caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

الرعد سۈرىسى الرعد

43 ئايەت · مەدىنە · چۈشۈش تەرتىپى 96

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ الٓمٓر تِلْكَ ءَايَٰتُ ٱلْكِتَٰبِ وَٱلَّذِىٓ أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ ٱلْحَقُّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەلىف، لام، مىم، را. بۇ، كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئايەتلىرىدۇر. (قۇرئاندا) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان نەرسىلەر ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ(1).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱللَّهُ ٱلَّذِى رَفَعَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ثُمَّ ٱسْتَوَىٰ عَلَى ٱلْعَرْشِ وَسَخَّرَ ٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِى لِأَجَلٍ مُّسَمًّى يُدَبِّرُ ٱلْأَمْرَ يُفَصِّلُ ٱلْـَٔايَٰتِ لَعَلَّكُم بِلِقَآءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى پانى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىغىچە) سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ(2).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَهُوَ ٱلَّذِى مَدَّ ٱلْأَرْضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَٰسِىَ وَأَنْهَٰرًا وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ جَعَلَ فِيهَا زَوْجَيْنِ ٱثْنَيْنِ يُغْشِى ٱلَّيْلَ ٱلنَّهَارَ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَٰتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ يەر يۈزىنى (ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك ـ چىشى ـ ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى ياپتى). بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار(3).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَفِى ٱلْأَرْضِ قِطَعٌ مُّتَجَٰوِرَٰتٌ وَجَنَّٰتٌ مِّنْ أَعْنَٰبٍ وَزَرْعٌ وَنَخِيلٌ صِنْوَانٌ وَغَيْرُ صِنْوَانٍ يُسْقَىٰ بِمَآءٍ وَٰحِدٍ وَنُفَضِّلُ بَعْضَهَا عَلَىٰ بَعْضٍ فِى ٱلْأُكُلِ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَٰتٍ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehيەر يۈزىدە بىر - بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار ۋە تۈرلۈك زىرائەتلەر بار، كۆپ شاخلىق بولغان ۋە كۆپ شاخلىق بولمىغان (بىر ئۇرۇقتىن بىر قانچە تال ئۈنۈپ چىققان، بىر ئۇرۇقتىن پەقەت بىر تال ئۈنۈپ چىققان) خورما دەرەخلىرى بار، (ئۇلارنىڭ ھەممىسى) بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمدە ئارتۇق قىلىمىز، بۇلاردا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار(4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِن تَعْجَبْ فَعَجَبٌ قَوْلُهُمْ أَءِذَا كُنَّا تُرَٰبًا أَءِنَّا لَفِى خَلْقٍ جَدِيدٍ أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِرَبِّهِمْ وَأُو۟لَٰٓئِكَ ٱلْأَغْلَٰلُ فِىٓ أَعْنَاقِهِمْ وَأُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلنَّارِ هُمْ فِيهَا خَٰلِدُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر (بىرەر نەرسىدىن) ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ (يەنى كۇففارلارنىڭ): «بىز (ئۆلۈپ) توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە لايىقتۇر. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، (قىيامەت كۈنى) ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر(5).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِٱلسَّيِّئَةِ قَبْلَ ٱلْحَسَنَةِ وَقَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِمُ ٱلْمَثُلَٰتُ وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ لِّلنَّاسِ عَلَىٰ ظُلْمِهِمْ وَإِنَّ رَبَّكَ لَشَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار سەندىن (ئاللاھنىڭ) ئېھسانىدىن ئىلگىرى ئازابنىڭ چاپسانراق چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ (گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى) شەك - شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ(6).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَوْلَآ أُنزِلَ عَلَيْهِ ءَايَةٌ مِّن رَّبِّهِۦٓ إِنَّمَآ أَنتَ مُنذِرٌ وَلِكُلِّ قَوْمٍ هَادٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكۇففارلار، نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟ دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى (يەنى پەيغەمبىرى) بولىدۇ (مۆجىزىلەرگە كەلسەك، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش)(7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَحْمِلُ كُلُّ أُنثَىٰ وَمَا تَغِيضُ ٱلْأَرْحَامُ وَمَا تَزْدَادُ وَكُلُّ شَىْءٍ عِندَهُۥ بِمِقْدَارٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەر بىر (ھامىلىدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ ـ قىزمۇ، بىرمۇ ـ كۆپمۇ، چوڭمۇ ـ كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ ـ سەتمۇ، بەختلىكمۇ ـ بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ ـ قىسقىمۇ ـ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ كېتىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) (ئاللاھ) بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عَٰلِمُ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ٱلْكَبِيرُ ٱلْمُتَعَالِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ مەخپىي ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر(9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

