caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

الممتحنة سۈرىسى الممتحنة

13 ئايەت · مەدىنە · چۈشۈش تەرتىپى 91

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَتَّخِذُوا۟ عَدُوِّى وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَآءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِم بِٱلْمَوَدَّةِ وَقَدْ كَفَرُوا۟ بِمَا جَآءَكُم مِّنَ ٱلْحَقِّ يُخْرِجُونَ ٱلرَّسُولَ وَإِيَّاكُمْ أَن تُؤْمِنُوا۟ بِٱللَّهِ رَبِّكُمْ إِن كُنتُمْ خَرَجْتُمْ جِهَٰدًا فِى سَبِيلِى وَٱبْتِغَآءَ مَرْضَاتِى تُسِرُّونَ إِلَيْهِم بِٱلْمَوَدَّةِ وَأَنَا۠ أَعْلَمُ بِمَآ أَخْفَيْتُمْ وَمَآ أَعْلَنتُمْ وَمَن يَفْعَلْهُ مِنكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى مۆمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ(1).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِن يَثْقَفُوكُمْ يَكُونُوا۟ لَكُمْ أَعْدَآءً وَيَبْسُطُوٓا۟ إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ وَأَلْسِنَتَهُم بِٱلسُّوٓءِ وَوَدُّوا۟ لَوْ تَكْفُرُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر ئۇلار سىلەرنى يەڭسە سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، سىلەرنى تىللايدۇ، سىلەرنىڭ مۇرتەد بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ(2).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَن تَنفَعَكُمْ أَرْحَامُكُمْ وَلَآ أَوْلَٰدُكُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ يَفْصِلُ بَيْنَكُمْ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehقىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئاراڭلارنى ئايرىۋېتىدۇ (يەنى سىلەر جەننەتتە بولساڭلار، ئۇلار كۇففارلارنىڭ قاتارىدا دوزاختا بولىدۇ)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(3).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِىٓ إِبْرَٰهِيمَ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥٓ إِذْ قَالُوا۟ لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَءَٰٓؤُا۟ مِنكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ ٱلْعَدَٰوَةُ وَٱلْبَغْضَآءُ أَبَدًا حَتَّىٰ تُؤْمِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَحْدَهُۥٓ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَٰهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَآ أَمْلِكُ لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن شَىْءٍ رَّبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ ٱلْمَصِيرُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان (مۆمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىرىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى. لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر(4).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَٱغْفِرْ لَنَا رَبَّنَآ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ

Uyghur Translation - Muhammad Salehپەرۋەردىگارىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن (ئۇلار بىزگە ھۆكۈمران بولۇپ، بىزنى كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئازاب بىلەن دىنىمىزدىن چىقارمىسۇن)، پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»(5).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلْيَوْمَ ٱلْـَٔاخِرَ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْغَنِىُّ ٱلْحَمِيدُ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى!) ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر سىلەرگە، ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى نەمۇنىدۇر، كىمكى (ئىمانىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ (ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنداقلاردىن) بىھاجەتتۇر، (ئاللاھ) مەدھىيەگە لايىقتۇر(6).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

عَسَى ٱللَّهُ أَن يَجْعَلَ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَ ٱلَّذِينَ عَادَيْتُم مِّنْهُم مَّوَدَّةً وَٱللَّهُ قَدِيرٌ وَٱللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبەلكىم ئاللاھ سىلەر بىلەن سىلەر ئۆچ كۆرۈدىغان ئادەملەر ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(7).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

لَّا يَنْهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ لَمْ يُقَٰتِلُوكُمْ فِى ٱلدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمْ أَن تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوٓا۟ إِلَيْهِمْ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُقْسِطِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ(8).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

