هود سۈرىسى هود
123 ئايەت · مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 52
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ الٓر كِتَٰبٌ أُحْكِمَتْ ءَايَٰتُهُۥ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا، (ئەقىدە، ئەھكام، ۋەز ۋە قىسسەلەر) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر(1).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَلَّا تَعْبُدُوٓا۟ إِلَّا ٱللَّهَ إِنَّنِى لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئېيتقىنكى، بۇ كىتاب): سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن (نازىل بولغان). شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن(2).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَنِ ٱسْتَغْفِرُوا۟ رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوٓا۟ إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُم مَّتَٰعًا حَسَنًا إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى وَيُؤْتِ كُلَّ ذِى فَضْلٍ فَضْلَهُۥ وَإِن تَوَلَّوْا۟ فَإِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ كَبِيرٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن(3).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِلَى ٱللَّهِ مَرْجِعُكُمْ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئۆلگەندىن كېيىن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»(4).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَلَآ إِنَّهُمْ يَثْنُونَ صُدُورَهُمْ لِيَسْتَخْفُوا۟ مِنْهُ أَلَا حِينَ يَسْتَغْشُونَ ثِيَابَهُمْ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ إِنَّهُۥ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehراستتىنلا ئۇلار(يەنى كاپىرلار) (رەسۇلۇللاھ قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىرىدە) ئۇنىڭدىن يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن يۈز ئۆرۈيدۇ، راستلا ئۇلار كىيىملىرى بىلەن چۈمكىنىۋالغانلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر(5).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا مِن دَآبَّةٍ فِى ٱلْأَرْضِ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِ رِزْقُهَا وَيَعْلَمُ مُسْتَقَرَّهَا وَمُسْتَوْدَعَهَا كُلٌّ فِى كِتَٰبٍ مُّبِينٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehيەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە (ئۆلگەندىن كېيىن) كۆمۈلىدىغان جايىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا(يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا) يېزىلغاندۇر(6).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَهُوَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ فِى سِتَّةِ أَيَّامٍ وَكَانَ عَرْشُهُۥ عَلَى ٱلْمَآءِ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا وَلَئِن قُلْتَ إِنَّكُم مَّبْعُوثُونَ مِنۢ بَعْدِ ٱلْمَوْتِ لَيَقُولَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِنْ هَٰذَآ إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان ـ زېمىننى يارىتىشتىن ئىلگىرى) ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ (ئۇلارنى ياراتتى). (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن(مەككە كۇففارلىرىغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: «بۇپەقەت روشەن سېھىردۇر»(7).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَئِنْ أَخَّرْنَا عَنْهُمُ ٱلْعَذَابَ إِلَىٰٓ أُمَّةٍ مَّعْدُودَةٍ لَّيَقُولُنَّ مَا يَحْبِسُهُۥٓ أَلَا يَوْمَ يَأْتِيهِمْ لَيْسَ مَصْرُوفًا عَنْهُمْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر بىز ئۇلارغا نازىل بولىدىغان ئازابنى چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك ، ئۇلار چوقۇم(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئازاب نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟» دەيدۇ. راستلا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇلار قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ(8).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَئِنْ أَذَقْنَا ٱلْإِنسَٰنَ مِنَّا رَحْمَةً ثُمَّ نَزَعْنَٰهَا مِنْهُ إِنَّهُۥ لَيَـُٔوسٌ كَفُورٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر بىز ئىنسانغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق (يەنى نېمىتىمىزنى بەرسەك)، ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، كۇفرانى نېمەت قىلىدۇ(9).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَئِنْ أَذَقْنَٰهُ نَعْمَآءَ بَعْدَ ضَرَّآءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ ذَهَبَ ٱلسَّيِّـَٔاتُ عَنِّىٓ إِنَّهُۥ لَفَرِحٌ فَخُورٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر بىز (پېقىرلىق ، كېسەللىك، قاتتىقچىلىق قاتارلىق) بالالارغا مۇپتىلا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «مەندىن بالالار كۆتۈرۈلۈپ كەتتى (ئەمدى كەلمەيدۇ)» دەپ شەك -شۈبھىسىز خۇشاللىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ(10).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِلَّا ٱلَّذِينَ صَبَرُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُو۟لَٰٓئِكَ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەقەت (بالاغا ئۇچرىغاندا) سەۋرى قىلغان، (نېمەتكە ئېرىشكەندە) ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر(ياخشىلاردۇر). ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار(ئاخىرەتتە) چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ(11).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَعَلَّكَ تَارِكٌۢ بَعْضَ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيْكَ وَضَآئِقٌۢ بِهِۦ صَدْرُكَ أَن يَقُولُوا۟ لَوْلَآ أُنزِلَ عَلَيْهِ كَنزٌ أَوْ جَآءَ مَعَهُۥ مَلَكٌ إِنَّمَآ أَنتَ نَذِيرٌ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ وَكِيلٌ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە چۈشمىدى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە (ئۇنى تەستىقلايدىغان) بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ بىر قىسىمىنى يەتكۈزگۈڭ كەلمەيدىغاندۇ، يەتكۈزۈشتىن يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ، سەن پەقەت (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر(12).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَمْ يَقُولُونَ ٱفْتَرَىٰهُ قُلْ فَأْتُوا۟ بِعَشْرِ سُوَرٍ مِّثْلِهِۦ مُفْتَرَيَٰتٍ وَٱدْعُوا۟ مَنِ ٱسْتَطَعْتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمْ صَٰدِقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار قۇرئاننى(مۇھەممەد) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «(بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن غەيرىي چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، (پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتىن) قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۈرە ئىجاد قىلىپ بېقىڭلار»(13).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَإِلَّمْ يَسْتَجِيبُوا۟ لَكُمْ فَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّمَآ أُنزِلَ بِعِلْمِ ٱللَّهِ وَأَن لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَهَلْ أَنتُم مُّسْلِمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر ئۇلار(بۇ چاقىرىقىڭلارغا) ئاۋاز قوشمىسا، بىلىڭلاركى، قۇرئان ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن نازىل قىلىنغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر ئەمدىغۇ (ئاللاھقا) بويسۇنارسىلەر! (14).