caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

الزمر سۈرىسى، 71-ئايەت

مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 59 · 39:71

وَسِيقَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِلَىٰ جَهَنَّمَ زُمَرًا حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوهَا فُتِحَتْ أَبْوَٰبُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَآ أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِّنكُمْ يَتْلُونَ عَلَيْكُمْ ءَايَٰتِ رَبِّكُمْ وَيُنذِرُونَكُمْ لِقَآءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا قَالُوا۟ بَلَىٰ وَلَٰكِنْ حَقَّتْ كَلِمَةُ ٱلْعَذَابِ عَلَى ٱلْكَٰفِرِينَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehكاپىرلار جەھەننەمگە توپ ـ توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ(71).
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70