سَوَآءٌ مِّنكُم مَّنْ أَسَرَّ ٱلْقَوْلَ وَمَن جَهَرَ بِهِۦ وَمَنْ هُوَ مُسْتَخْفٍۭ بِٱلَّيْلِ وَسَارِبٌۢ بِٱلنَّهَارِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى (ئاللاھ ئۈچۈن ئېيتقاندا) ئوخشاشتۇر (يەنى ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ)(10).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَهُۥ مُعَقِّبَٰتٌ مِّنۢ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِۦ يَحْفَظُونَهُۥ مِنْ أَمْرِ ٱللَّهِ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا۟ مَا بِأَنفُسِهِمْ وَإِذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِقَوْمٍ سُوٓءًا فَلَا مَرَدَّ لَهُۥ وَمَا لَهُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَالٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى ـ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگۈچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ(11).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هُوَ ٱلَّذِى يُرِيكُمُ ٱلْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنشِئُ ٱلسَّحَابَ ٱلثِّقَالَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ (چاقماقتىن) قورقىتىش، (يامغۇرغا) ئۈمىد تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ، (قۇدرىتى بىلەن) قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ(12).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيُسَبِّحُ ٱلرَّعْدُ بِحَمْدِهِۦ وَٱلْمَلَٰٓئِكَةُ مِنْ خِيفَتِهِۦ وَيُرْسِلُ ٱلصَّوَٰعِقَ فَيُصِيبُ بِهَا مَن يَشَآءُ وَهُمْ يُجَٰدِلُونَ فِى ٱللَّهِ وَهُوَ شَدِيدُ ٱلْمِحَالِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehگۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھ چاقماق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر(13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَهُۥ دَعْوَةُ ٱلْحَقِّ وَٱلَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَسْتَجِيبُونَ لَهُم بِشَىْءٍ إِلَّا كَبَٰسِطِ كَفَّيْهِ إِلَى ٱلْمَآءِ لِيَبْلُغَ فَاهُ وَمَا هُوَ بِبَٰلِغِهِۦ وَمَا دُعَآءُ ٱلْكَٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَٰلٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەقىقىي قىلىنغان دۇئا ئاللاھقا قارىتىلىدۇ، (يەنى ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئانى ئاللاھ ئىجابەت قىلىدۇ). كۇففارلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، دۇئالىرىنى قاراتقان مەبۇدلىرى كۇففارلارنىڭ ھېچقانداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. ئۇلار (يەنى كاپىرلار) شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمىزغا سۇ چۈشسۇن دەپ (نېرىدىن) ئىككى ئالىقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، (ئەمەلىيەتتە سۇ ئاڭلىمايدىغان، ھېس ـ تۇيغۇسىز نەرسە بولغاچقا) سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا چۈشمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ مەبۇدلىرىغا قىلغان دۇئاسى پۈتۈنلەي بىكاردۇر(14).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَن فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَٰلُهُم بِٱلْغُدُوِّ وَٱلْـَٔاصَالِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن - ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ(15).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قُلْ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ قُلِ ٱللَّهُ قُلْ أَفَٱتَّخَذْتُم مِّن دُونِهِۦٓ أَوْلِيَآءَ لَا يَمْلِكُونَ لِأَنفُسِهِمْ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا قُلْ هَلْ يَسْتَوِى ٱلْأَعْمَىٰ وَٱلْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِى ٱلظُّلُمَٰتُ وَٱلنُّورُ أَمْ جَعَلُوا۟ لِلَّهِ شُرَكَآءَ خَلَقُوا۟ كَخَلْقِهِۦ فَتَشَٰبَهَ ٱلْخَلْقُ عَلَيْهِمْ قُلِ ٱللَّهُ خَٰلِقُ كُلِّ شَىْءٍ وَهُوَ ٱلْوَٰحِدُ ٱلْقَهَّٰرُ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دېگىن، «(ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى) ئاللاھ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئۆزەڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى (ئاللاھقا شېرىك) قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن؟ «كور (يەنى كاپىر) بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن) باراۋەر بولامدۇ ياكى قاراڭغۇلۇق (يەنى گۇمراھلىق) بىلەن نۇر (يەنى ھىدايەت) باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن، ئۇلار ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ياراتقان مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ، ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ بىردۇر، ھەممىگە غالىبتۇر(16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَسَالَتْ أَوْدِيَةٌۢ بِقَدَرِهَا فَٱحْتَمَلَ ٱلسَّيْلُ زَبَدًا رَّابِيًا وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيْهِ فِى ٱلنَّارِ ٱبْتِغَآءَ حِلْيَةٍ أَوْ مَتَٰعٍ زَبَدٌ مِّثْلُهُۥ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ ٱللَّهُ ٱلْحَقَّ وَٱلْبَٰطِلَ فَأَمَّا ٱلزَّبَدُ فَيَذْهَبُ جُفَآءً وَأَمَّا مَا يَنفَعُ ٱلنَّاسَ فَيَمْكُثُ فِى ٱلْأَرْضِ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ ٱللَّهُ ٱلْأَمْثَالَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار (يەنى مەدەنلەرنىڭ كۆپۈكىمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ(17).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لِلَّذِينَ ٱسْتَجَابُوا۟ لِرَبِّهِمُ ٱلْحُسْنَىٰ وَٱلَّذِينَ لَمْ يَسْتَجِيبُوا۟ لَهُۥ لَوْ أَنَّ لَهُم مَّا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُۥ مَعَهُۥ لَٱفْتَدَوْا۟ بِهِۦٓ أُو۟لَٰٓئِكَ لَهُمْ سُوٓءُ ٱلْحِسَابِ وَمَأْوَىٰهُمْ جَهَنَّمُ وَبِئْسَ ٱلْمِهَادُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھنىڭ (ئىمانغا قىلغان دەۋىتىنى) قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا زېمىندىكى پۈتۈن مال ـ مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال ـ مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي!(18)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَفَمَن يَعْلَمُ أَنَّمَآ أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ ٱلْحَقُّ كَمَنْ هُوَ أَعْمَىٰٓ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَٰبِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم، (ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ(19).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّذِينَ يُوفُونَ بِعَهْدِ ٱللَّهِ وَلَا يَنقُضُونَ ٱلْمِيثَٰقَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئاللاھنىڭ ئەھدىگە (يەنى ئاللاھ تاپشۇرغان ئىشلارغا) ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ(20).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلَّذِينَ يَصِلُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ وَيَخَافُونَ سُوٓءَ ٱلْحِسَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئاللاھنىڭ (خىش ـ ئەقرىبالارغا) سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشىدىن قورقىدۇ(21).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلَّذِينَ صَبَرُوا۟ ٱبْتِغَآءَ وَجْهِ رَبِّهِمْ وَأَقَامُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَنفَقُوا۟ مِمَّا رَزَقْنَٰهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً وَيَدْرَءُونَ بِٱلْحَسَنَةِ ٱلسَّيِّئَةَ أُو۟لَٰٓئِكَ لَهُمْ عُقْبَى ٱلدَّارِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغانلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار (يەنى يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار) ـ ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ(22).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

جَنَّٰتُ عَدْنٍ يَدْخُلُونَهَا وَمَن صَلَحَ مِنْ ءَابَآئِهِمْ وَأَزْوَٰجِهِمْ وَذُرِّيَّٰتِهِمْ وَٱلْمَلَٰٓئِكَةُ يَدْخُلُونَ عَلَيْهِم مِّن كُلِّ بَابٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ(23).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

سَلَٰمٌ عَلَيْكُم بِمَا صَبَرْتُمْ فَنِعْمَ عُقْبَى ٱلدَّارِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(پەرىشتىلەر ئۇ دۇنيادا) «سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ(24).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعْدِ مِيثَٰقِهِۦ وَيَقْطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ أُو۟لَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوٓءُ ٱلدَّارِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ(25).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱللَّهُ يَبْسُطُ ٱلرِّزْقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقْدِرُ وَفَرِحُوا۟ بِٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَمَا ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ إِلَّا مَتَٰعٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ (ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە ئاساسەن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ. (مۇشرىكلار) دۇنيا تىرىكچىلىكىگە خۇش بولۇپ كەتتى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئاخىرەتكە قارىغاندا ئۆتكۈنچى بەھرىمەن بولۇشتۇر(26).