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مَن كَانَ يُرِيدُ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيْهِمْ أَعْمَٰلَهُمْ فِيهَا وَهُمْ فِيهَا لَا يُبْخَسُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ - زىننىتىنى(يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ(15).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَيْسَ لَهُمْ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ إِلَّا ٱلنَّارُ وَحَبِطَ مَا صَنَعُوا۟ فِيهَا وَبَٰطِلٌ مَّا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان(ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ(16).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّهِۦ وَيَتْلُوهُ شَاهِدٌ مِّنْهُ وَمِن قَبْلِهِۦ كِتَٰبُ مُوسَىٰٓ إِمَامًا وَرَحْمَةً أُو۟لَٰٓئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِۦ وَمَن يَكْفُرْ بِهِۦ مِنَ ٱلْأَحْزَابِ فَٱلنَّارُ مَوْعِدُهُۥ فَلَا تَكُ فِى مِرْيَةٍ مِّنْهُ إِنَّهُ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىل (يەنى قۇرئان) غا ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (ھاياتىي دۇنيانى كۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟). ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدۇ، قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇساغا نازىل قىلىنغان كىتاب (يەنى تەۋرات) (ئىسرائىل ئەۋلادىغا) يېتەكچى ۋە رەھمەت قىلىپ(نازىل قىلىندى)، ئەنە شۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا (ھەقىقىي) ئىشىنىدۇ، (ھەرقانداق) جامائەدىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دوزاختۇر. قۇرئانغا شەك كەلتۈرمىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ(17).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أُو۟لَٰٓئِكَ يُعْرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمْ وَيَقُولُ ٱلْأَشْهَٰدُ هَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ كَذَبُوا۟ عَلَىٰ رَبِّهِمْ أَلَا لَعْنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار(قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ. گۇۋاھچىلار: «بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)(18).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ٱلَّذِينَ يَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُم بِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ كَٰفِرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر(19).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أُو۟لَٰٓئِكَ لَمْ يَكُونُوا۟ مُعْجِزِينَ فِى ٱلْأَرْضِ وَمَا كَانَ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِنْ أَوْلِيَآءَ يُضَٰعَفُ لَهُمُ ٱلْعَذَابُ مَا كَانُوا۟ يَسْتَطِيعُونَ ٱلسَّمْعَ وَمَا كَانُوا۟ يُبْصِرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەنە شۇلار زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا (ئىگە بولىدىغان) ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ، ئۇلار قاتمۇ-قات ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (ھەقنى) ئاڭلاشقا ۋە (ھەقنى) كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ(20).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَفْتَرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەنە شۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان مەبۇدلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى(21).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
لَا جَرَمَ أَنَّهُمْ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ هُمُ ٱلْأَخْسَرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشەك يوقكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر(22).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَأَخْبَتُوٓا۟ إِلَىٰ رَبِّهِمْ أُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلْجَنَّةِ هُمْ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى ، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا ئاجىزلىق بىلدۈرگەنلەر ـ ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر(23).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مَثَلُ ٱلْفَرِيقَيْنِ كَٱلْأَعْمَىٰ وَٱلْأَصَمِّ وَٱلْبَصِيرِ وَٱلسَّمِيعِ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًا أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(كاپىرلار ۋە مۆمىنلەردىن ئىبارەت) ئىككى پىرقە بار، (بىر پىرقە) ئەماغا ۋە گاسقا ئوخشايدۇ، (يەنە بىر پىرقە بولسا) كۆزى كۆرۈدىغان ، قۇلىقى ئاڭلايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىر ـ بىرىگە ئوخشامدۇ؟ ئىبرەت ئالمامسىلەر؟(24).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِۦٓ إِنِّى لَكُمْ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن(25).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَن لَّا تَعْبُدُوٓا۟ إِلَّا ٱللَّهَ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ أَلِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى(26).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَقَالَ ٱلْمَلَأُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِن قَوْمِهِۦ مَا نَرَىٰكَ إِلَّا بَشَرًا مِّثْلَنَا وَمَا نَرَىٰكَ ٱتَّبَعَكَ إِلَّا ٱلَّذِينَ هُمْ أَرَاذِلُنَا بَادِىَ ٱلرَّأْىِ وَمَا نَرَىٰ لَكُمْ عَلَيْنَا مِن فَضْلٍۭ بَلْ نَظُنُّكُمْ كَٰذِبِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر كاتتىلىرى: «بىزنىڭچە، سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن ، بىزنىڭچە، ئارىمىزدىكى پەس كىشىلەر يەڭگىللىك بىلەن ساڭا ئەگەشكەن، بىزنىڭچە، سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، بەلكى بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز» دېدى(27).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ يَٰقَوْمِ أَرَءَيْتُمْ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّى وَءَاتَىٰنِى رَحْمَةً مِّنْ عِندِهِۦ فَعُمِّيَتْ عَلَيْكُمْ أَنُلْزِمُكُمُوهَا وَأَنتُمْ لَهَا كَٰرِهُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان (دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە (يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، سىلەر ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟(28)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَٰقَوْمِ لَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مَالًا إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِ وَمَآ أَنَا۠ بِطَارِدِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِنَّهُم مُّلَٰقُوا۟ رَبِّهِمْ وَلَٰكِنِّىٓ أَرَىٰكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئى قەۋمىم! سىلەرگە (دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل ـ مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن. (چۈنكى) ئۇلار، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن(29).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَٰقَوْمِ مَن يَنصُرُنِى مِنَ ٱللَّهِ إِن طَرَدتُّهُمْ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟(30).