ذَٰلِكَ ٱلَّذِى يُبَشِّرُ ٱللَّهُ عِبَادَهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ قُل لَّآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا إِلَّا ٱلْمَوَدَّةَ فِى ٱلْقُرْبَىٰ وَمَن يَقْتَرِفْ حَسَنَةً نَّزِدْ لَهُۥ فِيهَا حُسْنًا إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ شَكُورٌ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ. «(دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلارنى (يەنى پەرۋەردىگارىمنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈشۈمگە چېقىلماسلىقىڭلارنى) تىلەيمەن» دېگىن، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر(23).