البينة سۈرىسى البينة
8 ئايەت · مەدىنە · چۈشۈش تەرتىپى 100
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ لَمْ يَكُنِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنْ أَهْلِ ٱلْكِتَٰبِ وَٱلْمُشْرِكِينَ مُنفَكِّينَ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ ٱلْبَيِّنَةُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى(1).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
رَسُولٌ مِّنَ ٱللَّهِ يَتْلُوا۟ صُحُفًا مُّطَهَّرَةً
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇ روشەن دەلىل) پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر(2).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فِيهَا كُتُبٌ قَيِّمَةٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ سەھىپىلەر توغرا ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان(3).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا تَفَرَّقَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ إِلَّا مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْهُمُ ٱلْبَيِّنَةُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا ئىختىلاپ قىلىشتى(4).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَآ أُمِرُوٓا۟ إِلَّا لِيَعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ حُنَفَآءَ وَيُقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤْتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ وَذَٰلِكَ دِينُ ٱلْقَيِّمَةِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر(5).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنْ أَهْلِ ٱلْكِتَٰبِ وَٱلْمُشْرِكِينَ فِى نَارِ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أُو۟لَٰٓئِكَ هُمْ شَرُّ ٱلْبَرِيَّةِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر(6).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُو۟لَٰٓئِكَ هُمْ خَيْرُ ٱلْبَرِيَّةِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسىدۇر(7).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
جَزَآؤُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ جَنَّٰتُ عَدْنٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًا رَّضِىَ ٱللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا۟ عَنْهُ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَشِىَ رَبَّهُۥ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ(8).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
→