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَآ أَقُولُ لَكُمْ عِندِى خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعْلَمُ ٱلْغَيْبَ وَلَآ أَقُولُ إِنِّى مَلَكٌ وَلَآ أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزْدَرِىٓ أَعْيُنُكُمْ لَن يُؤْتِيَهُمُ ٱللَّهُ خَيْرًا ٱللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا فِىٓ أَنفُسِهِمْ إِنِّىٓ إِذًا لَّمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، غەيبنى بىلىمەن، دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە (ئۆزۈمنى) پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق بەرمەيدۇ دېمەيمەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن»(31).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ يَٰنُوحُ قَدْ جَٰدَلْتَنَا فَأَكْثَرْتَ جِدَٰلَنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار(يەنى نۇھنىڭ قەۋمى): «ئى نۇھ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى(32).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ إِنَّمَا يَأْتِيكُم بِهِ ٱللَّهُ إِن شَآءَ وَمَآ أَنتُم بِمُعْجِزِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇھ ئېيتتى: «ئۇنى (يەنى ئازابنى) ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر(33).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَا يَنفَعُكُمْ نُصْحِىٓ إِنْ أَرَدتُّ أَنْ أَنصَحَ لَكُمْ إِن كَانَ ٱللَّهُ يُرِيدُ أَن يُغْوِيَكُمْ هُوَ رَبُّكُمْ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر»(34).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
أَمْ يَقُولُونَ ٱفْتَرَىٰهُ قُلْ إِنِ ٱفْتَرَيْتُهُۥ فَعَلَىَّ إِجْرَامِى وَأَنَا۠ بَرِىٓءٌ مِّمَّا تُجْرِمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehياكى ئۇلار (يەنى قۇرەيشنىڭ كاپىرلىرى) قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ «ئەگەر ئۇنى مەن ئويدۇرۇپ چىققان بولسام، ئۆز گۇناھىمغا ئۆزۈم مەسئۇل، مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامەن» دېگىن(35).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأُوحِىَ إِلَىٰ نُوحٍ أَنَّهُۥ لَن يُؤْمِنَ مِن قَوْمِكَ إِلَّا مَن قَدْ ءَامَنَ فَلَا تَبْتَئِسْ بِمَا كَانُوا۟ يَفْعَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇھقا (مۇنداق) ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن قايغۇرمىغىن(36).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱصْنَعِ ٱلْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا وَلَا تُخَٰطِبْنِى فِى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ إِنَّهُم مُّغْرَقُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن ، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ»(37).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَصْنَعُ ٱلْفُلْكَ وَكُلَّمَا مَرَّ عَلَيْهِ مَلَأٌ مِّن قَوْمِهِۦ سَخِرُوا۟ مِنْهُ قَالَ إِن تَسْخَرُوا۟ مِنَّا فَإِنَّا نَسْخَرُ مِنكُمْ كَمَا تَسْخَرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇھ كېمە ياساۋاتاتتى، قەۋمىنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ھەر قېتىم ئۆتكەندە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى. نۇھ ئېيتتى: « سىلەر (بۈگۈن) بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار (كېلەچەكتە سىلەر غەرق قىلىنغاندا)، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز(38).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَن يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيْهِ عَذَابٌ مُّقِيمٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehخار قىلغۇچى ئازاب (يەنى توپان بالاسى بىلەن غەرق بولۇش) نىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازاب(يەنى جەھەننەم ئازابى) نىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى كېلەچەكتە بىلىسىلەر»(39).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَمْرُنَا وَفَارَ ٱلتَّنُّورُ قُلْنَا ٱحْمِلْ فِيهَا مِن كُلٍّ زَوْجَيْنِ ٱثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَن سَبَقَ عَلَيْهِ ٱلْقَوْلُ وَمَنْ ءَامَنَ وَمَآ ءَامَنَ مَعَهُۥٓ إِلَّا قَلِيلٌ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(توپان بالاسى توغرىسىدىكى) بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە يەر يۈزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا: «كېمىگە ھايۋاناتلاردىن (ئەركەك، چىشى بولۇپ) بىر جۇپتىن ئېلىۋالغىن، _ ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن ھالاك بولۇشى ھۆكۈم قىلىنغانلار (يەنى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ۋائىلە بىلەن ئوغلى كەنئان) بۇنىڭ سىرتىدا _ ۋە ئىمان ئېيتقانلار بىلەن كېمىگە چىققىن» دېدۇق، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنا كىشىلەر ئىمان ئېيتتى(40).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقَالَ ٱرْكَبُوا۟ فِيهَا بِسْمِ ٱللَّهِ مَجْر۪ىٰهَا وَمُرْسَىٰهَآ إِنَّ رَبِّى لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇھ (ئىمان ئېيتقان تەۋەلىرىگە) ئېيتتى: «كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر»(41).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَهِىَ تَجْرِى بِهِمْ فِى مَوْجٍ كَٱلْجِبَالِ وَنَادَىٰ نُوحٌ ٱبْنَهُۥ وَكَانَ فِى مَعْزِلٍ يَٰبُنَىَّ ٱرْكَب مَّعَنَا وَلَا تَكُن مَّعَ ٱلْكَٰفِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى، نۇھ كېمە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى: «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن» دەپ توۋلىدى(42).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ سَـَٔاوِىٓ إِلَىٰ جَبَلٍ يَعْصِمُنِى مِنَ ٱلْمَآءِ قَالَ لَا عَاصِمَ ٱلْيَوْمَ مِنْ أَمْرِ ٱللَّهِ إِلَّا مَن رَّحِمَ وَحَالَ بَيْنَهُمَا ٱلْمَوْجُ فَكَانَ مِنَ ٱلْمُغْرَقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى(43).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقِيلَ يَٰٓأَرْضُ ٱبْلَعِى مَآءَكِ وَيَٰسَمَآءُ أَقْلِعِى وَغِيضَ ٱلْمَآءُ وَقُضِىَ ٱلْأَمْرُ وَٱسْتَوَتْ عَلَى ٱلْجُودِىِّ وَقِيلَ بُعْدًا لِّلْقَوْمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh«ئى زېمىن! سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت، تارقىغىن» دېيىلدى ، سۇ سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى(44).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَنَادَىٰ نُوحٌ رَّبَّهُۥ فَقَالَ رَبِّ إِنَّ ٱبْنِى مِنْ أَهْلِى وَإِنَّ وَعْدَكَ ٱلْحَقُّ وَأَنتَ أَحْكَمُ ٱلْحَٰكِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇھ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى (سەن ماڭا ئۇلارنىڭ نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان ئىدىڭ)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى(45).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ يَٰنُوحُ إِنَّهُۥ لَيْسَ مِنْ أَهْلِكَ إِنَّهُۥ عَمَلٌ غَيْرُ صَٰلِحٍ فَلَا تَسْـَٔلْنِ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِۦ عِلْمٌ إِنِّىٓ أَعِظُكَ أَن تَكُونَ مِنَ ٱلْجَٰهِلِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ(مەن نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر، سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن»(46).