caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

البقرة سۈرىسى، 217-ئايەت

مەدىنە · چۈشۈش تەرتىپى 87 · 2:217

يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلشَّهْرِ ٱلْحَرَامِ قِتَالٍ فِيهِ قُلْ قِتَالٌ فِيهِ كَبِيرٌ وَصَدٌّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَكُفْرٌۢ بِهِۦ وَٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ وَإِخْرَاجُ أَهْلِهِۦ مِنْهُ أَكْبَرُ عِندَ ٱللَّهِ وَٱلْفِتْنَةُ أَكْبَرُ مِنَ ٱلْقَتْلِ وَلَا يَزَالُونَ يُقَٰتِلُونَكُمْ حَتَّىٰ يَرُدُّوكُمْ عَن دِينِكُمْ إِنِ ٱسْتَطَٰعُوا۟ وَمَن يَرْتَدِدْ مِنكُمْ عَن دِينِهِۦ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُو۟لَٰٓئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَٰلُهُمْ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ وَأُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلنَّارِ هُمْ فِيهَا خَٰلِدُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: «ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، مەسجىدى ھەرەمدە (ئىبادەت قىلىشتىن) توسۇش ۋە مەسجىدى ھەرەمدىن ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، پىتنە (يەنى مۆمىنلەرگە زىيانكەشلىق قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر». ئۇلار (يەنى كۇففارلار) قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر(217).
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70