caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

الأعراف سۈرىسى، 43-ئايەت

مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 39 · 7:43

وَنَزَعْنَا مَا فِى صُدُورِهِم مِّنْ غِلٍّ تَجْرِى مِن تَحْتِهِمُ ٱلْأَنْهَٰرُ وَقَالُوا۟ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى هَدَىٰنَا لِهَٰذَا وَمَا كُنَّا لِنَهْتَدِىَ لَوْلَآ أَنْ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ لَقَدْ جَآءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِٱلْحَقِّ وَنُودُوٓا۟ أَن تِلْكُمُ ٱلْجَنَّةُ أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئاغرىق ـ ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ›› دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ)(43).
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70