وَهُوَ ٱلَّذِىٓ أَنشَأَ جَنَّٰتٍ مَّعْرُوشَٰتٍ وَغَيْرَ مَعْرُوشَٰتٍ وَٱلنَّخْلَ وَٱلزَّرْعَ مُخْتَلِفًا أُكُلُهُۥ وَٱلزَّيْتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُتَشَٰبِهًا وَغَيْرَ مُتَشَٰبِهٍ كُلُوا۟ مِن ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثْمَرَ وَءَاتُوا۟ حَقَّهُۥ يَوْمَ حَصَادِهِۦ وَلَا تُسْرِفُوٓا۟ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلْمُسْرِفِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانلىرى (رەڭگى، تەمى، ھەجمى ۋە پۇرىقى) بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى. مېۋىسى پىشقاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ(141).