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ رَبِّ إِنِّىٓ أَعُوذُ بِكَ أَنْ أَسْـَٔلَكَ مَا لَيْسَ لِى بِهِۦ عِلْمٌ وَإِلَّا تَغْفِرْ لِى وَتَرْحَمْنِىٓ أَكُن مِّنَ ٱلْخَٰسِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehنۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سىغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن»(47).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قِيلَ يَٰنُوحُ ٱهْبِطْ بِسَلَٰمٍ مِّنَّا وَبَرَكَٰتٍ عَلَيْكَ وَعَلَىٰٓ أُمَمٍ مِّمَّن مَّعَكَ وَأُمَمٌ سَنُمَتِّعُهُمْ ثُمَّ يَمَسُّهُم مِّنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئېيتىلدى (يەنى ئاللاھ ئېيتتى): «ئى نۇھ! ساڭا، سەن بىلەن (كېمىدە) بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى (ھاياتىي دۇنيادىن) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ»(48).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تِلْكَ مِنْ أَنۢبَآءِ ٱلْغَيْبِ نُوحِيهَآ إِلَيْكَ مَا كُنتَ تَعْلَمُهَآ أَنتَ وَلَا قَوْمُكَ مِن قَبْلِ هَٰذَا فَٱصْبِرْ إِنَّ ٱلْعَٰقِبَةَ لِلْمُتَّقِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) ئەنە شۇ (قىسسە) غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى ۋەھىي قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار، سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر(49).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا قَالَ يَٰقَوْمِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُۥٓ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا مُفْتَرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سىلەر(ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن) پەقەت (ئاللاھقا) يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر»(50).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَٰقَوْمِ لَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَى ٱلَّذِى فَطَرَنِىٓ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh«ئى قەۋمىم! مەن تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر سورىمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟»(51)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَٰقَوْمِ ٱسْتَغْفِرُوا۟ رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوٓا۟ إِلَيْهِ يُرْسِلِ ٱلسَّمَآءَ عَلَيْكُم مِّدْرَارًا وَيَزِدْكُمْ قُوَّةً إِلَىٰ قُوَّتِكُمْ وَلَا تَتَوَلَّوْا۟ مُجْرِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh«ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ ـ قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار»(52).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ يَٰهُودُ مَا جِئْتَنَا بِبَيِّنَةٍ وَمَا نَحْنُ بِتَارِكِىٓ ءَالِهَتِنَا عَن قَوْلِكَ وَمَا نَحْنُ لَكَ بِمُؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار ئېيتتى: «ئى ھۇد! سەن بىزگە (ئۆزۈڭنىڭ راستلىقىڭنى كۆرسىتىدىغان) ھېچقانداق روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن بىز ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيمىز ۋە سېنىڭ(پەيغەمبەرلىكىڭگە) ئىشەنمەيمىز(53).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِن نَّقُولُ إِلَّا ٱعْتَرَىٰكَ بَعْضُ ءَالِهَتِنَا بِسُوٓءٍ قَالَ إِنِّىٓ أُشْهِدُ ٱللَّهَ وَٱشْهَدُوٓا۟ أَنِّى بَرِىٓءٌ مِّمَّا تُشْرِكُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز» ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى ، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامەن،(54 ـ ).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مِن دُونِهِۦ فَكِيدُونِى جَمِيعًا ثُمَّ لَا تُنظِرُونِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار( 55).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنِّى تَوَكَّلْتُ عَلَى ٱللَّهِ رَبِّى وَرَبِّكُم مَّا مِن دَآبَّةٍ إِلَّا هُوَ ءَاخِذٌۢ بِنَاصِيَتِهَآ إِنَّ رَبِّى عَلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا مەن تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ)(56).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَقَدْ أَبْلَغْتُكُم مَّآ أُرْسِلْتُ بِهِۦٓ إِلَيْكُمْ وَيَسْتَخْلِفُ رَبِّى قَوْمًا غَيْرَكُمْ وَلَا تَضُرُّونَهُۥ شَيْـًٔا إِنَّ رَبِّى عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ حَفِيظٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار(يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ ماڭا زىيىنى يوق)، سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم (پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر)، پەرۋەردىگارىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، (شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»(57).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَمَّا جَآءَ أَمْرُنَا نَجَّيْنَا هُودًا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ بِرَحْمَةٍ مِّنَّا وَنَجَّيْنَٰهُم مِّنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزنىڭ (ئازابلاش) بۇيرۇقىمىز كەلگەندە، ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى قاتتىق ئازابتىن خالاس قىلدۇق(58).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَتِلْكَ عَادٌ جَحَدُوا۟ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمْ وَعَصَوْا۟ رُسُلَهُۥ وَٱتَّبَعُوٓا۟ أَمْرَ كُلِّ جَبَّارٍ عَنِيدٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى ھەققە قارشىلىق قىلىپ جېدەللەشكۈچى) نىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى(59).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأُتْبِعُوا۟ فِى هَٰذِهِ ٱلدُّنْيَا لَعْنَةً وَيَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ أَلَآ إِنَّ عَادًا كَفَرُوا۟ رَبَّهُمْ أَلَا بُعْدًا لِّعَادٍ قَوْمِ هُودٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى ، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن(60).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَٰلِحًا قَالَ يَٰقَوْمِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُۥ هُوَ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلْأَرْضِ وَٱسْتَعْمَرَكُمْ فِيهَا فَٱسْتَغْفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوٓا۟ إِلَيْهِ إِنَّ رَبِّى قَرِيبٌ مُّجِيبٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن يېقىندۇر، (دۇئانى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر»(61).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ يَٰصَٰلِحُ قَدْ كُنتَ فِينَا مَرْجُوًّا قَبْلَ هَٰذَآ أَتَنْهَىٰنَآ أَن نَّعْبُدَ مَا يَعْبُدُ ءَابَآؤُنَا وَإِنَّنَا لَفِى شَكٍّ مِّمَّا تَدْعُونَآ إِلَيْهِ مُرِيبٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «ئى سالىھ! بۇنىڭدىن بۇرۇن سەن ئارىمىزدا ئۈمىد قىلىنغان كىشى ئىدىڭ (يەنى بۇ سۆزنى ئېيتىشىڭدىن بۇرۇن ئارىمىزدا چوڭ ئادەم بولۇپ قېلىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق)، بىزنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇمسەن؟ شەك شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتەن بىز سەن دەۋەت قىلغان ئىشقا زور گۇماندىمىز» دېيىشتى(62).