْمَهُۥ وَمَا هَدَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، (ئۇلارنى) توغرا يولغا باشلىمىدى(79).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ قَدْ أَنجَيْنَٰكُم مِّنْ عَدُوِّكُمْ وَوَٰعَدْنَٰكُمْ جَانِبَ ٱلطُّورِ ٱلْأَيْمَنَ وَنَزَّلْنَا عَلَيْكُمُ ٱلْمَنَّ وَٱلسَّلْوَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، (مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن) سىلەرگە (تۇرسىنا) نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق(80).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كُلُوا۟ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقْنَٰكُمْ وَلَا تَطْغَوْا۟ فِيهِ فَيَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبِى وَمَن يَحْلِلْ عَلَيْهِ غَضَبِى فَقَدْ هَوَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئېيتتۇقكى) «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك ـ ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، بۇ ھەقتە چەكتىن ئاشماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) سىلەرگە غەزىپىم نازىل بولىدۇ، كىمگە مېنىڭ غەزىپىم نازىل بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ(81).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنِّى لَغَفَّارٌ لِّمَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحًا ثُمَّ ٱهْتَدَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehتەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن»(82).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَآ أَعْجَلَكَ عَن قَوْمِكَ يَٰمُوسَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh«ئى مۇسا! ئالدىراپ (تۇرسىناغا) قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق(83).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ هُمْ أُو۟لَآءِ عَلَىٰٓ أَثَرِى وَعَجِلْتُ إِلَيْكَ رَبِّ لِتَرْضَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، پەرۋەردىگارىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم»(84).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ فَإِنَّا قَدْ فَتَنَّا قَوْمَكَ مِنۢ بَعْدِكَ وَأَضَلَّهُمُ ٱلسَّامِرِىُّ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئېيتتى: «سەندىن (يەنى سەن كەتكەندىن) كېيىن قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى»(85).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَرَجَعَ مُوسَىٰٓ إِلَىٰ قَوْمِهِۦ غَضْبَٰنَ أَسِفًا قَالَ يَٰقَوْمِ أَلَمْ يَعِدْكُمْ رَبُّكُمْ وَعْدًا حَسَنًا أَفَطَالَ عَلَيْكُمُ ٱلْعَهْدُ أَمْ أَرَدتُّمْ أَن يَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبٌ مِّن رَّبِّكُمْ فَأَخْلَفْتُم مَّوْعِدِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ (سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك) ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»(86).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ مَآ أَخْلَفْنَا مَوْعِدَكَ بِمَلْكِنَا وَلَٰكِنَّا حُمِّلْنَآ أَوْزَارًا مِّن زِينَةِ ٱلْقَوْمِ فَقَذَفْنَٰهَا فَكَذَٰلِكَ أَلْقَى ٱلسَّامِرِىُّ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىز (پىرئەۋن) قەۋمىنىڭ زىننەتلىرىدىن نۇرغۇن ئېلىپ چىققان ئىدۇق، (سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە) ئۇلارنى (ئوتقا) تاشلىدۇق، سامىرىمۇ (ئۆزى ئېلىپ چىققان زىبۇ- زىننەتلىرىنى) تاشلىدى»(87).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَخْرَجَ لَهُمْ عِجْلًا جَسَدًا لَّهُۥ خُوَارٌ فَقَالُوا۟ هَٰذَآ إِلَٰهُكُمْ وَإِلَٰهُ مُوسَىٰ فَنَسِىَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسامىرى (ئېرىتىلگەن زىبۇ - زىننەتلەردىن) ئۇلار ئۈچۈن بىر موزاي ھەيكەل ياسىدى، ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى، ئۇلار (يەنى سامىرى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) ئېيتتى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر ۋە مۇسانىڭ ئىلاھىدۇر، مۇسا (ئىلاھنى بۇ يەردە) ئۇنتۇپ قېلىپ (ئۇنى ئىزدەپ تۇرسىناغا كەتتى)»(88).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَفَلَا يَرَوْنَ أَلَّا يَرْجِعُ إِلَيْهِمْ قَوْلًا وَلَا يَمْلِكُ لَهُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ موزاينىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟(89).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَقَدْ قَالَ لَهُمْ هَٰرُونُ مِن قَبْلُ يَٰقَوْمِ إِنَّمَا فُتِنتُم بِهِۦ وَإِنَّ رَبَّكُمُ ٱلرَّحْمَٰنُ فَٱتَّبِعُونِى وَأَطِيعُوٓا۟ أَمْرِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehشەك ـ شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا (مۇسا قايتىپ كېلىشتىن) بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، ماڭا بويسۇنۇڭلار، (موزايغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىش بىلەن) بۇيرۇقىمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېدى(90).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ لَن نَّبْرَحَ عَلَيْهِ عَٰكِفِينَ حَتَّىٰ يَرْجِعَ إِلَيْنَا مُوسَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «مۇسا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چوقۇنىۋېرىمىز» دېيىشتى(91).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ يَٰهَٰرُونُ مَا مَنَعَكَ إِذْ رَأَيْتَهُمْ ضَلُّوٓا۟
