ٱللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَحْمِلُ كُلُّ أُنثَىٰ وَمَا تَغِيضُ ٱلْأَرْحَامُ وَمَا تَزْدَادُ وَكُلُّ شَىْءٍ عِندَهُۥ بِمِقْدَارٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehھەر بىر (ھامىلىدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ ـ قىزمۇ، بىرمۇ ـ كۆپمۇ، چوڭمۇ ـ كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ ـ سەتمۇ، بەختلىكمۇ ـ بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ ـ قىسقىمۇ ـ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ كېتىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) (ئاللاھ) بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر(8).