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ يَٰقَوْمِ أَرَءَيْتُمْ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّى وَءَاتَىٰنِى مِنْهُ رَحْمَةً فَمَن يَنصُرُنِى مِنَ ٱللَّهِ إِنْ عَصَيْتُهُۥ فَمَا تَزِيدُونَنِى غَيْرَ تَخْسِيرٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتى (يەنى پەيغەمبەرلىك) گە سازاۋەر بولسام، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھقا قارشىلىق قىلسام، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (مېنى ئۆزۈڭلارغا ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىش بىلەن) ماڭا پەقەت زىياندىن باشقىسىنى زىيادە قىلالمايسىلەر(63).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَٰقَوْمِ هَٰذِهِۦ نَاقَةُ ٱللَّهِ لَكُمْ ءَايَةً فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِىٓ أَرْضِ ٱللَّهِ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ قَرِيبٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئى قەۋمىم! بۇ ئاللاھ (بىۋاسىتە) ياراتقان چىشى تۆگە سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر، ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارى ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى پات يېقىندا كېلىدىغان ئازاب ھالاك قىلىدۇ»(64).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَعَقَرُوهَا فَقَالَ تَمَتَّعُوا۟ فِى دَارِكُمْ ثَلَٰثَةَ أَيَّامٍ ذَٰلِكَ وَعْدٌ غَيْرُ مَكْذُوبٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، سالىھ ئېيتتى: «ئۆيۈڭلاردا(ھاياتلىقتىن) ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، بۇ ۋەدە يالغان ئەمەس»(65).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَمَّا جَآءَ أَمْرُنَا نَجَّيْنَا صَٰلِحًا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ بِرَحْمَةٍ مِّنَّا وَمِنْ خِزْىِ يَوْمِئِذٍ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلْقَوِىُّ ٱلْعَزِيزُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزنىڭ (ئازاب قىلىش) ئەمرىمىز كەلگەندە، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەھمىتىمىز بىلەن شۇ كۈننىڭ شەرمەندىچىلىكىدىن قۇتقۇزدۇق، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر(66).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَخَذَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ ٱلصَّيْحَةُ فَأَصْبَحُوا۟ فِى دِيَٰرِهِمْ جَٰثِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehزالىملارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى(67).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كَأَن لَّمْ يَغْنَوْا۟ فِيهَآ أَلَآ إِنَّ ثَمُودَا۟ كَفَرُوا۟ رَبَّهُمْ أَلَا بُعْدًا لِّثَمُودَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehگويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك (يەنى ئۇلارنىڭ تۇرغان جايلىرى ئادەمزات تەرىپىدىن ئاۋات قىلىنمىغاندەك) بولۇپ قالدى، بىلىڭلاركى، سەمۇد پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى، سەمۇد ھالاك بولسۇن(68).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَقَدْ جَآءَتْ رُسُلُنَآ إِبْرَٰهِيمَ بِٱلْبُشْرَىٰ قَالُوا۟ سَلَٰمًا قَالَ سَلَٰمٌ فَمَا لَبِثَ أَن جَآءَ بِعِجْلٍ حَنِيذٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇلار: «ساڭا ئامانلىق تىلەيمىز» دېدى. ئىبراھىم : «مەنمۇ سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن» دېدى. ئۇ ئۇزاققا قالماي بىر موزاينى كاۋاپ قىلىپ ئېلىپ كەلدى(69).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَمَّا رَءَآ أَيْدِيَهُمْ لَا تَصِلُ إِلَيْهِ نَكِرَهُمْ وَأَوْجَسَ مِنْهُمْ خِيفَةً قَالُوا۟ لَا تَخَفْ إِنَّآ أُرْسِلْنَآ إِلَىٰ قَوْمِ لُوطٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ) ئۇنىڭغا قول ئۇزاتمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى خوش كۆرمىدى، ئۇلاردىن قورقۇنچ ھېس قىلدى، ئۇلار: «قورقمىغىن (بىز رەببىڭنىڭ پەرىشتىلىرى، تاماق يېمەيمىز)، بىز ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق» دېدى(70).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱمْرَأَتُهُۥ قَآئِمَةٌ فَضَحِكَتْ فَبَشَّرْنَٰهَا بِإِسْحَٰقَ وَمِن وَرَآءِ إِسْحَٰقَ يَعْقُوبَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنىڭ ئايالى (يەنى سارە) بىر تەرەپتە تۇرۇپ (لۇت قەۋمىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىدىن خۇشاللىنىپ) كۈلدى، بىز ئۇنىڭغا (يەنى سارەگە) ئىسھاق (ئاتلىق بالىسى بولىدىغانلىقى) بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيىن كېلىدىغان يەئقۇب (ئاتلىق نەۋرىسى بولىدىغانلىقى) بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق(71).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَتْ يَٰوَيْلَتَىٰٓ ءَأَلِدُ وَأَنَا۠ عَجُوزٌ وَهَٰذَا بَعْلِى شَيْخًا إِنَّ هَٰذَا لَشَىْءٌ عَجِيبٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ (يەنى سارە): «ۋىيەي! مەن بىر موماي تۇرسام، ئېرىم بىر بوۋاي تۇرسا، تۇغامدىمەن؟ بۇ ھەقىقەتەن قىزىق ئىشقۇ!» دېدى(72).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوٓا۟ أَتَعْجَبِينَ مِنْ أَمْرِ ٱللَّهِ رَحْمَتُ ٱللَّهِ وَبَرَكَٰتُهُۥ عَلَيْكُمْ أَهْلَ ٱلْبَيْتِ إِنَّهُۥ حَمِيدٌ مَّجِيدٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن (يەنى قۇدرىتىدىن) ئەجەبلىنەمسەن؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا (يەنى ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە) نازىل بولسۇن. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلاشقا لايىقتۇر» دېدى(73).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَمَّا ذَهَبَ عَنْ إِبْرَٰهِيمَ ٱلرَّوْعُ وَجَآءَتْهُ ٱلْبُشْرَىٰ يُجَٰدِلُنَا فِى قَوْمِ لُوطٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىبراھىمدىن قورقۇنچ يوقالغان ھەمدە خۇشخەۋەر ئۇنىڭغا يەتكەن چاغدا، ئۇ بىز بىلەن لۇتنىڭ قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشكە كىرىشتى(74).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ إِبْرَٰهِيمَ لَحَلِيمٌ أَوَّٰهٌ مُّنِيبٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆڭلى - كۆكسى كەڭ، كۆپ ئاھ چەككۈچى(يەنى دىلى يۇمشاق)، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلغۇچى زاتتۇر(75).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَٰٓإِبْرَٰهِيمُ أَعْرِضْ عَنْ هَٰذَآ إِنَّهُۥ قَدْ جَآءَ أَمْرُ رَبِّكَ وَإِنَّهُمْ ءَاتِيهِمْ عَذَابٌ غَيْرُ مَرْدُودٍ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(پەرىشتىلەر ئېيتتى) «ئى ئىبراھىم! بۇنى (يەنى لۇت قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشنى) قويغىن، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى) ئەمرى ئاللىقاچان چۈشتى، ئۇلارغا چوقۇم (مۇنازىرىلىشىش ياكى شاپائەت قىلىش بىلەن) قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئازاب چۈشىدۇ»(76).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَمَّا جَآءَتْ رُسُلُنَا لُوطًا سِىٓءَ بِهِمْ وَضَاقَ بِهِمْ ذَرْعًا وَقَالَ هَٰذَا يَوْمٌ عَصِيبٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەن چاغدا (لۇت ئۆز قەۋمىنىڭ ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئۇلار توغرىسىدا يۈرىكى سىقىلدى ۋە: «بۇ بىر دىشۋار كۈندۇر» دېدى(77).