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَوْلَآ أُنزِلَ عَلَيْهِ ءَايَةٌ مِّن رَّبِّهِۦ قُلْ إِنَّ ٱللَّهَ يُضِلُّ مَن يَشَآءُ وَيَهْدِىٓ إِلَيْهِ مَنْ أَنَابَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن (مۇسانىڭ ۋە ئىيسانىڭ مۆجىزىسىدەك) بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «(ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگىن(27).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَتَطْمَئِنُّ قُلُوبُهُم بِذِكْرِ ٱللَّهِ أَلَا بِذِكْرِ ٱللَّهِ تَطْمَئِنُّ ٱلْقُلُوبُ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ(28).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ طُوبَىٰ لَهُمْ وَحُسْنُ مَـَٔابٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ(29).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

كَذَٰلِكَ أَرْسَلْنَٰكَ فِىٓ أُمَّةٍ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهَآ أُمَمٌ لِّتَتْلُوَا۟ عَلَيْهِمُ ٱلَّذِىٓ أَوْحَيْنَآ إِلَيْكَ وَهُمْ يَكْفُرُونَ بِٱلرَّحْمَٰنِ قُلْ هُوَ رَبِّى لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ مَتَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»(30).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَوْ أَنَّ قُرْءَانًا سُيِّرَتْ بِهِ ٱلْجِبَالُ أَوْ قُطِّعَتْ بِهِ ٱلْأَرْضُ أَوْ كُلِّمَ بِهِ ٱلْمَوْتَىٰ بَل لِّلَّهِ ٱلْأَمْرُ جَمِيعًا أَفَلَمْ يَا۟يْـَٔسِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَن لَّوْ يَشَآءُ ٱللَّهُ لَهَدَى ٱلنَّاسَ جَمِيعًا وَلَا يَزَالُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ تُصِيبُهُم بِمَا صَنَعُوا۟ قَارِعَةٌ أَوْ تَحُلُّ قَرِيبًا مِّن دَارِهِمْ حَتَّىٰ يَأْتِىَ وَعْدُ ٱللَّهِ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُخْلِفُ ٱلْمِيعَادَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇبادا بىر قۇرئان (يەنى كىتاب) بولۇپ، ئۇ (تىلاۋەت قىلىنىش) بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۆمىنلەر بىلمىدىمۇ؟ (ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئىبارەت) ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ(31).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَقَدِ ٱسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِّن قَبْلِكَ فَأَمْلَيْتُ لِلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehسەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟(32).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَفَمَنْ هُوَ قَآئِمٌ عَلَىٰ كُلِّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ وَجَعَلُوا۟ لِلَّهِ شُرَكَآءَ قُلْ سَمُّوهُمْ أَمْ تُنَبِّـُٔونَهُۥ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِى ٱلْأَرْضِ أَم بِظَٰهِرٍ مِّنَ ٱلْقَوْلِ بَلْ زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مَكْرُهُمْ وَصُدُّوا۟ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنْ هَادٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ (بۇتلارغا ئوخشامدۇ؟) ئۇلار بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ئۇلارغا: « بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان نەرسىلەر باردەك، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھقا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گۇمان بىلەن (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋاتامسىلەر؟)» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ(33).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَّهُمْ عَذَابٌ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَلَعَذَابُ ٱلْـَٔاخِرَةِ أَشَقُّ وَمَا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار بۇ دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ(34).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

