وَمَكَرُوا۟ وَمَكَرَ ٱللَّهُ وَٱللَّهُ خَيْرُ ٱلْمَٰكِرِينَ
Uyghur Translation - Muhammad Salehئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر(54).