بِئْسَمَا ٱشْتَرَوْا۟ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمْ أَن يَكْفُرُوا۟ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بَغْيًا أَن يُنَزِّلَ ٱللَّهُ مِن فَضْلِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ فَبَآءُو بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٍ وَلِلْكَٰفِرِينَ عَذَابٌ مُّهِينٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehيەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى (ئىمانىنى) كۇفرىغا سېتىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە تېگىشلىك بولدى. كاپىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ(90).