مَّثَلُ ٱلْجَنَّةِ ٱلَّتِى وُعِدَ ٱلْمُتَّقُونَ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَٰرُ أُكُلُهَا دَآئِمٌ وَظِلُّهَا تِلْكَ عُقْبَى ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوا۟ وَّعُقْبَى ٱلْكَٰفِرِينَ ٱلنَّارُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehتەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر؛ كاپىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايى دوزاختۇر(35).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَٰهُمُ ٱلْكِتَٰبَ يَفْرَحُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمِنَ ٱلْأَحْزَابِ مَن يُنكِرُ بَعْضَهُۥ قُلْ إِنَّمَآ أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ ٱللَّهَ وَلَآ أُشْرِكَ بِهِۦٓ إِلَيْهِ أَدْعُوا۟ وَإِلَيْهِ مَـَٔابِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) بىز كىتاب (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىل) نازىل قىلغانلار (يەنى ئابدۇللا ئىبن سالام ۋە نەجاشىغا ئوخشاشلار) ساڭا نازىل قىلىنغان (قۇرئان) دىن شادلىنىدۇ. (ساڭا قارشى) ئىتتىپاق تۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا (ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ گەدەنكەشلىكتىن) قۇرئاننىڭ بەزى (جايلىرىنى) ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. (ئى مۇھەممەد!) «مەن پەقەت (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا (ھېچ نەرسىنى) شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم، (ئىنسانلارنى) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن، ئاللاھنىڭلا دەرگاھىغا قايتىمەن» دېگىن(36).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَكَذَٰلِكَ أَنزَلْنَٰهُ حُكْمًا عَرَبِيًّا وَلَئِنِ ٱتَّبَعْتَ أَهْوَآءَهُم بَعْدَ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن وَلِىٍّ وَلَا وَاقٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇنىڭدەك (يەنى ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرگە ئۆز تىلىدا كىتاب نازىل قىلغىنىمىزدەك)، قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا چىقىرىشقا) ھۆكۈم قىلىپ نازىل قىلدۇق، سەن ئىلىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ئەھلى كىتابنىڭ) نەپسى- خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ(37).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِّن قَبْلِكَ وَجَعَلْنَا لَهُمْ أَزْوَٰجًا وَذُرِّيَّةً وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأْتِىَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ لِكُلِّ أَجَلٍ كِتَابٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ۋاقىتنىڭ (ئۆزىگە مۇناسىپ) ھۆكمى بولىدۇ(38).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَمْحُوا۟ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ وَيُثْبِتُ وَعِندَهُۥٓ أُمُّ ٱلْكِتَٰبِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ (ئەھكاملاردىن) خالىغىنىنى بىكار قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھپۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر(39).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِن مَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ ٱلَّذِى نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِنَّمَا عَلَيْكَ ٱلْبَلَٰغُ وَعَلَيْنَا ٱلْحِسَابُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ (يەنى سېنىڭ ھايات ۋاقتىڭدا نازىل قىلساقمۇ) ياكى سېنى (مۇشرىكلارغا ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن) قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھېساب ئېلىشتۇر(40).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّا نَأْتِى ٱلْأَرْضَ نَنقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَا وَٱللَّهُ يَحْكُمُ لَا مُعَقِّبَ لِحُكْمِهِۦ وَهُوَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ يېرىنى چۆرىسىدىن تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىز (يەنى كۇففارلارنىڭ زېمىنىنى قەدەممۇ قەدەم پەتھى قىلىپ، ئىسلام يۇرتىغا قوشۇۋاتقانلىقىمىز) نى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ئاللاھ (خالىغانچە) ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىشى قارشى تۇرالمايدۇ. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر(41).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَقَدْ مَكَرَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ فَلِلَّهِ ٱلْمَكْرُ جَمِيعًا يَعْلَمُ مَا تَكْسِبُ كُلُّ نَفْسٍ وَسَيَعْلَمُ ٱلْكُفَّٰرُ لِمَنْ عُقْبَى ٱلدَّارِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. (ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلىدىغان) يوشۇرۇن تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان (ياخشى- يامان) ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار (ئازابنى كۆرگەندە) كىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلىدۇ(42).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَسْتَ مُرْسَلًا قُلْ كَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدًۢا بَيْنِى وَبَيْنَكُمْ وَمَنْ عِندَهُۥ عِلْمُ ٱلْكِتَٰبِ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) مەككە كۇففارلىرى: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلار (يەنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن ئىمان ئېيتقانلار) نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر»(43).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70