caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

المائدة سۈرىسى، 5-ئايەت

مەدىنە · چۈشۈش تەرتىپى 112 · 5:5

ٱلْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَٰتُ وَطَعَامُ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ حِلٌّ لَّكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَّهُمْ وَٱلْمُحْصَنَٰتُ مِنَ ٱلْمُؤْمِنَٰتِ وَٱلْمُحْصَنَٰتُ مِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ مِن قَبْلِكُمْ إِذَآ ءَاتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَٰفِحِينَ وَلَا مُتَّخِذِىٓ أَخْدَانٍ وَمَن يَكْفُرْ بِٱلْإِيمَٰنِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُۥ وَهُوَ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ مِنَ ٱلْخَٰسِرِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. مۆمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا ـ يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا (ئۇلارنى ئالساڭلار)، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر. كىمكى ئىماندىن يېنىۋالىدىكەن (ياكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن)، ئۇنىڭ ئەمەلى (نىڭ ساۋابى) يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ(5).
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70