إِنَّمَا يَنْهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ قَٰتَلُوكُمْ فِى ٱلدِّينِ وَأَخْرَجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمْ وَظَٰهَرُوا۟ عَلَىٰٓ إِخْرَاجِكُمْ أَن تَوَلَّوْهُمْ وَمَن يَتَوَلَّهُمْ فَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر(9).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا جَآءَكُمُ ٱلْمُؤْمِنَٰتُ مُهَٰجِرَٰتٍ فَٱمْتَحِنُوهُنَّ ٱللَّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَٰنِهِنَّ فَإِنْ عَلِمْتُمُوهُنَّ مُؤْمِنَٰتٍ فَلَا تَرْجِعُوهُنَّ إِلَى ٱلْكُفَّارِ لَا هُنَّ حِلٌّ لَّهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّ وَءَاتُوهُم مَّآ أَنفَقُوا۟ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ أَن تَنكِحُوهُنَّ إِذَآ ءَاتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ وَلَا تُمْسِكُوا۟ بِعِصَمِ ٱلْكَوَافِرِ وَسْـَٔلُوا۟ مَآ أَنفَقْتُمْ وَلْيَسْـَٔلُوا۟ مَآ أَنفَقُوا۟ ذَٰلِكُمْ حُكْمُ ٱللَّهِ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى مۆمىنلەر! سىلەرگە مۆمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى (سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۆمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار، ئۇلارغا بەرگەن مەھرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كاپىرلارمۇ (ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىن ئاياللىرىغا بەرگەن) مەھرىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەنە شۇ. ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(10).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

وَإِن فَاتَكُمْ شَىْءٌ مِّنْ أَزْوَٰجِكُمْ إِلَى ٱلْكُفَّارِ فَعَاقَبْتُمْ فَـَٔاتُوا۟ ٱلَّذِينَ ذَهَبَتْ أَزْوَٰجُهُم مِّثْلَ مَآ أَنفَقُوا۟ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ٱلَّذِىٓ أَنتُم بِهِۦ مُؤْمِنُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئەگەر سىلەرنىڭ بەزى ئاياللىرىڭلار كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، (كاپىرلار بىلەن) ئۇرۇشۇپ غەنىيمەت ئالغان ۋاقتىڭلاردا، ئاياللىرى كاپىرلارغا كىرىپ كەتكەن كىشىلەرگە (غەنىيمەتتىن) ئۇلارنىڭ بەرگەن مەھرىنىڭ مىقدارىنى بېرىڭلار (يەنى مۇسۇلمانلاردىن بىرىنىڭ ئايالى كۇففارلار تەرەپكە قېچىپ كەتسە، سىلەر كۇففارلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئالغان غەنىيمەت مالدىن مەزكۇر ئايالنىڭ ئېرىگە مەھرى مىقدارى مال بېرىڭلار)، سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار(11).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ إِذَا جَآءَكَ ٱلْمُؤْمِنَٰتُ يُبَايِعْنَكَ عَلَىٰٓ أَن لَّا يُشْرِكْنَ بِٱللَّهِ شَيْـًٔا وَلَا يَسْرِقْنَ وَلَا يَزْنِينَ وَلَا يَقْتُلْنَ أَوْلَٰدَهُنَّ وَلَا يَأْتِينَ بِبُهْتَٰنٍ يَفْتَرِينَهُۥ بَيْنَ أَيْدِيهِنَّ وَأَرْجُلِهِنَّ وَلَا يَعْصِينَكَ فِى مَعْرُوفٍ فَبَايِعْهُنَّ وَٱسْتَغْفِرْ لَهُنَّ ٱللَّهَ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىز بالىلىرىنى نومۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا (يەنى يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا ۋەدە بەرسە)، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(12).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَتَوَلَّوْا۟ قَوْمًا غَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيْهِمْ قَدْ يَئِسُوا۟ مِنَ ٱلْـَٔاخِرَةِ كَمَا يَئِسَ ٱلْكُفَّارُ مِنْ أَصْحَٰبِ ٱلْقُبُورِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئى مۆمىنلەر! ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ (ساۋابىدىن) قەبرىلىرىدە ياتقان كۇففارلار ئۈمىدىنى ئۈزگەندەك ھەقىقەتەن ئۈمىدىنى ئۈزدى(13).

بۇ ئايەتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈش →

تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70