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَجَآءَهُۥ قَوْمُهُۥ يُهْرَعُونَ إِلَيْهِ وَمِن قَبْلُ كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ قَالَ يَٰقَوْمِ هَٰٓؤُلَآءِ بَنَاتِى هُنَّ أَطْهَرُ لَكُمْ فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَلَا تُخْزُونِ فِى ضَيْفِىٓ أَلَيْسَ مِنكُمْ رَجُلٌ رَّشِيدٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehلۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇرۇنلا يامان ئىشلارنى قىلاتتى (يەنى لىۋاتەت قىلاتتى). لۇت ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ بۇ قىزلىرىم سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىم ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئاراڭلاردا قەبىھ ئىشتىن توسىدىغان بىرەر كاللىسى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟»(78).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا لَنَا فِى بَنَاتِكَ مِنْ حَقٍّ وَإِنَّكَ لَتَعْلَمُ مَا نُرِيدُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (لۇتقا) ئېيتتى: «قىزلىرىڭغا بىزنىڭ ھاجىتىمىز يوق ئىكەنلىكىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، شۇنىڭدەك بىزنىڭ مەقسىتىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىسەن»(79).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ لَوْ أَنَّ لِى بِكُمْ قُوَّةً أَوْ ءَاوِىٓ إِلَىٰ رُكْنٍ شَدِيدٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehلۇت ئېيتتى: «كاشكى مېنىڭ (سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان) كۈچ- قۇۋۋىتىم بولسا ئىدى ياكى ئىلتىجا قىلىدىغان كۈچلۈك جەمەتىم بولسا ئىدى (چوقۇم سىلەرگە زەربە بەرگەن بولاتتىم)»(80).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ يَٰلُوطُ إِنَّا رُسُلُ رَبِّكَ لَن يَصِلُوٓا۟ إِلَيْكَ فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِّنَ ٱلَّيْلِ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنكُمْ أَحَدٌ إِلَّا ٱمْرَأَتَكَ إِنَّهُۥ مُصِيبُهَا مَآ أَصَابَهُمْ إِنَّ مَوْعِدَهُمُ ٱلصُّبْحُ أَلَيْسَ ٱلصُّبْحُ بِقَرِيبٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) چىقىپ كەتكىن. ئايالىڭدىن باشقا، سىلەردىن ھېچ كىشى ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئۇ (يەنى ئايالىڭ) ئۇلار بىلەن بىرگە ھالاك بولغۇچىدۇر، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئازاب چۈشىدىغان چاغ تاڭ ۋاقتىدۇر، تاڭ يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى(81).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَمَّا جَآءَ أَمْرُنَا جَعَلْنَا عَٰلِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهَا حِجَارَةً مِّن سِجِّيلٍ مَّنضُودٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزنىڭ (جازالاش) ئەمرىمىز چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق)، ئۇ يۇرتلارغا بىز ئۈستى ـ ئۈستىلەپ ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق(82).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
مُّسَوَّمَةً عِندَ رَبِّكَ وَمَا هِىَ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ بِبَعِيدٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇ ساپال تاشلارغا پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ئىدى، ئۇ يۇرتلار زالىملار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن يىراق ئەمەس(83).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا قَالَ يَٰقَوْمِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُۥ وَلَا تَنقُصُوا۟ ٱلْمِكْيَالَ وَٱلْمِيزَانَ إِنِّىٓ أَرَىٰكُم بِخَيْرٍ وَإِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ مُّحِيطٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمەديەن (ئەھلى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرمەڭلار، مەن سىلەرنى ھەقىقەتەن باي ھېسابلايمەن، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىنى قورشاپ تۇرغۇچى كۈن(يەنى قىيامەت كۈنى) نىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن(84).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَٰقَوْمِ أَوْفُوا۟ ٱلْمِكْيَالَ وَٱلْمِيزَانَ بِٱلْقِسْطِ وَلَا تَبْخَسُوا۟ ٱلنَّاسَ أَشْيَآءَهُمْ وَلَا تَعْثَوْا۟ فِى ٱلْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئى قەۋمىم! سىلەر ئۆلچەمنى توغرا ئۆلچەڭلار، تارازىنى توغرا تارتىڭلار، كىشىلەرگە نەرسىلەرنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار(85).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
بَقِيَّتُ ٱللَّهِ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيْكُم بِحَفِيظٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ سىلەرگە قالدۇرغان ھالال رىزىق (سىلەر يىغقان ھارامدىن) ياخشىدۇر، ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار. مەن سىلەرگە مۇھاپىزەتچى ئەمەسمەن»(86).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ يَٰشُعَيْبُ أَصَلَوٰتُكَ تَأْمُرُكَ أَن نَّتْرُكَ مَا يَعْبُدُ ءَابَآؤُنَآ أَوْ أَن نَّفْعَلَ فِىٓ أَمْوَٰلِنَا مَا نَشَٰٓؤُا۟ إِنَّكَ لَأَنتَ ٱلْحَلِيمُ ٱلرَّشِيدُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «ئى شۇئەيب! سېنىڭ نامىزىڭ (يەنى دىنىڭ) سېنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) بىزنى تاشلاتقۇزۇشقا ياكى ماللىرىمىزنى خالىغىنىمىزچە تەسەررۇپ قىلىشىمىزنى تەرك ئەتكۈزۈشكە بۇيرۇمدۇ؟ سەن تازىمۇ كۆڭلى ـ كۆكسى كەڭ، تازىمۇ توغرا يول تاپقان ئادەمسەن ـ دە» دېدى(87).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ يَٰقَوْمِ أَرَءَيْتُمْ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّى وَرَزَقَنِى مِنْهُ رِزْقًا حَسَنًا وَمَآ أُرِيدُ أَنْ أُخَالِفَكُمْ إِلَىٰ مَآ أَنْهَىٰكُمْ عَنْهُ إِنْ أُرِيدُ إِلَّا ٱلْإِصْلَٰحَ مَا ٱسْتَطَعْتُ وَمَا تَوْفِيقِىٓ إِلَّا بِٱللَّهِ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، پەرۋەردىگارىم ماڭا روشەن پاكىت (يەنى پەيغەمبەرلىك) ۋە كەڭتاشا ھالال رىزىق ئاتا قىلغان تۇرسا، (مەن شۇنداق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىم؟) سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلىنغان ئىشنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنىلا خالايمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن(88).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَٰقَوْمِ لَا يَجْرِمَنَّكُمْ شِقَاقِىٓ أَن يُصِيبَكُم مِّثْلُ مَآ أَصَابَ قَوْمَ نُوحٍ أَوْ قَوْمَ هُودٍ أَوْ قَوْمَ صَٰلِحٍ وَمَا قَوْمُ لُوطٍ مِّنكُم بِبَعِيدٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ ماڭا قارشى تۇرغانلىقىڭلار سىلەرنى نۇھنىڭ قەۋمى ياكى ھۇدنىڭ قەۋمى ۋە ياكى سالىھنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابقا دۇچار قىلمىسۇن. لۇت قەۋمى (نىڭ دىيارى) سىلەر (نىڭ جايىڭلار) دىن يىراق ئەمەس(89).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱسْتَغْفِرُوا۟ رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوٓا۟ إِلَيْهِ إِنَّ رَبِّى رَحِيمٌ وَدُودٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر»(90).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالُوا۟ يَٰشُعَيْبُ مَا نَفْقَهُ كَثِيرًا مِّمَّا تَقُولُ وَإِنَّا لَنَرَىٰكَ فِينَا ضَعِيفًا وَلَوْلَا رَهْطُكَ لَرَجَمْنَٰكَ وَمَآ أَنتَ عَلَيْنَا بِعَزِيزٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار: «ئى شۇئەيب ! بىز سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ نۇرغۇنىنى چۈشەنمەيمىز. بىز ئەلۋەتتە سېنى ئارىمىزدا كۈچسىز ئادەم دەپ قارايمىز، سېنىڭ قەۋم ـ قېرىنداشلىرىڭ بولمىغاندا ئىدى، بىز سېنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەتتۇق، سەن بىزگە ئەتىۋارلىق ئەمەسسەن» دېدى(91).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
