caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

الحديد سۈرىسى، 20-ئايەت

مەدىنە · چۈشۈش تەرتىپى 94 · 57:20

ٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّمَا ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ وَزِينَةٌ وَتَفَاخُرٌۢ بَيْنَكُمْ وَتَكَاثُرٌ فِى ٱلْأَمْوَٰلِ وَٱلْأَوْلَٰدِ كَمَثَلِ غَيْثٍ أَعْجَبَ ٱلْكُفَّارَ نَبَاتُهُۥ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَىٰهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَكُونُ حُطَٰمًا وَفِى ٱلْـَٔاخِرَةِ عَذَابٌ شَدِيدٌ وَمَغْفِرَةٌ مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضْوَٰنٌ وَمَا ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَآ إِلَّا مَتَٰعُ ٱلْغُرُورِ

Uyghur Translation - Muhammad Salehبىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، (كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇ - زىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل ـ مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، (بىرەر قېتىم يېغىش بىلەن ئۆستۈرگەن) ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر(20).
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70