caseriqقۇرئاندا مەنە بويىچە ئىزدەش

يوسف سۈرىسى، 6-ئايەت

مەككە · چۈشۈش تەرتىپى 53 · 12:6

وَكَذَٰلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِن تَأْوِيلِ ٱلْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُۥ عَلَيْكَ وَعَلَىٰٓ ءَالِ يَعْقُوبَ كَمَآ أَتَمَّهَا عَلَىٰٓ أَبَوَيْكَ مِن قَبْلُ إِبْرَٰهِيمَ وَإِسْحَٰقَ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ

Uyghur Translation - Muhammad Salehشۇنىڭغا (يەنى ساڭا ئۇلۇغ چۈش كۆرسەتكىنىگە) ئوخشاش، پەرۋەردىگارىڭ سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(6).
تېما ئىزدەۋاتامسىز؟ مەنە بويىچە ئىزدەشنى سىناڭ — سوئالىڭىز 6236 ئايەتتىن ئىزدىلىدۇ.
تىل — 70