الطلاق سۈرىسى الطلاق
12 ئايەت · مەدىنە · چۈشۈش تەرتىپى 99
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ إِذَا طَلَّقْتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحْصُوا۟ ٱلْعِدَّةَ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ رَبَّكُمْ لَا تُخْرِجُوهُنَّ مِنۢ بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخْرُجْنَ إِلَّآ أَن يَأْتِينَ بِفَٰحِشَةٍ مُّبَيِّنَةٍ وَتِلْكَ حُدُودُ ٱللَّهِ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ ٱللَّهِ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُۥ لَا تَدْرِى لَعَلَّ ٱللَّهَ يُحْدِثُ بَعْدَ ذَٰلِكَ أَمْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئى پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى) سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار. ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، (ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن (ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن) چىقىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تالاقتىن كېيىن) بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن(1).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ فَارِقُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَأَشْهِدُوا۟ ذَوَىْ عَدْلٍ مِّنكُمْ وَأَقِيمُوا۟ ٱلشَّهَٰدَةَ لِلَّهِ ذَٰلِكُمْ يُوعَظُ بِهِۦ مَن كَانَ يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يَجْعَل لَّهُۥ مَخْرَجًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار. (يېنىشقان، ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار. خۇدالىق ئۈچۈن (توغرا) گۇۋاھ بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن (يەنى بۇ ھۆكۈم بىلەن) ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ(2).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ وَمَن يَتَوَكَّلْ عَلَى ٱللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُۥٓ إِنَّ ٱللَّهَ بَٰلِغُ أَمْرِهِۦ قَدْ جَعَلَ ٱللَّهُ لِكُلِّ شَىْءٍ قَدْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى(3).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱلَّٰٓـِٔى يَئِسْنَ مِنَ ٱلْمَحِيضِ مِن نِّسَآئِكُمْ إِنِ ٱرْتَبْتُمْ فَعِدَّتُهُنَّ ثَلَٰثَةُ أَشْهُرٍ وَٱلَّٰٓـِٔى لَمْ يَحِضْنَ وَأُو۟لَٰتُ ٱلْأَحْمَالِ أَجَلُهُنَّ أَن يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يَجْعَل لَّهُۥ مِنْ أَمْرِهِۦ يُسْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردىن (يەنى يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيز كۆرمەيدىغانلارنىڭ ئىددىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىدىن) شۈبھىدە بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭ ئىددىتى ھەم ئۈچ ئايدۇر. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى (مەيلى ئايرىلىپ كەتكەن بولسۇن، مەيلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن) يەڭگىش بىلەنلا تۈگەيدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ(4).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ذَٰلِكَ أَمْرُ ٱللَّهِ أَنزَلَهُۥٓ إِلَيْكُمْ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّـَٔاتِهِۦ وَيُعْظِمْ لَهُۥٓ أَجْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ(5).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَسْكِنُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ سَكَنتُم مِّن وُجْدِكُمْ وَلَا تُضَآرُّوهُنَّ لِتُضَيِّقُوا۟ عَلَيْهِنَّ وَإِن كُنَّ أُو۟لَٰتِ حَمْلٍ فَأَنفِقُوا۟ عَلَيْهِنَّ حَتَّىٰ يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ فَإِنْ أَرْضَعْنَ لَكُمْ فَـَٔاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ وَأْتَمِرُوا۟ بَيْنَكُم بِمَعْرُوفٍ وَإِن تَعَاسَرْتُمْ فَسَتُرْضِعُ لَهُۥٓ أُخْرَىٰ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنى (يەنى قويۇۋېتىلگەن ئاياللىرىڭلارنى) قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار. ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار (يەنى ئۇلارنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن تۇرالغۇ جەھەتتىن، نەپىقە جەھەتتىن قىسماڭلار). ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، يەڭگىگەنگە قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ (ئېمىتىش) ھەققىنى بېرىڭلار. ھەققانىي ئاساستا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار. ئەگەر پىكىردە كېلىشەلمىسەڭلار، ئۇنى (يەنى بالىنى) باشقا بىر ئايال ئېمىتسۇن(6).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
لِيُنفِقْ ذُو سَعَةٍ مِّن سَعَتِهِۦ وَمَن قُدِرَ عَلَيْهِ رِزْقُهُۥ فَلْيُنفِقْ مِمَّآ ءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ لَا يُكَلِّفُ ٱللَّهُ نَفْسًا إِلَّا مَآ ءَاتَىٰهَا سَيَجْعَلُ ٱللَّهُ بَعْدَ عُسْرٍ يُسْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehباي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ)(7).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ عَتَتْ عَنْ أَمْرِ رَبِّهَا وَرُسُلِهِۦ فَحَاسَبْنَٰهَا حِسَابًا شَدِيدًا وَعَذَّبْنَٰهَا عَذَابًا نُّكْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇرغۇن شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق(8).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَذَاقَتْ وَبَالَ أَمْرِهَا وَكَانَ عَٰقِبَةُ أَمْرِهَا خُسْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىشتىن ئىبارەت بولدى(9).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ يَٰٓأُو۟لِى ٱلْأَلْبَٰبِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ قَدْ أَنزَلَ ٱللَّهُ إِلَيْكُمْ ذِكْرًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى(10).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
رَّسُولًا يَتْلُوا۟ عَلَيْكُمْ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ مُبَيِّنَٰتٍ لِّيُخْرِجَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ وَمَن يُؤْمِنۢ بِٱللَّهِ وَيَعْمَلْ صَٰلِحًا يُدْخِلْهُ جَنَّٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًا قَدْ أَحْسَنَ ٱللَّهُ لَهُۥ رِزْقًا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى زۇلمەتتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرگە ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، (ئاللاھ) ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل رىزىق (يەنى جەننەتتىكى رىزىق ۋە نېمەتلەرنى) بېرىدۇ(11).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱللَّهُ ٱلَّذِى خَلَقَ سَبْعَ سَمَٰوَٰتٍ وَمِنَ ٱلْأَرْضِ مِثْلَهُنَّ يَتَنَزَّلُ ٱلْأَمْرُ بَيْنَهُنَّ لِتَعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ وَأَنَّ ٱللَّهَ قَدْ أَحَاطَ بِكُلِّ شَىْءٍ عِلْمًۢا
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر(12).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
→