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟(92)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَلَّا تَتَّبِعَنِ أَفَعَصَيْتَ أَمْرِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehمېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟(93).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ يَبْنَؤُمَّ لَا تَأْخُذْ بِلِحْيَتِى وَلَا بِرَأْسِىٓ إِنِّى خَشِيتُ أَن تَقُولَ فَرَّقْتَ بَيْنَ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ وَلَمْ تَرْقُبْ قَوْلِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehھارۇن ئېيتتى: « ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم»(94).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ فَمَا خَطْبُكَ يَٰسَٰمِرِىُّ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سەن نېمە بولدۇڭ؟ (يەنى مۇنداق يامان ئىشنى قىلىشىڭدىن غەرىزىڭ نېمە؟)»(95).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ بَصُرْتُ بِمَا لَمْ يَبْصُرُوا۟ بِهِۦ فَقَبَضْتُ قَبْضَةً مِّنْ أَثَرِ ٱلرَّسُولِ فَنَبَذْتُهَا وَكَذَٰلِكَ سَوَّلَتْ لِى نَفْسِى
Uyghur Translation - Muhammad Salehسامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچى (يەنى جىبرىئىل) نىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم ـ دە، ئۇنى (موزايغا) چاچتىم، (شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقتى)، شۇنىڭدەك (بۇنى) ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى»(96).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ فَٱذْهَبْ فَإِنَّ لَكَ فِى ٱلْحَيَوٰةِ أَن تَقُولَ لَا مِسَاسَ وَإِنَّ لَكَ مَوْعِدًا لَّن تُخْلَفَهُۥ وَٱنظُرْ إِلَىٰٓ إِلَٰهِكَ ٱلَّذِى ظَلْتَ عَلَيْهِ عَاكِفًا لَّنُحَرِّقَنَّهُۥ ثُمَّ لَنَنسِفَنَّهُۥ فِى ٱلْيَمِّ نَسْفًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا (سامىرىغا) ئېيتتى: «سەن بارغىن! سەن ئۆمۈرۋايەت (كۆرگەنلا كىشىگە) ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن (يەنى سېنىڭ كىشىگە يېقىنلاشماسلىقىڭ، كىشىنىڭ ساڭا يېقىنلاشماسلىقى بۇ دۇنيادا ساڭا بېرىلگەن جازادۇر)، شۈبھىسىزكى (ئاخىرەتتە جازالىنىدىغان) مۇئەييەن بىر ۋاقتىڭ بار، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، سەن ھامان چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم (ئوتتا) كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ (كۈلىنى) دېڭىزغا چېچىۋېتىمىز»(97).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّمَآ إِلَٰهُكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِى لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَسِعَ كُلَّ شَىْءٍ عِلْمًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەر نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر(98).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كَذَٰلِكَ نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنۢبَآءِ مَا قَدْ سَبَقَ وَقَدْ ءَاتَيْنَٰكَ مِن لَّدُنَّا ذِكْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) شۇنىڭدەك، ساڭا ئۆتكەنكىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىمىز، ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق(99).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مَّنْ أَعْرَضَ عَنْهُ فَإِنَّهُۥ يَحْمِلُ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ وِزْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehكىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى (چوڭ گۇناھتىن) ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ(100).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
خَٰلِدِينَ فِيهِ وَسَآءَ لَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ حِمْلًا
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇ گۇناھى ئۈچۈن بېرىلگەن ئازابنى مەڭگۈ تارتىدۇ) قىيامەت كۈنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن بۇ يۈك نېمىدېگەن يامان!(101).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَوْمَ يُنفَخُ فِى ٱلصُّورِ وَنَحْشُرُ ٱلْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ زُرْقًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ سۇر چىلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە (شەكلى ئۆزگەرگەن) كۆك كۆزلۈك (قارا يۈزلۈك) گۇناھكارلارنى يىغىمىز(102).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَتَخَٰفَتُونَ بَيْنَهُمْ إِن لَّبِثْتُمْ إِلَّا عَشْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ دۇنيادا تۇرغان ۋاقتى قىسقا بىلىنگەنلىكتىن) (ئۇلار) «(دۇنيادا) پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ(103).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
نَّحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَقُولُونَ إِذْ يَقُولُ أَمْثَلُهُمْ طَرِيقَةً إِن لَّبِثْتُمْ إِلَّا يَوْمًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنى: «سىلەر پەقەت بىر كۈن تۇردۇڭلار» دەيدۇ(104).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلْجِبَالِ فَقُلْ يَنسِفُهَا رَبِّى نَسْفًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۈكۈم - تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ)(105).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَيَذَرُهَا قَاعًا صَفْصَفًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ(106).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
لَّا تَرَىٰ فِيهَا عِوَجًا وَلَآ أَمْتًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ يەرلەردە نە چوڭقۇرلۇقنى، نە ئېگىزلىكنى كۆرمەيسەن»(107).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَوْمَئِذٍ يَتَّبِعُونَ ٱلدَّاعِىَ لَا عِوَجَ لَهُۥ وَخَشَعَتِ ٱلْأَصْوَاتُ لِلرَّحْمَٰنِ فَلَا تَسْمَعُ إِلَّا هَمْسًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە (كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەھشەرگاھقا) دەۋەت قىلغۇچىسىغا ئەگىشىدۇ، قىڭغىر كەتمەيدۇ، مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن(108).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَوْمَئِذٍ لَّا تَنفَعُ ٱلشَّفَٰعَةُ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحْمَٰنُ وَرَضِىَ لَهُۥ قَوْلًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ(109).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يُحِيطُونَ بِهِۦ عِلْمًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئۇنى بىلمەيدۇ(110).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَعَنَتِ ٱلْوُجُوهُ لِلْحَىِّ ٱلْقَيُّومِ وَقَدْ خَابَ مَنْ حَمَلَ ظُلْمًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehگۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى(مەڭگۈ) ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ(111).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَن يَعْمَلْ مِنَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا يَخَافُ ظُلْمًا وَلَا هَضْمًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehمۆمىن تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يامانلىقلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ(112).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلْنَٰهُ قُرْءَانًا عَرَبِيًّا وَصَرَّفْنَا فِيهِ مِنَ ٱلْوَعِيدِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ أَوْ يُحْدِثُ لَهُمْ ذِكْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ تەقۋادار بولۇشلىرى ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ساڭا ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بايان قىلدۇق(113).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَتَعَٰلَى ٱللَّهُ ٱلْمَلِكُ ٱلْحَقُّ وَلَا تَعْجَلْ بِٱلْقُرْءَانِ مِن قَبْلِ أَن يُقْضَىٰٓ إِلَيْكَ وَحْيُهُۥ وَقُل رَّبِّ زِدْنِى عِلْمًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ (زاتى، سۈپىتى جەھەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتتىن) ئۈستۈندۇر، ھەق پادىشاھتۇر، (ئى مۇھەممەد!) ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھىيسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن، (يەنى جىبرىئىل ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، بىللە ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئۇ تىلاۋىتىدىن فارىغ بولغىچە تىڭشاپ تۇرغىن). «ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن(114).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَقَدْ عَهِدْنَآ إِلَىٰٓ ءَادَمَ مِن قَبْلُ فَنَسِىَ وَلَمْ نَجِدْ لَهُۥ عَزْمًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز ئىلگىرى ئادەمگە (دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ (بۇ تەۋسىيەنى) يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق(115).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَٰٓئِكَةِ ٱسْجُدُوا۟ لِـَٔادَمَ فَسَجَدُوٓا۟ إِلَّآ إِبْلِيسَ أَبَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى(116).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَقُلْنَا يَٰٓـَٔادَمُ إِنَّ هَٰذَا عَدُوٌّ لَّكَ وَلِزَوْجِكَ فَلَا يُخْرِجَنَّكُمَا مِنَ ٱلْجَنَّةِ فَتَشْقَىٰٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر، ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، (ئۇ چاغدا) سىلەر جاپا - مۇشەققەتتە قالىسىلەر(117).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ لَكَ أَلَّا تَجُوعَ فِيهَا وَلَا تَعْرَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehجەننەتتە سەن ھەقىقەتەن ئاچ قالمايسەن ۋە يالىڭاچ قالمايسەن(118).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَنَّكَ لَا تَظْمَؤُا۟ فِيهَا وَلَا تَضْحَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehھەمدە ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئۇسساپ كەتمەيسەن، ئىسسىپ كەتمەيسەن»(119).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَوَسْوَسَ إِلَيْهِ ٱلشَّيْطَٰنُ قَالَ يَٰٓـَٔادَمُ هَلْ أَدُلُّكَ عَلَىٰ شَجَرَةِ ٱلْخُلْدِ وَمُلْكٍ لَّا يَبْلَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «ئى ئادەم! ساڭا (مەن يېگەن ئادەم) ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە زاۋال تاپماس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى(120).