caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

القصص سۈرىسى، 29-ئايەت

مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 49 · 28:29

فَلَمَّا قَضَىٰ مُوسَى ٱلْأَجَلَ وَسَارَ بِأَهْلِهِۦٓ ءَانَسَ مِن جَانِبِ ٱلطُّورِ نَارًا قَالَ لِأَهْلِهِ ٱمْكُثُوٓا۟ إِنِّىٓ ءَانَسْتُ نَارًا لَّعَلِّىٓ ءَاتِيكُم مِّنْهَا بِخَبَرٍ أَوْ جَذْوَةٍ مِّنَ ٱلنَّارِ لَعَلَّكُمْ تَصْطَلُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehمۇسا (ئۆز ئارا كېلىشكەن) مۇددەتنى (يەنى كېلىشكەن مۇددەتنىڭ تولۇقراقى بولغان ئون يىلنى) توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ (مىسىرغا قاراپ) يولغا چىقتى، ئۇ تۇر تېغى تەرىپىدە ئوت كۆردى، ئۇ ئايالىغا: «شۈبھىسىزكى، مەن (يىراقتىن) ئوت كۆردۈم، ئۇ يەردىن مەن سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، يا سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى (مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئوت ئەمەس نۇر ئىكەنلىكىنى بىلدى)(29).
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70