caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

البقرة سۈرىسى، 248-ئايەت

مەدىنە · چۈشۈش تەرتىپى 87 · 2:248

وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ ءَايَةَ مُلْكِهِۦٓ أَن يَأْتِيَكُمُ ٱلتَّابُوتُ فِيهِ سَكِينَةٌ مِّن رَّبِّكُمْ وَبَقِيَّةٌ مِّمَّا تَرَكَ ءَالُ مُوسَىٰ وَءَالُ هَٰرُونَ تَحْمِلُهُ ٱلْمَلَٰٓئِكَةُ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً لَّكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيتتىكى: «ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، سىلەرگە بىر ساندۇق كېلىدۇ، ئۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ، ھارۇننىڭ تەۋەلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەر (مۇسانىڭ ھاسىسى، كىيىمى ۋە تەۋرات يېزىلغان بەزى تاختىلار) قاچىلانغان بولىدۇ، ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر (ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان) بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى ساندۇقنىڭ نازىل بولۇشىدا ئاللاھنىڭ تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھلىققا تاللىغانلىقىغا) ئەلۋەتتە سىلەر ئۈچۈن (روشەن) ئالامەت بار»(248).
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70