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَكَلَا مِنْهَا فَبَدَتْ لَهُمَا سَوْءَٰتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِن وَرَقِ ٱلْجَنَّةِ وَعَصَىٰٓ ءَادَمُ رَبَّهُۥ فَغَوَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىشقا كىرىشتى، ئادەم پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىگە) خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى(121).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ثُمَّ ٱجْتَبَٰهُ رَبُّهُۥ فَتَابَ عَلَيْهِ وَهَدَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى(122).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ ٱهْبِطَا مِنْهَا جَمِيعًۢا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُم مِّنِّى هُدًى فَمَنِ ٱتَّبَعَ هُدَاىَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشْقَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ(123).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَنْ أَعْرَضَ عَن ذِكْرِى فَإِنَّ لَهُۥ مَعِيشَةً ضَنكًا وَنَحْشُرُهُۥ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ أَعْمَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز»(124).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرْتَنِىٓ أَعْمَىٰ وَقَدْ كُنتُ بَصِيرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ(125).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتْكَ ءَايَٰتُنَا فَنَسِيتَهَا وَكَذَٰلِكَ ٱلْيَوْمَ تُنسَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن»(126).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَكَذَٰلِكَ نَجْزِى مَنْ أَسْرَفَ وَلَمْ يُؤْمِنۢ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِۦ وَلَعَذَابُ ٱلْـَٔاخِرَةِ أَشَدُّ وَأَبْقَىٰٓ
Uyghur Translation - Muhammad Salehھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر(127).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَفَلَمْ يَهْدِ لَهُمْ كَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّنَ ٱلْقُرُونِ يَمْشُونَ فِى مَسَٰكِنِهِمْ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَٰتٍ لِّأُو۟لِى ٱلنُّهَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ ئۇلار شۇ ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدا مېڭىپ يۈرىدۇ، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار(128).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِن رَّبِّكَ لَكَانَ لِزَامًا وَأَجَلٌ مُّسَمًّى
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئازابنى ئۇلاردىن كېچىكتۈرۈشكە) قىلىۋەتكەن ھۆكمى ۋە ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويغان ۋاقتى بولمىسا ئىدى، ئۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى) چوقۇم ئىدى(129).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَٱصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ ٱلشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا وَمِنْ ءَانَآئِ ٱلَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ ٱلنَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن(130).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَا تَمُدَّنَّ عَيْنَيْكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعْنَا بِهِۦٓ أَزْوَٰجًا مِّنْهُمْ زَهْرَةَ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا لِنَفْتِنَهُمْ فِيهِ وَرِزْقُ رَبِّكَ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇ - زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانىي نېمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر(131).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱصْطَبِرْ عَلَيْهَا لَا نَسْـَٔلُكَ رِزْقًا نَّحْنُ نَرْزُقُكَ وَٱلْعَٰقِبَةُ لِلتَّقْوَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر(132).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقَالُوا۟ لَوْلَا يَأْتِينَا بِـَٔايَةٍ مِّن رَّبِّهِۦٓ أَوَلَمْ تَأْتِهِم بَيِّنَةُ مَا فِى ٱلصُّحُفِ ٱلْأُولَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «(مۇھەممەد) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟(133).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَوْ أَنَّآ أَهْلَكْنَٰهُم بِعَذَابٍ مِّن قَبْلِهِۦ لَقَالُوا۟ رَبَّنَا لَوْلَآ أَرْسَلْتَ إِلَيْنَا رَسُولًا فَنَتَّبِعَ ءَايَٰتِكَ مِن قَبْلِ أَن نَّذِلَّ وَنَخْزَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىشتىن) ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى(134).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قُلْ كُلٌّ مُّتَرَبِّصٌ فَتَرَبَّصُوا۟ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ أَصْحَٰبُ ٱلصِّرَٰطِ ٱلسَّوِىِّ وَمَنِ ٱهْتَدَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئېيتقىنكى، ھەممە (سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتمەكتە. سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى (ئۇزاققا قالماي) بىلىسىلەر»(135).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
→