قَالَ يَٰقَوْمِ أَرَهْطِىٓ أَعَزُّ عَلَيْكُم مِّنَ ٱللَّهِ وَٱتَّخَذْتُمُوهُ وَرَآءَكُمْ ظِهْرِيًّا إِنَّ رَبِّى بِمَا تَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ قەۋم -قېرىنداشلىرىم سىلەرگە ئاللاھتىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ سىلەر ئاللاھنى ئارقاڭلارغا چۆرىۋەتتىڭلار (يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىدىڭلار ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلىمىدىڭلار)، پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە تولۇق خەۋەرداردۇر(92).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَيَٰقَوْمِ ٱعْمَلُوا۟ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّى عَٰمِلٌ سَوْفَ تَعْلَمُونَ مَن يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَمَنْ هُوَ كَٰذِبٌ وَٱرْتَقِبُوٓا۟ إِنِّى مَعَكُمْ رَقِيبٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە ئۆز يولۇم بويىچە ھەرىكەت قىلاي! ئۇزاققا قالماي كىمنىڭ رەسۋا قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار! شۈبھىسىزكى، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتىمەن»(93).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَمَّا جَآءَ أَمْرُنَا نَجَّيْنَا شُعَيْبًا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ بِرَحْمَةٍ مِّنَّا وَأَخَذَتِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ ٱلصَّيْحَةُ فَأَصْبَحُوا۟ فِى دِيَٰرِهِمْ جَٰثِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىزنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش) پەرمانىمىز چۈشكەن چاغدا، شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتۇلدۇردۇق، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا قاتتىق ئاۋاز (دىن پەيدا بولغان زىلزىلە) يۈزلەندى، ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى(94).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
كَأَن لَّمْ يَغْنَوْا۟ فِيهَآ أَلَا بُعْدًا لِّمَدْيَنَ كَمَا بَعِدَتْ ثَمُودُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehگويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. مەديەن ئاھالىسى خۇددى سەمۇد قەۋمى ھالاك بولغاندەك ھالاك بولسۇن!(95)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَا وَسُلْطَٰنٍ مُّبِينٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى ئاللاھتىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى(96 ـ 97).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَإِي۟هِۦ فَٱتَّبَعُوٓا۟ أَمْرَ فِرْعَوْنَ وَمَآ أَمْرُ فِرْعَوْنَ بِرَشِيدٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى ئاللاھتىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى(96 ـ 97).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَقْدُمُ قَوْمَهُۥ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ فَأَوْرَدَهُمُ ٱلنَّارَ وَبِئْسَ ٱلْوِرْدُ ٱلْمَوْرُودُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپىرئەۋن قىيامەت كۈنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قەۋمىنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ، ئۇ جاي نېمىدېگەن يامان!(98)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأُتْبِعُوا۟ فِى هَٰذِهِۦ لَعْنَةً وَيَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ بِئْسَ ٱلرِّفْدُ ٱلْمَرْفُودُ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار بۇ دۇنيادىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن (ئىككىلا دۇنيادا لەنەتكە ئۇچراشتىن ئىبارەت) بۇ سوۋغا نېمىدېگەن يامان!(99)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
ذَٰلِكَ مِنْ أَنۢبَآءِ ٱلْقُرَىٰ نَقُصُّهُۥ عَلَيْكَ مِنْهَا قَآئِمٌ وَحَصِيدٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehمانا بۇلار (ئاھالىسىنى بىز ھالاك قىلغان) يۇرتلارنىڭ خەۋەرلىرىدۇر، ئۇنى ساڭا (ۋەھىي ئارقىلىق) بايان قىلىمىز. ئۇ يۇرتلاردىن ئىزى قالغانلىرىمۇ بار (يەنى ئاھالىسى ھالاك قىلىنىپ، يۇرتلىرىنىڭ ئورنى قالدۇرۇلغانلىرىمۇ بار)، ئىزى قالمىغانلىرىمۇ بار (يەنى ئاھالىسى بىلەن قوشۇپ ئورۇۋېتىلگەن زىرائەتتەك ۋەيران قىلىنغانلىرىمۇ بار)(100).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا ظَلَمْنَٰهُمْ وَلَٰكِن ظَلَمُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ فَمَآ أَغْنَتْ عَنْهُمْ ءَالِهَتُهُمُ ٱلَّتِى يَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مِن شَىْءٍ لَّمَّا جَآءَ أَمْرُ رَبِّكَ وَمَا زَادُوهُمْ غَيْرَ تَتْبِيبٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش) پەرمانى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، ئۇلارغا پەقەت زىيان سالدى(101).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَكَذَٰلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَآ أَخَذَ ٱلْقُرَىٰ وَهِىَ ظَٰلِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُۥٓ أَلِيمٌ شَدِيدٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر(102).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً لِّمَنْ خَافَ عَذَابَ ٱلْـَٔاخِرَةِ ذَٰلِكَ يَوْمٌ مَّجْمُوعٌ لَّهُ ٱلنَّاسُ وَذَٰلِكَ يَوْمٌ مَّشْهُودٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ (قىسسە) دىن، ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق(ھېساب بېرىش ئۈچۈن) يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر(103).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا نُؤَخِّرُهُۥٓ إِلَّا لِأَجَلٍ مَّعْدُودٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇنى (يەنى قىيامەت كۈنىنى) بىز مۇئەييەن مۇددەتكىچە تەخىر قىلىمىز(104).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
يَوْمَ يَأْتِ لَا تَكَلَّمُ نَفْسٌ إِلَّا بِإِذْنِهِۦ فَمِنْهُمْ شَقِىٌّ وَسَعِيدٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehقىيامەت كۈنى بولغاندا، ھەرقانداق ئادەم پەقەت ئاللاھتىن ئىجازەت بولغاندىلا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەتبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ(105).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ شَقُوا۟ فَفِى ٱلنَّارِ لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَشَهِيقٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehبەتبەختلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، ئۇلار دوزاختا (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) توۋلاپ نالە ـ پەرياد چېكىدۇ(106).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
خَٰلِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلْأَرْضُ إِلَّا مَا شَآءَ رَبُّكَ إِنَّ رَبَّكَ فَعَّالٌ لِّمَا يُرِيدُ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(دوزاخنىڭ) ئاسمان ـ زېمىنى يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار دوزاختا پەرۋەردىگارىڭ خالىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر(107).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ سُعِدُوا۟ فَفِى ٱلْجَنَّةِ خَٰلِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلْأَرْضُ إِلَّا مَا شَآءَ رَبُّكَ عَطَآءً غَيْرَ مَجْذُوذٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسائادەتمەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، (جەننەتنىڭ) ئاسمان ـ زېمىنى يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار جەننەتتە پەرۋەردىگارىڭ خالىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ ،(بۇ ئۇلارغا قىلىنغان) ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئىنئامدۇر(108).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَا تَكُ فِى مِرْيَةٍ مِّمَّا يَعْبُدُ هَٰٓؤُلَآءِ مَا يَعْبُدُونَ إِلَّا كَمَا يَعْبُدُ ءَابَآؤُهُم مِّن قَبْلُ وَإِنَّا لَمُوَفُّوهُمْ نَصِيبَهُمْ غَيْرَ مَنقُوصٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشىنىڭ (گۇمراھلىق) ئىكەنلىكىدىن شەكلەنمە ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ بىز ساڭا قىسسەسىنى بايان قىلغان ئاتا ـ بوۋىلىرىغا ئوخشاشلا چوقۇنىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ (ئازابتىن) تېگىشلىك نېسىۋىسىنى چوقۇم كېمەيتمەي بېرىمىز(109).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَٰبَ فَٱخْتُلِفَ فِيهِ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِن رَّبِّكَ لَقُضِىَ بَيْنَهُمْ وَإِنَّهُمْ لَفِى شَكٍّ مِّنْهُ مُرِيبٍ
Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاپ (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق، ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىندى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمى بۇ كىتاب ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشتى). پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىن چىقارغان (ئۇلارنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇش ھەققىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇشۇ دۇنيادىلا ياخشىغا ياخشىچە، يامانغا يامانچە) چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىلاتتى. ھەقىقەتەن ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) زور گۇماندىدۇر(110).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَإِنَّ كُلًّا لَّمَّا لَيُوَفِّيَنَّهُمْ رَبُّكَ أَعْمَٰلَهُمْ إِنَّهُۥ بِمَا يَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭ ھەر بىر ئادەمگە ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ، ئاللاھ ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر(111).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَٱسْتَقِمْ كَمَآ أُمِرْتَ وَمَن تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطْغَوْا۟ إِنَّهُۥ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. (مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ) ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(112).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَا تَرْكَنُوٓا۟ إِلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ فَتَمَسَّكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِنْ أَوْلِيَآءَ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehزالىملارغا مايىل بولماڭلار، (مايىل بولساڭلار) دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر(113).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ طَرَفَىِ ٱلنَّهَارِ وَزُلَفًا مِّنَ ٱلَّيْلِ إِنَّ ٱلْحَسَنَٰتِ يُذْهِبْنَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ ذَٰلِكَ ذِكْرَىٰ لِلذَّٰكِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە (يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا) ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر(114).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱصْبِرْ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ ٱلْمُحْسِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ(115).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
فَلَوْلَا كَانَ مِنَ ٱلْقُرُونِ مِن قَبْلِكُمْ أُو۟لُوا۟ بَقِيَّةٍ يَنْهَوْنَ عَنِ ٱلْفَسَادِ فِى ٱلْأَرْضِ إِلَّا قَلِيلًا مِّمَّنْ أَنجَيْنَا مِنْهُمْ وَٱتَّبَعَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مَآ أُتْرِفُوا۟ فِيهِ وَكَانُوا۟ مُجْرِمِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا (يامانلارنى) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىگىلىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزغۇنچىلىقنى توسۇپ، بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەيش ـ ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ. ئۇلار گۇناھكار ئادەملەردۇر(116).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهْلِكَ ٱلْقُرَىٰ بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا مُصْلِحُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىڭ ئاھالىسى ئىسلىھاتچى بولغان يۇرتلارنى زۇلۇم سېلىپ ھالاك قىلمايدۇ(117).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلَوْ شَآءَ رَبُّكَ لَجَعَلَ ٱلنَّاسَ أُمَّةً وَٰحِدَةً وَلَا يَزَالُونَ مُخْتَلِفِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، ئۇلار(دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئوخشىمىغان پىكىردىدۇر، (118)
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
إِلَّا مَن رَّحِمَ رَبُّكَ وَلِذَٰلِكَ خَلَقَهُمْ وَتَمَّتْ كَلِمَةُ رَبِّكَ لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ ٱلْجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ أَجْمَعِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehپەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى (ئوخشىمىغان پىكىر قىلىش تەبىئىتىدە) ياراتتى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ: «مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى ئېنىق بەلگىلەندى( 119).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَكُلًّا نَّقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنۢبَآءِ ٱلرُّسُلِ مَا نُثَبِّتُ بِهِۦ فُؤَادَكَ وَجَآءَكَ فِى هَٰذِهِ ٱلْحَقُّ وَمَوْعِظَةٌ وَذِكْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehكۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇ قىسسىلەر ھەقىقەتنى، مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت، ئىبرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (120).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَقُل لِّلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ ٱعْمَلُوا۟ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنَّا عَٰمِلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلايلى(121).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَٱنتَظِرُوٓا۟ إِنَّا مُنتَظِرُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehسىلەر (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە (شۇنى) كۈتىمىز»(122).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
وَلِلَّهِ غَيْبُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَإِلَيْهِ يُرْجَعُ ٱلْأَمْرُ كُلُّهُۥ فَٱعْبُدْهُ وَتَوَكَّلْ عَلَيْهِ وَمَا رَبُّكَ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن). پەرۋەردىگارىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر(123).
بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
→