caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

الأنفال سۈرىسى، 17-ئايەت

مەدىنە · چۈشۈش تەرتىپى 88 · 8:17

فَلَمْ تَقْتُلُوهُمْ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ قَتَلَهُمْ وَمَا رَمَيْتَ إِذْ رَمَيْتَ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ رَمَىٰ وَلِيُبْلِىَ ٱلْمُؤْمِنِينَ مِنْهُ بَلَآءً حَسَنًا إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

Uyghur Translation - Muhammad Saleh(ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) ئاللاھ ئۆلتۈردى. (ئى مۇھەممەد! بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە (ساۋاب، غەلىبە، غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(17).
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70