caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

الأعراف سۈرىسى، 54-ئايەت

مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 39 · 7:54

إِنَّ رَبَّكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ فِى سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ ٱسْتَوَىٰ عَلَى ٱلْعَرْشِ يُغْشِى ٱلَّيْلَ ٱلنَّهَارَ يَطْلُبُهُۥ حَثِيثًا وَٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ وَٱلنُّجُومَ مُسَخَّرَٰتٍۭ بِأَمْرِهِۦٓ أَلَا لَهُ ٱلْخَلْقُ وَٱلْأَمْرُ تَبَارَكَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَٰلَمِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. ئاللاھ كېچە بىلەن (كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر ـ بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ)؛ ئاللاھ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر(54).
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70