لَّيْسَ عَلَيْكَ هُدَىٰهُمْ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهْدِى مَن يَشَآءُ وَمَا تُنفِقُوا۟ مِنْ خَيْرٍ فَلِأَنفُسِكُمْ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ٱبْتِغَآءَ وَجْهِ ٱللَّهِ وَمَا تُنفِقُوا۟ مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ـ ئېھسان قىلىسىلەر (خەير ـ ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)(272).