caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

لقمان سۈرىسى لقمان

34 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 57

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ الٓمٓ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەلىف، لام، مىم(1).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تِلْكَ ءَايَٰتُ ٱلْكِتَٰبِ ٱلْحَكِيمِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ، ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر(2).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هُدًى وَرَحْمَةً لِّلْمُحْسِنِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇ) (تەئدىل ئەركان بىلەن) ناماز ئوقۇيدىغان، (ئاللاھنىڭ رىزاسىنى تىلەش يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن) زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر(3ـ4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤْتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۇ) (تەئدىل ئەركان بىلەن) ناماز ئوقۇيدىغان، (ئاللاھنىڭ رىزاسىنى تىلەش يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن) زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر(3ـ4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أُو۟لَٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدًى مِّن رَّبِّهِمْ وَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاشۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر(5).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشْتَرِى لَهْوَ ٱلْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا أُو۟لَٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ(6).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ءَايَٰتُنَا وَلَّىٰ مُسْتَكْبِرًا كَأَن لَّمْ يَسْمَعْهَا كَأَنَّ فِىٓ أُذُنَيْهِ وَقْرًا فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن(7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمْ جَنَّٰتُ ٱلنَّعِيمِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەرگە كىرىدۇ(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

خَٰلِدِينَ فِيهَا وَعْدَ ٱللَّهِ حَقًّا وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ جەننەتلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ راست ۋەدىسىدۇر (ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ)، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا وَأَلْقَىٰ فِى ٱلْأَرْضِ رَوَٰسِىَ أَن تَمِيدَ بِكُمْ وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٍ وَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَنۢبَتْنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر. يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى. زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق(10).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

هَٰذَا خَلْقُ ٱللَّهِ فَأَرُونِى مَاذَا خَلَقَ ٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦ بَلِ ٱلظَّٰلِمُونَ فِى ضَلَٰلٍ مُّبِينٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehمانا بۇلار ئاللاھنىڭ (ياراتقان) مەخلۇقاتلىرىدۇر، ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلاركى، ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار زادى نېمىلەرنى ياراتتى؟ بەلكى زالىملار ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر(11)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا لُقْمَٰنَ ٱلْحِكْمَةَ أَنِ ٱشْكُرْ لِلَّهِ وَمَن يَشْكُرْ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِۦ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِىٌّ حَمِيدٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز لوقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (بەندىلەردىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر»(12).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذْ قَالَ لُقْمَٰنُ لِٱبْنِهِۦ وَهُوَ يَعِظُهُۥ يَٰبُنَىَّ لَا تُشْرِكْ بِٱللَّهِ إِنَّ ٱلشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۆز ۋاقتىدا لوقمان (ھەكىم) ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى(13)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَوَصَّيْنَا ٱلْإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُۥ وَهْنًا عَلَىٰ وَهْنٍ وَفِصَٰلُهُۥ فِى عَامَيْنِ أَنِ ٱشْكُرْ لِى وَلِوَٰلِدَيْكَ إِلَىَّ ٱلْمَصِيرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر(14).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِن جَٰهَدَاكَ عَلَىٰٓ أَن تُشْرِكَ بِى مَا لَيْسَ لَكَ بِهِۦ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا وَصَاحِبْهُمَا فِى ٱلدُّنْيَا مَعْرُوفًا وَٱتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَىَّ ثُمَّ إِلَىَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن(15).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰبُنَىَّ إِنَّهَآ إِن تَكُ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِّنْ خَرْدَلٍ فَتَكُن فِى صَخْرَةٍ أَوْ فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ أَوْ فِى ٱلْأَرْضِ يَأْتِ بِهَا ٱللَّهُ إِنَّ ٱللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(لوقمان ئېيتتى) «ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە (يەنى ئەڭ مەخپىي جايدا) يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ (ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۈزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر(16).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰبُنَىَّ أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ وَأْمُرْ بِٱلْمَعْرُوفِ وَٱنْهَ عَنِ ٱلْمُنكَرِ وَٱصْبِرْ عَلَىٰ مَآ أَصَابَكَ إِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ ٱلْأُمُورِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىش ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر(17).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَا تُصَعِّرْ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمْشِ فِى ٱلْأَرْضِ مَرَحًا إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ(18).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَٱقْصِدْ فِى مَشْيِكَ وَٱغْضُضْ مِن صَوْتِكَ إِنَّ أَنكَرَ ٱلْأَصْوَٰتِ لَصَوْتُ ٱلْحَمِيرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر»(19).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَلَمْ تَرَوْا۟ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ وَأَسْبَغَ عَلَيْكُمْ نِعَمَهُۥ ظَٰهِرَةً وَبَاطِنَةً وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَٰدِلُ فِى ٱللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَلَا هُدًى وَلَا كِتَٰبٍ مُّنِيرٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىلمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى (يەنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بەردى). سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (يەنى ماددىي ۋە مەنىۋى) نېمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى. بەزى كىشىلەر ھېچقانداق ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ بارىسىدا جېدەللىشىدۇ(20).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّبِعُوا۟ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُوا۟ بَلْ نَتَّبِعُ مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ ءَابَآءَنَآ أَوَلَوْ كَانَ ٱلشَّيْطَٰنُ يَدْعُوهُمْ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسە (يەنى قۇرئان) غا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، بىز ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ، شەيتان ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا چاقىرغان تۇرسا (ئۇلار يەنىلا ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ دىنىغا ئەگىشەمدۇ؟)(21).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَن يُسْلِمْ وَجْهَهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَقَدِ ٱسْتَمْسَكَ بِٱلْعُرْوَةِ ٱلْوُثْقَىٰ وَإِلَى ٱللَّهِ عَٰقِبَةُ ٱلْأُمُورِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehياخشى ئىش قىلغۇچى بولغان ھالدا ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر(22)

