caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

العنكبوت سۈرىسى، 17-ئايەت

مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 85 · 29:17

إِنَّمَا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوْثَٰنًا وَتَخْلُقُونَ إِفْكًا إِنَّ ٱلَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَمْلِكُونَ لَكُمْ رِزْقًا فَٱبْتَغُوا۟ عِندَ ٱللَّهِ ٱلرِّزْقَ وَٱعْبُدُوهُ وَٱشْكُرُوا۟ لَهُۥٓ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ

Uyghur Translation - Muhammad Salehئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىسىلەر (بۇتلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغانسىلەر، بۇتلارنىڭ قولىدىن پايدا ـ زىيان كەلمەيدۇ) ۋە يالغاننىلا ئويدۇرىسىلەر، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار (يەنى بۇتلار) سىلەرگە رىزىق بېرىشكە قادىر ئەمەس، رىزىقنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەلەپ قىلىڭلار (رىزىق بېرىشكە پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزى قادىردۇر)، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر(17).
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70