وَإِنَّ مِنْ أَهْلِ ٱلْكِتَٰبِ لَمَن يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْكُمْ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْهِمْ خَٰشِعِينَ لِلَّهِ لَا يَشْتَرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا أُو۟لَٰٓئِكَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ)، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر(199).