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَمَن كَفَرَ فَلَا يَحْزُنكَ كُفْرُهُۥٓ إِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ فَنُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوٓا۟ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئۇلارغا (دۇنيادىكى) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(23).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

نُمَتِّعُهُمْ قَلِيلًا ثُمَّ نَضْطَرُّهُمْ إِلَىٰ عَذَابٍ غَلِيظٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنى (دۇنيادىن) ئازغىنا (مۇددەت) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارنى قاتتىق ئازابنى (تېتىشقا) مەجبۇرلايمىز(24).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُ قُلِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم خەلق ئەتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر!» بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇقمايدۇ(25).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْغَنِىُّ ٱلْحَمِيدُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقاتىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر(26).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَلَوْ أَنَّمَا فِى ٱلْأَرْضِ مِن شَجَرَةٍ أَقْلَٰمٌ وَٱلْبَحْرُ يَمُدُّهُۥ مِنۢ بَعْدِهِۦ سَبْعَةُ أَبْحُرٍ مَّا نَفِدَتْ كَلِمَٰتُ ٱللَّهِ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز (سىيا) بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز (نىڭ سىياسى) قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى (يېزىپ) تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(27).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

مَّا خَلْقُكُمْ وَلَا بَعْثُكُمْ إِلَّا كَنَفْسٍ وَٰحِدَةٍ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌۢ بَصِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ (دەسلەپتە) يارىتىلىشىڭلار، (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرۈلۈشىڭلار پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى، بىر ئادەمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(28).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُولِجُ ٱلَّيْلَ فِى ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِى ٱلَّيْلِ وَسَخَّرَ ٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِىٓ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى وَأَنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى، كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمەمسەن؟ (كۈن بىلەن ئاينىڭ) ھەر بىرى مۇئەييەن مۇددەت (يەنى قىيامەت) كىچە (ئۆز ئوربىتىسىدا) سەير قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر(29).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِن دُونِهِ ٱلْبَٰطِلُ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْعَلِىُّ ٱلْكَبِيرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئاللاھ ھەق (ئىلاھ) دۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغانلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، ئاللاھ ئالىيدۇر، بۈيۈكتۇر(30).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱلْفُلْكَ تَجْرِى فِى ٱلْبَحْرِ بِنِعْمَتِ ٱللَّهِ لِيُرِيَكُم مِّنْ ءَايَٰتِهِۦٓ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَٰتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن دېڭىزدا يۈرۈشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە (ئۆز قۇدرىتىنىڭ) بىر قىسىم دەلىللىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدا ھەر بىر سەۋر قىلغۇچى، شۈكۈر قىلغۇچى (بەندە ئۈچۈن ھەقىقەتەن) (چوڭ) ئىبرەت بار(31).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِذَا غَشِيَهُم مَّوْجٌ كَٱلظُّلَلِ دَعَوُا۟ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ فَلَمَّا نَجَّىٰهُمْ إِلَى ٱلْبَرِّ فَمِنْهُم مُّقْتَصِدٌ وَمَا يَجْحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا كُلُّ خَتَّارٍ كَفُورٍ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار كامالى ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى (دېڭىز خەتەرلىرىدىن) قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى توغرا يولدا بولىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خىيانەتكار (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن تانغان) ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ(32).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُوا۟ رَبَّكُمْ وَٱخْشَوْا۟ يَوْمًا لَّا يَجْزِى وَالِدٌ عَن وَلَدِهِۦ وَلَا مَوْلُودٌ هُوَ جَازٍ عَن وَالِدِهِۦ شَيْـًٔا إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِٱللَّهِ ٱلْغَرُورُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارغا (بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلاردىن چەكلىنىش بىلەن) تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، (ئۇ كۈندە) ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار(33).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥ عِلْمُ ٱلسَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ ٱلْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِى ٱلْأَرْحَامِ وَمَا تَدْرِى نَفْسٌ مَّاذَا تَكْسِبُ غَدًا وَمَا تَدْرِى نَفْسٌۢ بِأَىِّ أَرْضٍ تَمُوتُ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌۢ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) ئاللاھ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى ـ يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر(34).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70